Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar Taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci.

Lambar shafi:close

external-link copy
184 : 26

وَٱتَّقُواْ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ وَٱلۡجِبِلَّةَ ٱلۡأَوَّلِينَ

سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئازابى بېشىڭلارغا كېلىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
185 : 26

قَالُوٓاْ إِنَّمَآ أَنتَ مِنَ ٱلۡمُسَحَّرِينَ

شۇئەيبنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا ئېيتتى: ھەقىقەتەن سەن قايتا - قايتا سېھىرلىنىپ، سېھىر ئەقلىڭنى يېڭىپ، سېنى ئەقىلسىز قىپ قويۇپتۇ. info
التفاسير:

external-link copy
186 : 26

وَمَآ أَنتَ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُنَا وَإِن نَّظُنُّكَ لَمِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ

سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان، چۈنكى سېنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭ يوق. ئۇنداق بولغانىكەن، سەن قانداقسىگە پەيغەمبەر بوپقالىسەن؟ ھەقىقەتەن بىز سېنىڭ ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر دەۋېلىشىڭدا يالغانچى دەپ ئويلايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
187 : 26

فَأَسۡقِطۡ عَلَيۡنَا كِسَفٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ

ئەگەر دەۋايىڭدا راستچىل بولساڭ، بىزگە ئاسماندىن بىر پارچە (ئازاب) چۈشۈرگىن. info
التفاسير:

external-link copy
188 : 26

قَالَ رَبِّيٓ أَعۡلَمُ بِمَا تَعۡمَلُونَ

شۇئەيب ئۇلارغا: پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
189 : 26

فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمۡ عَذَابُ يَوۡمِ ٱلظُّلَّةِۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٍ

ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولدى. يەنى، بىر كۈنى قاتتىق ئىسسىق بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا بۇلۇت سايە تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئوت يېغىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ھەقىقەتەن ئۇلار ھالاك بولغان كۈن دەھشەتلىك بىر كۈن بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
190 : 26

إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ

ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شۇئەيب قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنىش ۋەقەلىكىدە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
191 : 26

وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
192 : 26

وَإِنَّهُۥ لَتَنزِيلُ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
193 : 26

نَزَلَ بِهِ ٱلرُّوحُ ٱلۡأَمِينُ

قۇرئاننى ئىشەنچلىك پەرىشتە جىبرىئىل ئېلىپ چۈشتى. info
التفاسير:

external-link copy
194 : 26

عَلَىٰ قَلۡبِكَ لِتَكُونَ مِنَ ٱلۡمُنذِرِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇ سېنىڭ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان پەيغەمبەرلەردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن قۇرئاننى دىلىڭغا ئېلىپ چۈشتى. info
التفاسير:

external-link copy
195 : 26

بِلِسَانٍ عَرَبِيّٖ مُّبِينٖ

جىبرىئىل ئۇنى ئوچۇق ئەرەب تىلىدا ئېلىپ چۈشتى. info
التفاسير:

external-link copy
196 : 26

وَإِنَّهُۥ لَفِي زُبُرِ ٱلۡأَوَّلِينَ

ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. يەنى ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلارمۇ بۇ قۇرئاندىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن. info
التفاسير:

external-link copy
197 : 26

أَوَلَمۡ يَكُن لَّهُمۡ ءَايَةً أَن يَعۡلَمَهُۥ عُلَمَٰٓؤُاْ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ

ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدەك بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ ساڭا نازىل بولغان قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى بىلگەنلىكى بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلارغا سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولمامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
198 : 26

وَلَوۡ نَزَّلۡنَٰهُ عَلَىٰ بَعۡضِ ٱلۡأَعۡجَمِينَ

ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىرىگە نازىل قىلغان بولساق، ئاندىن ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ: بىز بۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيمىز، دېيىشى مۇقەررەر. شۇڭا ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا نازىل بولغانلىقىدىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
199 : 26

فَقَرَأَهُۥ عَلَيۡهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ مُؤۡمِنِينَ

ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىرىگە نازىل قىلغان بولساق، ئاندىن ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ: بىز بۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيمىز، دېيىشى مۇقەررەر. شۇڭا ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا نازىل بولغانلىقىدىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
200 : 26

كَذَٰلِكَ سَلَكۡنَٰهُ فِي قُلُوبِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ

ئەنە شۇنىڭدەك، ئىنكارچىلىق ۋە كۇپۇرلۇقنى جىنايەتچىلەرنىڭ دىللىرىغا سالىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
201 : 26

لَا يُؤۡمِنُونَ بِهِۦ حَتَّىٰ يَرَوُاْ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَلِيمَ

ئۇلار تاكى دەرتلىك ئازابنى كۆرمىگۈچە كۇپۇرلۇق ھالىتىدىن ئۆزگەرمەيدۇ ھەم ئىمان ئېيتمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
202 : 26

فَيَأۡتِيَهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ

شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئازاب ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ - دە، ئۆزلىرىگە ئازابنىڭ كەلگەنلىكىنى تۇيماي قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
203 : 26

فَيَقُولُواْ هَلۡ نَحۡنُ مُنظَرُونَ

ئۇلارغا ئازاب ئۇشتۇمتۇت كەلگەندە قاتتىق ھەسرەتلەنگەنلىكتىن: بىزگە ئاللاھقا تەۋبە قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن مۆھلەت بېرىلمەمدۇ؟ دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
204 : 26

أَفَبِعَذَابِنَا يَسۡتَعۡجِلُونَ

بۇ كاپىرلار: سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە تاكى ئاسمان ئۈستىمىزگە پارچە بولۇپ چۈشمىگۈچە بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەپ بىزنىڭ ئازابىمىزنى ئالدىرىتىۋاتامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
205 : 26

أَفَرَءَيۡتَ إِن مَّتَّعۡنَٰهُمۡ سِنِينَ

ئەي پەيغەمبەر، ئېيتىپ باققىنا! سەن ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئىمان ئېيتقىلى ئۇنىمىغان بۇ كاپىرلارنى ئۇزۇن يىللار نېئمەتلىرىمىزدىن بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلسە، ئۇلار بەھرىمەن بولغان نېئمەتلەر ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
206 : 26

ثُمَّ جَآءَهُم مَّا كَانُواْ يُوعَدُونَ

ئەي پەيغەمبەر، ئېيتىپ باققىنا! سەن ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ كاپىرلارنى ئۇزۇن يىللار نېئمەتلىرىمىزدىن بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلسە، (ئۇلار بەھرىمەن بولغان نېئمەتلەر ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايدۇ). info
التفاسير:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• كلما تعمَّق المسلم في اللغة العربية، كان أقدر على فهم القرآن.
مۇسۇلمان ئەرەب تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەن ۋاقتىدا قۇرئان كەرىمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيدۇ. info

• الاحتجاج على المشركين بما عند المُنْصِفين من أهل الكتاب من الإقرار بأن القرآن من عند الله.
ئەھلى كىتابتىن ئىنساپلىق كىشىلەرنىڭ قېشىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇشرىكلارغا قارشى دەلىل - پاكىت بار. info

• ما يناله الكفار من نعم الدنيا استدراج لا كرامة.
كاپىرلارنىڭ دۇنيا نېئمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشى تۇيدۇرماي جازالاشتۇركى، ھەرگىز ھۆرمەت قىلغانلىق ئەمەس. info