ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
98 : 18

قَالَ هَٰذَا رَحۡمَةٞ مِّن رَّبِّيۖ فَإِذَا جَآءَ وَعۡدُ رَبِّي جَعَلَهُۥ دَكَّآءَۖ وَكَانَ وَعۡدُ رَبِّي حَقّٗا

زۇلقەرنەين ئېيتتىكى: بۇ توساقنىڭ ياسىلىشى پەرۋەردىگارىمنىڭ رەھمىتىدۇر، بۇ يەجۈجە بىلەن مەجۈجەنىڭ ئارىسى بىلەن ئۇلارنىڭ زېمىندا بۇزۇقچىلىق قېلىشىنىڭ ئارىسىنى توسىدۇ، قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن چېقىش ۋاقتى بولغاندا، ئاللاھ ئۇنى يەر بىلەن باراۋەر تەپ-تۈز قېلىۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ توساقنى يەر بىلەن باراۋەر تەپ-تۈز قېلىۋېتىشى ۋە يەجۈجە بىلەن مەجۈجەنىڭ چېقىشى توغرسىدىكى ھەق ۋەدىسى بولۇپ ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
99 : 18

۞ وَتَرَكۡنَا بَعۡضَهُمۡ يَوۡمَئِذٖ يَمُوجُ فِي بَعۡضٖۖ وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَجَمَعۡنَٰهُمۡ جَمۡعٗا

بىز بەزى خەلقلەرنى قىيامەتكىچە قويۇپ قويىمىز، ئۇلار قىستىلىشىپ بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ، سۈر چېلىنغاندا خالايىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھېساب ۋە جازا ئۈچۈن توپلايمىز info
التفاسير:

external-link copy
100 : 18

وَعَرَضۡنَا جَهَنَّمَ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡكَٰفِرِينَ عَرۡضًا

ئۇ كۈندە كاپىرلارغا جەھەننەمنى كۆزى بىلەن ئېنىق كۆرىشى ئۈچۈن .ئاشكارا كۆرسىتىمىز info
التفاسير:

external-link copy
101 : 18

ٱلَّذِينَ كَانَتۡ أَعۡيُنُهُمۡ فِي غِطَآءٍ عَن ذِكۡرِي وَكَانُواْ لَا يَسۡتَطِيعُونَ سَمۡعًا

بىز جەھەننەمنى دۇنيادا ئاللاھنىڭ زىكرىدىن كۆزلىرى كۆر بولغان كاپىرلارغا ئاشكارا كۆرسىتىمىز، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ئاشۇنىڭدىن چەكلەيدىغان پەردە بولغان ئېدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ھەقىقى قوبۇل قىلىش نىيىتى بىلەن ئاڭلاشقا قادىر بولالمايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
102 : 18

أَفَحَسِبَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَن يَتَّخِذُواْ عِبَادِي مِن دُونِيٓ أَوۡلِيَآءَۚ إِنَّآ أَعۡتَدۡنَا جَهَنَّمَ لِلۡكَٰفِرِينَ نُزُلٗا

ئاللاھقا كاپىر بولغان بەدبەختلەر مېنىڭ: پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە شەيتانلاردىن ئىبارەت بەندىلىرىمنى مېنى قويۇپ چوقۇنىدىغان مەبۇد قىلىۋېلىشسا بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟. بىز جەھەننەمنى كاپىرلارنىڭ دائىم .تۇرىدىغان ئارامگاھى قېلىپ تەييارلىدۇق info
التفاسير:

external-link copy
103 : 18

قُلۡ هَلۡ نُنَبِّئُكُم بِٱلۡأَخۡسَرِينَ أَعۡمَٰلًا

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرگە ئەمەل جەھەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ زىيان تارتقانلىرى توغرىسىدا خەۋەر بېرەيلىمۇ؟. info
التفاسير:

external-link copy
104 : 18

ٱلَّذِينَ ضَلَّ سَعۡيُهُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَهُمۡ يَحۡسَبُونَ أَنَّهُمۡ يُحۡسِنُونَ صُنۡعًا

ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ زايە بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدا بىز ياخشى ئىش قىلدۇق، قىلغان ئەمەللىرىمىز مەنپەئەت بېرىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئىش ئۇنىڭ .ئەكسىچە بولىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
105 : 18

أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ وَلِقَآئِهِۦ فَحَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ فَلَا نُقِيمُ لَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَزۡنٗا

ئاشۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قېلىدىغان ئايەتلەرنى ۋە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى ئىنكار قىلغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ .قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھېچ ئېتىبارى بولمايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
106 : 18

ذَٰلِكَ جَزَآؤُهُمۡ جَهَنَّمُ بِمَا كَفَرُواْ وَٱتَّخَذُوٓاْ ءَايَٰتِي وَرُسُلِي هُزُوًا

ئۇلارنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقلىرى، مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا تەييارلانغان .جازا جەھەننەمدۇر info
التفاسير:

external-link copy
107 : 18

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ كَانَتۡ لَهُمۡ جَنَّٰتُ ٱلۡفِرۡدَوۡسِ نُزُلًا

ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنى ئىكرام قىلغانلىقتىن جەننەتنىڭ ئەڭ ئالىسى ئۇلارنىڭ ئارامگاھى .بولىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
108 : 18

خَٰلِدِينَ فِيهَا لَا يَبۡغُونَ عَنۡهَا حِوَلٗا

ئۇلار جەننەتە ئەبەدى قالىدۇ، ئۇلارنىڭ جەننەتتىن يۆتكىلىشى تەلەپ .قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا باراۋەر كېلىدىغان مۇكاپات بولمايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
109 : 18

قُل لَّوۡ كَانَ ٱلۡبَحۡرُ مِدَادٗا لِّكَلِمَٰتِ رَبِّي لَنَفِدَ ٱلۡبَحۡرُ قَبۡلَ أَن تَنفَدَ كَلِمَٰتُ رَبِّي وَلَوۡ جِئۡنَا بِمِثۡلِهِۦ مَدَدٗا

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتقىنكى: ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى بەك كوپتۇر. ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن دېڭىز سۈيى سىيا بولسا، پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى تۈگەشتىن ئىلگىرى دېڭىزنىڭ سۇلىرى قۇرۇپ كەتكەن بولاتتى. ئەگەر يەنە باشقا دېڭىزلارنىڭ سۈيىنى ئېلىپ كەلسەكمۇ بۇ سۇلار يەنە تۈگەپ كېتەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
110 : 18

قُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ فَمَن كَانَ يَرۡجُواْ لِقَآءَ رَبِّهِۦ فَلۡيَعۡمَلۡ عَمَلٗا صَٰلِحٗا وَلَا يُشۡرِكۡ بِعِبَادَةِ رَبِّهِۦٓ أَحَدَۢا

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتىقىنكى: ھەقىقەتەن مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان، ماڭار سىلەرنىڭ مەبۇدىڭلار بولغان يالغۇز ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان ھەقىقى مەبۇد ۋەھيى قېلىدۇ، ئۇ ئارللاھدۇر. كىمكى ئاللاھقا ئۇچرىشىشتىن قورقىدىكەن ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە مۇۋاپىق پەرۋەردىگارىغا ئىخلاس بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلسۇن. پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىگە باشقا بېرىنى شېرىك .قىلمىسۇن info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• إثبات البعث والحشر بجمع الجن والإنس في ساحات القيامة بالنفخة الثانية في الصور.
ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنىڭ چېلىنىشى، قىيامەت مەيدانىغا ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ توپلىنىشى بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش ۋە ھېساب ئۈچۈن توپلىنىشنىڭ ئىسپاتىدۇر. info

• أن أشد الناس خسارة يوم القيامة هم الذين ضل سعيهم في الدنيا، وهم يظنون أنهم يحسنون صنعًا في عبادة من سوى الله.
ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدە ئەڭ چوڭ زىيان تارتىدىغان كىشىلەر ئۇلار دۇنيادا ئېزىپ كەتكەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلغان ئىبادىتىنى ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلايدىغان .كىشىلەردۇر info

• لا يمكن حصر كلمات الله تعالى وعلمه وحكمته وأسراره، ولو كانت البحار والمحيطات وأمثالها دون تحديد حبرًا يكتب به.
ئاللاھنىڭ سۆزلىرى، ئىلمى ھېكمەت ۋە سىرلىرىنى گەرچە پۈتۈن دېڭىز-ئوكيانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرى سىيا بولغان تەقدىردىمۇ توپلاپ .يىزىش مۇمكىن بولمايدۇ info