ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
16 : 18

وَإِذِ ٱعۡتَزَلۡتُمُوهُمۡ وَمَا يَعۡبُدُونَ إِلَّا ٱللَّهَ فَأۡوُۥٓاْ إِلَى ٱلۡكَهۡفِ يَنشُرۡ لَكُمۡ رَبُّكُم مِّن رَّحۡمَتِهِۦ وَيُهَيِّئۡ لَكُم مِّنۡ أَمۡرِكُم مِّرۡفَقٗا

(ئەي يىگىتلەر!) ئۆز ۋاقتىدا سىلەر قەۋمىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىنى تاشلاپ چىقتىڭلار، ئاندىن يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلدىڭلار. شۇڭا ئەمدى دىنىڭلارنى قوغداش ئۈچۈن غارغا پاناھلىنىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار ئۆز رەھمىتى بىلەن سىلەرنى دۈشمەنلىرىڭلاردىن قوغدايدۇ، ھىمايە قىلىدۇ، قەۋمىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى ياشىغان تۇرمۇشنىڭ ئورنىغا سىلەرگە تېخىمۇ مەنپەئەتلىك ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 18

۞ وَتَرَى ٱلشَّمۡسَ إِذَا طَلَعَت تَّزَٰوَرُ عَن كَهۡفِهِمۡ ذَاتَ ٱلۡيَمِينِ وَإِذَا غَرَبَت تَّقۡرِضُهُمۡ ذَاتَ ٱلشِّمَالِ وَهُمۡ فِي فَجۡوَةٖ مِّنۡهُۚ ذَٰلِكَ مِنۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِۗ مَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلۡمُهۡتَدِۖ وَمَن يُضۡلِلۡ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ وَلِيّٗا مُّرۡشِدٗا

ئۇلار بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردى، ئاللاھ ئۇلارغا ئۇيقۇ ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن قوغدىدى. ئەي ئۇلارنىڭ ھالىنى تاماشا قىلغۇچى! قاراپ باققىن، قۇياش مەشرىقتىن چىققان ۋاقتىدا ئۇلار تۇرغان غارنىڭ ئىچىدىن ئوڭ تەرىپىگە قايرىلىدۇ، پاتقان چاغدا غارنىڭ شىمال تەرىپىگە مايىل بولۇپ، غارغا قۇياش نۇرى چۈشمەيدۇ، ئۇلار داۋاملىق سايىدا بولۇپ، قۇياش نۇرىنىڭ قىزىقى ئۇلارنى بىئارام قىلمايدۇ. ئۇلار غارنىڭ ئوتتۇردىكى يېتەرلىك ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كەڭرى جايدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ غارغا پاناھلىنىشى، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئېغىر ئۇيقۇ ئاتا قىلىشى، قۇياشنىڭ ئۇلاردىن قايرىلىپ ئۆتۈشى، ئۇلار تۇرغان جاينىڭ كەڭرى بولۇشى، ئۇلارنىڭ قەۋمىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ ئاجايىپ قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان ئالامەتلەردۇر. كىمنى ئاللاھ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ كىمنى ھىدايىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئازدۇرۇۋېتىدىكەن، ئۇنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈپ، توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايسەن. چۈنكى ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدا، ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئەمەس. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 18

وَتَحۡسَبُهُمۡ أَيۡقَاظٗا وَهُمۡ رُقُودٞۚ وَنُقَلِّبُهُمۡ ذَاتَ ٱلۡيَمِينِ وَذَاتَ ٱلشِّمَالِۖ وَكَلۡبُهُم بَٰسِطٞ ذِرَاعَيۡهِ بِٱلۡوَصِيدِۚ لَوِ ٱطَّلَعۡتَ عَلَيۡهِمۡ لَوَلَّيۡتَ مِنۡهُمۡ فِرَارٗا وَلَمُلِئۡتَ مِنۡهُمۡ رُعۡبٗا

ئەي ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكۈچى! ئۇلارنى كۆزى ئوچۇق بولغاچقا ئويغاق دەپ ئويلايسەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇيقۇدا. ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى زېمىن (نىڭ ھاشارەتلىرى) يەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇخلىغان ھالەتلىرىدە ئوڭ - سول تەرەپلەرگە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ غارنىڭ بوسۇغىسىدا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئېڭىشىپ قاراپ ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئۇلاردىن قورققىنىڭدىن ئۆرۈلۈپلا قاچقان ۋە قورقۇنچتىن ئالاقىزادە بوپكەتكەن بولاتتىڭ. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 18

