ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
46 : 18

ٱلۡمَالُ وَٱلۡبَنُونَ زِينَةُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَٱلۡبَٰقِيَٰتُ ٱلصَّٰلِحَٰتُ خَيۡرٌ عِندَ رَبِّكَ ثَوَابٗا وَخَيۡرٌ أَمَلٗا

مال - ۋارانلار ۋە بالا - چاقىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىنمىغان ماللارنىڭ ئاخىرەتتە پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ رازى بولىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەر دۇنيانىڭ ھەر قانداق زىننىتىدىن كۆپ ياخشىدۇر، شۇنداقلا ئىنسان ئۈمىد قىلىدىغان بارچە نەرسىدىن ياخشىدۇر. چۈنكى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ئۆتكۈنچىدۇر، ئەمما ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆزلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەڭگۈ قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 18

وَيَوۡمَ نُسَيِّرُ ٱلۡجِبَالَ وَتَرَى ٱلۡأَرۡضَ بَارِزَةٗ وَحَشَرۡنَٰهُمۡ فَلَمۡ نُغَادِرۡ مِنۡهُمۡ أَحَدٗا

بىز تاغلارنى ئورۇنلىرىدىن يوق قىلىۋېتىدىغان، زېمىنلارنىڭ ئۈستىدىكى تاغلار، دەل - دەرەخلەر ۋە قۇرۇلۇشلارنى يوق قىلىپ تۈپتۈز قېلىۋىتىدىغان كۈننى ئەسلىگىن. ئۇ كۈندە بىز بارلىق مەخلۇقاتلارنى توپلايمىز، ئۇلاردىن ھېچ بىرىنى چالا قويمايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 18

وَعُرِضُواْ عَلَىٰ رَبِّكَ صَفّٗا لَّقَدۡ جِئۡتُمُونَا كَمَا خَلَقۡنَٰكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةِۭۚ بَلۡ زَعَمۡتُمۡ أَلَّن نَّجۡعَلَ لَكُم مَّوۡعِدٗا

پۈتكۈل خالايىق سەپ - سەپ بولۇپ پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلاردىن ھېساب ئالىدۇ. ئۇلارغا: ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، يەنى يالغۇز، يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ ۋە خەتنە قىلىنمىغان پېتى كەلدىڭلار. بەلكى سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلمەيمىز، بىزنى سىلەرگە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغان بىرەر ۋاقىت ۋە ئورۇن ھازىرلىيالمايدۇ، دەپ ئويلايتتىڭلار، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 18

وَوُضِعَ ٱلۡكِتَٰبُ فَتَرَى ٱلۡمُجۡرِمِينَ مُشۡفِقِينَ مِمَّا فِيهِ وَيَقُولُونَ يَٰوَيۡلَتَنَا مَالِ هَٰذَا ٱلۡكِتَٰبِ لَا يُغَادِرُ صَغِيرَةٗ وَلَا كَبِيرَةً إِلَّآ أَحۡصَىٰهَاۚ وَوَجَدُواْ مَا عَمِلُواْ حَاضِرٗاۗ وَلَا يَظۡلِمُ رَبُّكَ أَحَدٗا

نامە - ئەمال دەپتەرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر نامە - ئەمالىنى ئوڭ قولى بىلەن ئالىدۇ، يەنە بىر قىسمى سول قولى بىلەن ئالىدۇ. ئەي ئىنسان! كاپىرلارنىڭ نامە - ئەمالىغا قاراپ قورقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنى بىلىدۇ. ئۇلار: ۋاي ئېسىت بىزگە! بىز تۈگەشتۇق. بۇ نامە - ئەمال دەپتىرى بىزنىڭ چوڭ - كىچىك بارلىق ئەمەللىرىمىزنى بىرىنىمۇ قويماي تولۇق خاتىرىلەپتۇغۇ؟ دېيىشىدۇ. ئۇلار دۇنيادا قىلغان گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنىڭ ئېنىق خاتىرىلەنگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ، ھېچكىمنى سەۋەبسىز جازالىمايدۇ، ئىتائەت قىلغۇچىنىڭ تائىتىنىڭ ئەجرىنى قىلچە كېمەيتىۋەتمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 18

وَإِذۡ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ كَانَ مِنَ ٱلۡجِنِّ فَفَسَقَ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهِۦٓۗ أَفَتَتَّخِذُونَهُۥ وَذُرِّيَّتَهُۥٓ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِي وَهُمۡ لَكُمۡ عَدُوُّۢۚ بِئۡسَ لِلظَّٰلِمِينَ بَدَلٗا

