ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
54 : 18

وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَا فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ لِلنَّاسِ مِن كُلِّ مَثَلٖۚ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ أَكۡثَرَ شَيۡءٖ جَدَلٗا

بىز ئىنسانلارنىڭ پەند - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئاندا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق، لېكىن ئىنسان -بولۇپمۇ كاپىرلار- ئاساسسىز دەتالاشنى كۆپ قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 18

وَمَا مَنَعَ ٱلنَّاسَ أَن يُؤۡمِنُوٓاْ إِذۡ جَآءَهُمُ ٱلۡهُدَىٰ وَيَسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّهُمۡ إِلَّآ أَن تَأۡتِيَهُمۡ سُنَّةُ ٱلۡأَوَّلِينَ أَوۡ يَأۡتِيَهُمُ ٱلۡعَذَابُ قُبُلٗا

بويۇنتاۋ كاپىرلار بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتىشنىڭ ئارىسىنى، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەشنىڭ ئارىسىنى توسۇۋالغان نەرسە ھەرگىزمۇ كونكرېت باياننىڭ كەملىكى ئەمەس. چۈنكى قۇرئاندا ئۇلارغا نۇرغۇن مىساللار بايان قىلىندى، ئۇلارغا روشەن دەلىل - پاكىتلار كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى توسۇپ قالغىنى ئۇلارنىڭ -تار يەردە قىستاش مەقسىتىدە- ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە چۈشكەن ئازابنى ئۆزلىرىگىمۇ چۈشۈرۈشنى ھەمدە ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
56 : 18

وَمَا نُرۡسِلُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَۚ وَيُجَٰدِلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِٱلۡبَٰطِلِ لِيُدۡحِضُواْ بِهِ ٱلۡحَقَّۖ وَٱتَّخَذُوٓاْ ءَايَٰتِي وَمَآ أُنذِرُواْ هُزُوٗا

بىز قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسەك، ئۇنى پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ئىتائەت قىلغانلارغا خۇشخەۋەر بەرگۈچى، كاپىر ۋە ئاسىيلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. پەيغەمبەرلەرنىڭ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى باشقۇرۇپ، ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدىغان ھوقۇقى يوق. ئاللاھقا كاپىر بولغانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ دەلىللىرى شۇنچىۋالا روشەن تۇرسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ سەپسەتىلىرى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ھەقنى يوقاتقىلى، قۇرئاننى ھەمدە ئۇلار تەھدىت قىلىنغان ئازابنى كۈلكە - چاقچاققا ئايلاندۇرغىلى بولارمىكىن دەپ ئۇلار بىلەن دەتالاش قىلىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 18

وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن ذُكِّرَ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِۦ فَأَعۡرَضَ عَنۡهَا وَنَسِيَ مَا قَدَّمَتۡ يَدَاهُۚ إِنَّا جَعَلۡنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ أَكِنَّةً أَن يَفۡقَهُوهُ وَفِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَقۡرٗاۖ وَإِن تَدۡعُهُمۡ إِلَى ٱلۡهُدَىٰ فَلَن يَهۡتَدُوٓاْ إِذًا أَبَدٗا

پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا، ئۇنىڭدىكى ئازاب تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلماستىن پەند - نەسىھەت ئېلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن ھەمدە دۇنيا ھاياتىدا قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ، تەۋبە قىلمىغان ئادەمدىنمۇ زالىمراق بىرى بارمۇ؟ شەكسىزكى بىز مۇشۇنداق سۈپەتلىك كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە قۇرئاننى چۈشىنىشتىن چەكلەيدىغان پەردىلەرنى قىلدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتۇق، شۇڭا ئۇلار قۇرئاننى قوبۇل قىلىدىغان تەرزدە ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشقا چاقىرساڭمۇ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە پەردىلەر، قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىقلا بولىدىكەن، ئۇلار سېنىڭ چاقىرىقىڭغا ھەرگىز ئاۋاز قوشمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
58 : 18

وَرَبُّكَ ٱلۡغَفُورُ ذُو ٱلرَّحۡمَةِۖ لَوۡ يُؤَاخِذُهُم بِمَا كَسَبُواْ لَعَجَّلَ لَهُمُ ٱلۡعَذَابَۚ بَل لَّهُم مَّوۡعِدٞ لَّن يَجِدُواْ مِن دُونِهِۦ مَوۡئِلٗا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى ئىنكار قىلغان يالغانچىلارغا ئازابنىڭ تېزراق كېلىشىگە ئىنتىزار بوپكەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەۋبە قىلغۇچى بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گۇناھكارلارغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىشىمۇ ئۇنىڭ رەھمىتىدىندۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ ئاسىيلارنى جازالايدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادىلا جازالايتتى. لېكىن ئاللاھ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان، رەھىمدىل بولغاچقا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئازابنى كېچىكتۈردى. ئۇلار ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت ھەم ئورۇن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلمىسا شۇ چاغدا كۇپرى ۋە يۈز ئۆرۈگەنلىكىگە قارىتا جازالىنىدۇ. ئۇلار ھەرگىز ئاللاھتىن باشقا سىغىنىدىغان پاناھگاھ تاپالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
59 : 18

