ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
84 : 18

إِنَّا مَكَّنَّا لَهُۥ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَءَاتَيۡنَٰهُ مِن كُلِّ شَيۡءٖ سَبَبٗا

بىز ئۇنىڭغا زېمىندا ئىمكانىيەت بەردۇق، ئۇنىڭ تەلىپىگە ئالاقىدار بولغان .ۋە ئۇنى مەقسىدىگە يەتكۈزىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى بەردۇق info
التفاسير:

external-link copy
85 : 18

فَأَتۡبَعَ سَبَبًا

زۇلقەرنەين، بىز ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇنىڭ مەقسىتىگە يەتكۈزىدىغان بارلىق .ۋاستىلەرنى ئېلىپ غەرپكە يول ئالدى info
التفاسير:

external-link copy
86 : 18

حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ مَغۡرِبَ ٱلشَّمۡسِ وَجَدَهَا تَغۡرُبُ فِي عَيۡنٍ حَمِئَةٖ وَوَجَدَ عِندَهَا قَوۡمٗاۖ قُلۡنَا يَٰذَا ٱلۡقَرۡنَيۡنِ إِمَّآ أَن تُعَذِّبَ وَإِمَّآ أَن تَتَّخِذَ فِيهِمۡ حُسۡنٗا

زۇلقەرنەين زېمىندا يۈرۈپ كۈن پېتىش تەرەپتىن زېمىننىڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتكەندە، قۇياشنىڭ قارالايلىق ئىسسىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، كۈن پاتىدىغان جايدا بىر بۆلۈك كاپىر قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز ئۇنىڭغا تاللاش ئىختىيارلىقىنى بېرىپ: ئى زۇلقەرنەين! ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئازابلىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغىن، .دېدۇق info
التفاسير:

external-link copy
87 : 18

قَالَ أَمَّا مَن ظَلَمَ فَسَوۡفَ نُعَذِّبُهُۥ ثُمَّ يُرَدُّ إِلَىٰ رَبِّهِۦ فَيُعَذِّبُهُۥ عَذَابٗا نُّكۡرٗا

زۇلقەرنىين مۇنداق دېدى: كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن ۋە بىز ئۇنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغاندىن كېيىن شېرىكلىك قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن ئۇنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈش بىلەن جازالايمىز، ئاندىن قىيامەت كۈنىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىغا قايتىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئېچىنىشلىق ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
88 : 18

وَأَمَّا مَنۡ ءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَلَهُۥ جَزَآءً ٱلۡحُسۡنَىٰۖ وَسَنَقُولُ لَهُۥ مِنۡ أَمۡرِنَا يُسۡرٗا

كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، پەرۋەردىگارى ئۇنى ئىمانى ۋە ياخشى ئەمىلىگە ئاساسەن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇنىڭغا بىزنىڭ بۇيرىقىمىزدىن مۇۋاپىق ۋە قولايلىرىغا .بۇيرۇيمىز info
التفاسير:

external-link copy
89 : 18

ثُمَّ أَتۡبَعَ سَبَبًا

ئاندىن زۇلقەرنەين يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ دەسلەپكى يولىنىڭ .قارشىسىدا كۈن چېقىش تەرەپكە ماڭدى info
التفاسير:

external-link copy
90 : 18

حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ مَطۡلِعَ ٱلشَّمۡسِ وَجَدَهَا تَطۡلُعُ عَلَىٰ قَوۡمٖ لَّمۡ نَجۡعَل لَّهُم مِّن دُونِهَا سِتۡرٗا

زۇلقەرنەين مېڭىپ كۈن چېقىدىغان ئورۇنغا كەلگەندە، قۇياشنىڭ بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆردى، بىز ئۇ قەۋم ئۈچۈن كۈننىڭ ھارارىتىدىن ساقلىنىدىغان ئۆيلەر ۋە دەرەخ سايىلىرىنىمۇ قىلمىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
91 : 18

كَذَٰلِكَۖ وَقَدۡ أَحَطۡنَا بِمَا لَدَيۡهِ خُبۡرٗا

زۇلقەرنەيننىڭ ئىشى شۇنداق بولدى، ھەقىقەتەن بىز ئىلمىمىز بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ھۆكۈمرانلىقتىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق info
التفاسير:

external-link copy
92 : 18

ثُمَّ أَتۡبَعَ سَبَبًا

ئاندىن زۇلقەرنەين ئەۋۋەلقى ئىككى قېتىملىق يولىنىڭ غەيرىدە كۈن چېقىش بىلەن كۈن پېتىشنىڭ ئارىسىدىن بۈرۈلۈپ يولىنى .داۋاملاشتۇردى info
التفاسير:

external-link copy
93 : 18

حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ بَيۡنَ ٱلسَّدَّيۡنِ وَجَدَ مِن دُونِهِمَا قَوۡمٗا لَّا يَكَادُونَ يَفۡقَهُونَ قَوۡلٗا