وَكَذَٰلِكَ بَعَثۡنَٰهُمۡ لِيَتَسَآءَلُواْ بَيۡنَهُمۡۚ قَالَ قَآئِلٞ مِّنۡهُمۡ كَمۡ لَبِثۡتُمۡۖ قَالُواْ لَبِثۡنَا يَوۡمًا أَوۡ بَعۡضَ يَوۡمٖۚ قَالُواْ رَبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِمَا لَبِثۡتُمۡ فَٱبۡعَثُوٓاْ أَحَدَكُم بِوَرِقِكُمۡ هَٰذِهِۦٓ إِلَى ٱلۡمَدِينَةِ فَلۡيَنظُرۡ أَيُّهَآ أَزۡكَىٰ طَعَامٗا فَلۡيَأۡتِكُم بِرِزۡقٖ مِّنۡهُ وَلۡيَتَلَطَّفۡ وَلَا يُشۡعِرَنَّ بِكُمۡ أَحَدًا

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىز بويىچە بىز ئۇلاردا قۇدرىتىمىزنىڭ ئاجايىباتلىرىنى نامايان قىلغىنىمىزدەك، ئۇلارنىڭ ئۇخلىغان ھالەتتە قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئۆز-ئارا سورىشىشى ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىلدىن كېيىن ئۇلارنى ئويغاتتۇق. ئۇلاردىن بىرى جاۋاب بېرىپ: بىز ئۇخلىغان ھالەتتە بىر كۈن ياكى يېرىم كۈن تۇردۇق، دېدى. ئۇخلىغان ھالەتتە قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئېنىق بىلەلمىگەنلەردىن يەنە بىرى بۇنىڭغا جاۋابەن: قانچىلىك ئۇخلىغىنىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭ ئىلمىنى ئۇنىڭغا قويۇپ، ئۆزۈڭلارغا پايدىسى بولىدىغان ئىشقا تۇتۇش قىلىڭلار. بىرىڭلارنى ماۋۇ تەڭگە پۇللار بىلەن ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شەھەرگە ئەۋەتەيلى. ئۇ بېرىپ شەھەردىكىلەرنىڭ قايسىسىنىڭ يېمەكلىكى پاكىزە ۋە ھالال ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلسۇن ھەمدە شەھەرگە كىرىپ - چىقىشتا ۋە سودا - سېتىقتا ھوشيار بولسۇن، ھېچكىمگە ئورنۇڭلارنى سەزدۈرۈپ قويمىسۇن. بولمىسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 18

إِنَّهُمۡ إِن يَظۡهَرُواْ عَلَيۡكُمۡ يَرۡجُمُوكُمۡ أَوۡ يُعِيدُوكُمۡ فِي مِلَّتِهِمۡ وَلَن تُفۡلِحُوٓاْ إِذًا أَبَدٗا

ئەگەر قەۋمىڭلار سىلەردىن خەۋەر تېپىپ، ئورنۇڭلارنى بىلىپ قالىدىغان بولسا، سىلەرنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ياكى ئۇلار سىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ توغرا دىنغا ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئۆزلىرىنىڭ خاتا دىنىغا قايتۇرىدۇ. مۇبادا ئۇنىڭغا قايتساڭلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قەتئىي نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، ئەكسىچە ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغان ھەق دىننى تاشلاپ، خاتا دىنغا قايتقانلىقىڭلار سەۋەبلىك ئىككىلا دۇنيادا چوڭ زىيان تارتىسىلەر. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• من حكمة الله وقدرته أن قَلَّبهم على جنوبهم يمينًا وشمالًا بقدر ما لا تفسد الأرض أجسامهم، وهذا تعليم من الله لعباده.
زېمىن ئۇلارنىڭ بەدىنىنى بۇزۇۋەتمەيدىغان دەرىجىدە ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئوڭ - سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە قۇدرىتىدىندۇركى، بۇ يەنە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بەرگەن تەلىمىدۇر. info

• جواز اتخاذ الكلاب للحاجة والصيد والحراسة.
ئوۋ ئوۋلاش ۋە كۆزەتچىلىككە قويۇش دېگەندەك ئېھتىياجلار ئۈچۈن ئىت بېقىش دۇرۇس. info

• انتفاع الإنسان بصحبة الأخيار ومخالطة الصالحين حتى لو كان أقل منهم منزلة، فقد حفظ ذكر الكلب لأنه صاحَبَ أهل الفضل.
ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئورنى تۆۋەنرەك بولغان تەقدىردىمۇ، ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ۋە ئۇلارغا ئارىلىشىش پايدىلىقتۇر. مەسىلەن، ئىت پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ھەمراھ بولغاچقا تارىختا نامى قالدى. info

• دلت الآيات على مشروعية الوكالة، وعلى حسن السياسة والتلطف في التعامل مع الناس.
بۇ ئايەتلەر ۋاكالەتنىڭ يوللۇقلۇقىنى ھەمدە باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا تەدبىرلىك، سىلىق - سىپايە بولۇشنىڭ ياخشى ئىشلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ. info