وَتِلۡكَ ٱلۡقُرَىٰٓ أَهۡلَكۡنَٰهُمۡ لَمَّا ظَلَمُواْ وَجَعَلۡنَا لِمَهۡلِكِهِم مَّوۡعِدٗا

سىلەرگە يېقىن بولغان ئاشۇ كاپىر ئاھالىلىرى ھۇد، سالىھ ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىنىڭ ئاھالىلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغدا ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
60 : 18

وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِفَتَىٰهُ لَآ أَبۡرَحُ حَتَّىٰٓ أَبۡلُغَ مَجۡمَعَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ أَوۡ أَمۡضِيَ حُقُبٗا

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزمەتكارى يۇشەئ ئىبنى نۇنغا: مەن تاكى ئىككى دېڭىز قوشۇلغان جايغا بارغانغا قەدەر مېڭىشنى توختاتمايمەن ياكى سالىھ بەندىگە ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغانغا قەدەر ئۇزاققىچە ماڭىمەن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
61 : 18

فَلَمَّا بَلَغَا مَجۡمَعَ بَيۡنِهِمَا نَسِيَا حُوتَهُمَا فَٱتَّخَذَ سَبِيلَهُۥ فِي ٱلۡبَحۡرِ سَرَبٗا

شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى يولغا چىقىپ، ئىككى دېڭىز قوشۇلىدىغان جايغا يېتىپ بارغاندا ئۆزلىرىنىڭ يېمەكلىكى بولغان بېلىقنى ئۇنتۇپ قالدى. ئاللاھ بېلىقنى تىرىلدۈردى، بېلىق خۇددى تونېلغا كىرگەندەك دېڭىزغا يول ئالدى، سۇ بىلىققا يېپىشمايتتى. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• عظمة القرآن وجلالته وعمومه؛ لأن فيه كل طريق موصل إلى العلوم النافعة، والسعادة الأبدية، وكل طريق يعصم من الشر.
قۇرئان كەرىم ناھايتى كاتتا، ئۇلۇغ ھەم ئومۇمىيدۇر، چۈنكى قۇرئان كەرىمدە پايدىلىق ئىلىملەرگە ۋە مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە يەتكۈزىدىغان ھەمدە يامانلىقتىن ساقلايدىغان ھەر قانداق چارە بار. info

• من حكمة الله ورحمته أن تقييضه المبطلين المجادلين الحق بالباطل من أعظم الأسباب إلى وضوح الحق، وتبيُّن الباطل وفساده.
ئاساسسىز سەپسەتىلىرى بىلەن ھەق توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقۇچىلارغا ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدىغان، باتىلنى ۋە ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان ئەڭ بۈيۈك ۋاسىتىلەرنى مۇسەللەت قىلىشى ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە رەھمىتىدىندۇر. info

• في الآيات من التخويف لمن ترك الحق بعد علمه أن يحال بينه وبين الحق، ولا يتمكن منه بعد ذلك، ما هو أعظم مُرَهِّب وزاجر عن ذلك.
بۇ ئايەتلەردە ھەقىقەتنى بىلىپ بولۇپ ئۇنى تاشلىۋەتكەن ئادەم بىلەن ھەقىقەت ئارىسىدا توساق قىلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي ھەقىقەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى بىلەن قورقۇتۇش بار. بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق تەھدىت! نېمىدېگەن ئېغىر چەكلىمە! info

• فضيلة العلم والرحلة في طلبه، واغتنام لقاء الفضلاء والعلماء وإن بعدت أقطارهم.
ئىلىم ۋە ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىش، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ پەزىلەتلىك كىشىلەر ۋە ئۆلىمالار بىلەن ئۇچرىشىشنى غەنىمەت بىلىش پەزىلەتتۇر. info

• الحوت يطلق على السمكة الصغيرة والكبيرة ولم يرد في القرآن لفظ السمك، وإنما ورد الحوت والنون واللحم الطري.
ھۇت دېگەن سۆز چوڭ - كىچىك بېلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدە «سەمەك» دېگەن ئىسىم كەلمىگەن، پەقەت ھۇت، نۇن ۋە يېڭى گۆش دېگەن ئىسىملار كەلگەن. info