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: ئادەمگە ھۆرمەت سەجدىسى قىلىڭلار دېدۇق. پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس پەرىشتىلەر تىپىدىن ئەمەس، بەلكى جىنلار تىپىدىن بولغاچقا تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، نەتىجىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ كەتتى. ئەي ئىنسانلار! سىلەر مېنى قويۇپ، ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ئۇلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار تۇرسا، قانداقسىگە دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتىسىلەر؟ زالىملارنىڭ ئاللاھنى دوست تۇتقاننىڭ ئورنىغا شەيتاننى دوست تۇتقان قىلمىشى نېمىدېگەن يامان! info
التفاسير:

external-link copy
51 : 18

۞ مَّآ أَشۡهَدتُّهُمۡ خَلۡقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَا خَلۡقَ أَنفُسِهِمۡ وَمَا كُنتُ مُتَّخِذَ ٱلۡمُضِلِّينَ عَضُدٗا

سىلەر مېنى قويۇپ دوست تۇتۇۋالغان ئاشۇ شەيتانلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش مېنىڭ قۇللىرىمدۇر. مەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋاقتىمدا ئۇلارنى شاھىت قىلمىغان ئىدىم. ئەكسىچە ئۇلار ئۇ چاغدا يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىنىڭ يارىتىلىشىغىمۇ گۇۋاھچى قىلغىنىم يوق.مەن يارىتىش ۋە پىلانلاشتا يالغۇزمەن. مەن ئىنسان ۋە شەيتانلاردىن بولغان ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق، چۈنكى مەن ياردەمچىلەردىن بىھاجەتمەن. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 18

وَيَوۡمَ يَقُولُ نَادُواْ شُرَكَآءِيَ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُمۡ فَدَعَوۡهُمۡ فَلَمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَهُمۡ وَجَعَلۡنَا بَيۡنَهُم مَّوۡبِقٗا

ئەي پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنىنى ئەسلىگىن، ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالا دۇنيادا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەن بەدبەختلەرگە: سىلەر دۇنيادا مېنىڭ شېرىكلىرىم دەپ بىلجىرلىغان شېرىكلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شېرىكلىرىنى چاقىرىدۇ، لېكىن شېرىكلىرى ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ ھەم ئۇلارغا ياردەممۇ بېرەلمەيدۇ. بىز چوقۇنغۇچىلار بىلەن مەبۇدلار ئارىسىدا ئورتاق بىر ھالاكەتنى قىلدۇقكى، ئۇ بولسىمۇ جەھەننەمدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 18

وَرَءَا ٱلۡمُجۡرِمُونَ ٱلنَّارَ فَظَنُّوٓاْ أَنَّهُم مُّوَاقِعُوهَا وَلَمۡ يَجِدُواْ عَنۡهَا مَصۡرِفٗا

مۇشرىكلار دوزاخنى ئاشكارا كۆرگەندە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدىغانلىقىغا چىن پۈتىدۇ. لېكىن ئۇلار دوزاختىن قېچىپ بارىدىغان باشقا جاي تاپالمايدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• على العبد الإكثار من الباقيات الصالحات، وهي كل عمل صالح من قول أو فعل يبقى للآخرة.
بەندە ساۋابى مەڭگۈ قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشى كېرەك. ئۇ ئەمەللەر بولسا ئاخىرەت ئۈچۈن قېپقالىدىغان گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتتىن ئىبارەت ھەر قانداق ياخشى ئەمەلدۇر. info

• على العبد تذكر أهوال القيامة، والعمل لهذا اليوم حتى ينجو من أهواله، وينعم بجنة الله ورضوانه.
بەندە قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى ئەسلىشى، نىھايەت ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ، ئاللاھنىڭ نېئمىتى ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاشۇ كۈننىڭ ئەمىلىنى قىلىشى كېرەك. info

• كَرَّم الله تعالى أبانا آدم عليه السلام والجنس البشري بأجمعه بأمره الملائكة أن تسجد له في بدء الخليقة سجود تحية وتكريم.
ئاللاھ تائالا خالايىقلارنى دەسلەپ ياراتقاندا پەرىشتىلەرنى ئاتىمىز ئادەمگە ھۆرمەت سەجدىسى قىلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق ئاتىمىز ئادەمنى ۋە بارچە ئىنسان تىپىنى ھۆرمەتلىك قىلغان. info

• في الآيات الحث على اتخاذ الشيطان عدوًّا.
بۇ ئايەتلەردە شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش بار. info