زۇلقەرنەين يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىككى تاغنىڭ ئىغىزىغا يېتىپ كەلگەندە ئىككى تاغنىڭ يېنىدا ئۆز تىلىدىن باشقا تىلنى چۈشەنمەيدىغان بىر قەۋمنى ئۇچراتتى info
التفاسير:

external-link copy
94 : 18

قَالُواْ يَٰذَا ٱلۡقَرۡنَيۡنِ إِنَّ يَأۡجُوجَ وَمَأۡجُوجَ مُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَهَلۡ نَجۡعَلُ لَكَ خَرۡجًا عَلَىٰٓ أَن تَجۡعَلَ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَهُمۡ سَدّٗا

ئۇلار: ئى زۇلقەرنەين: ھەقىقەتەن يەجۈجە بىلەن مەجۈجە (بۇ ئادەم ئەۋلادىدىن بولغان ئىككى چوڭ ئۈممەت) زېمىندا ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بۇزۇقچىلىقلارنى قېلىۋاتىدۇ، بىز ساڭا بىر قىسىم ماللىرىمىزنى بەرسەك بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توساق قېلىپ بېرەمسەن؟دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
95 : 18

قَالَ مَا مَكَّنِّي فِيهِ رَبِّي خَيۡرٞ فَأَعِينُونِي بِقُوَّةٍ أَجۡعَلۡ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُمۡ رَدۡمًا

زۇلقەرنەين: سىلەر ماڭا بېرىدىغان مالدىن پەرۋەردىگارىم ماڭا رىزىق قېلىپ بەرگەن پادىشاھلىق ۋە ھۆكۈمرانلىق مەن ئۈچۈن ياخشىدۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ۋە سايمانلار بىلەن ياردەم قىلىڭلار، مەن سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مۇستەھكەم بىر توساق قىلىپ بېرەي دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
96 : 18

ءَاتُونِي زُبَرَ ٱلۡحَدِيدِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا سَاوَىٰ بَيۡنَ ٱلصَّدَفَيۡنِ قَالَ ٱنفُخُواْۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَعَلَهُۥ نَارٗا قَالَ ءَاتُونِيٓ أُفۡرِغۡ عَلَيۡهِ قِطۡرٗا

ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ھازىرلاپ بېرىڭلار دېدى، ئۇلار ھازىر قىلدى. تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن ئىككى تاغنىڭ ئارىسىغا توساق سېلىشقا باشلىدى، ھەتتا ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن باراۋەر بولغاندا، ئىشچىلارغا: بۇ تۆمۈر پارچىلىرىغا ئوت يىقىڭلار دېدى، ھەتتا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئوت يالقۇنىدا قىپ-قىزىل بولغاندا، ماڭا مىس ھازىر قىلىڭلار ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكەي دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
97 : 18

فَمَا ٱسۡطَٰعُوٓاْ أَن يَظۡهَرُوهُ وَمَا ٱسۡتَطَٰعُواْ لَهُۥ نَقۡبٗا

ئۇ توساق ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن يەجۈجە بىلەن مەجۈجە ئۇنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چېقىشقا قادىر بولالمىدى ۋە بەك مۇستەھكەم .بولغانلىقى ئۈچۈن ئاستىدىن تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• أن ذا القرنين أحد الملوك المؤمنين الذين ملكوا الدنيا وسيطروا على أهلها، فقد آتاه الله ملكًا واسعًا، ومنحه حكمة وهيبة وعلمًا نافعًا.
ھەقىقەتەن زۇلقەرنەين بولسا پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە پادىشاھ بولغان مۆئمىن پادىشاھلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كەڭرى پادىشالىق ۋە دانىشمەنلىك، ھەيبەت ۋە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلغان ئىدى. info

• من واجب الملك أو الحاكم أن يقوم بحماية الخلق في حفظ ديارهم، وإصلاح ثغورهم من أموالهم.
پادىشاھ ياكى ھۆكۈمدارلارنىڭ مەجبۇرىيتى: ئۇلار شەھەرنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارقىلىق خەلقنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ماللىرى بىلەن چېگرا ئېغىزلىرىنى پۇختىلاش لازىم. info

• أهل الصلاح والإخلاص يحرصون على إنجاز الأعمال ابتغاء وجه الله.
ئىسلاھاتچى ۋە ئىخلاسمەنلەر ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىدا ئاللاھنىڭ .رازىلىقىغا ئېرىشىشكە ھېرىسمەن بولىدۇ info