Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar Taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci.

Lambar shafi:close

external-link copy
61 : 26

فَلَمَّا تَرَٰٓءَا ٱلۡجَمۡعَانِ قَالَ أَصۡحَٰبُ مُوسَىٰٓ إِنَّا لَمُدۡرَكُونَ

پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن مۇسا ۋە قەۋمىنى قوغلاپ چىقىپ، ئىككىلا تەرەپ بىر - بىرىنى كۆرەلەيدىغان دەرىجىدە يېقىنلىشىپ قالغاندا مۇسانىڭ ئادەملىرى: پىرئەۋن بىلەن لەشكەرلىرى بىزگە يېتىشىۋالىدىغان بولدى، بىز ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغان تۇرساق، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
62 : 26

قَالَ كَلَّآۖ إِنَّ مَعِيَ رَبِّي سَيَهۡدِينِ

مۇسا قەۋمىگە: بۇ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك بولمايدۇ. پەرۋەردىگارىم چوقۇم مەنتەرەپتە تۇرۇپ، ماڭا ياردەم بېرىدۇ، ئۇ ماڭا چوقۇم چىقىش يولىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
63 : 26

فَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنِ ٱضۡرِب بِّعَصَاكَ ٱلۡبَحۡرَۖ فَٱنفَلَقَ فَكَانَ كُلُّ فِرۡقٖ كَٱلطَّوۡدِ ٱلۡعَظِيمِ

بىز مۇساغا ۋەھىي قىلىپ: ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن، دەپ بۇيرۇدۇق. مۇسا دەرھال دېڭىزغا ئۇرۋېدى، دېڭىزنىڭ سۈيى يېرىلىپ، ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى يولغا ئۆزگەردى. دېڭىزدىن يېرىلغان ھەر بىر پارچە سۇ چوڭلۇقتا ۋە مۇستەھكەملىكتە بىر تامچىمۇ ئېقىپ كەتمەيدىغان بەھەيۋەت تاغقا ئوخشايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
64 : 26

وَأَزۡلَفۡنَا ثَمَّ ٱلۡأٓخَرِينَ

پىرئەۋن بىلەن لەشكەرلىرىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردۇق، نىھايەت ئۇلار دېڭىزغا كىرگەندە ئۇنى ماڭغىلى بولىدىغان يول، دەپ ئويلاپ قېلىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
65 : 26

وَأَنجَيۡنَا مُوسَىٰ وَمَن مَّعَهُۥٓ أَجۡمَعِينَ

بىز مۇسانى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇتۇلدۇردۇق، ئۇلاردىن ھېچكىم غەرق بولۇپ كەتمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
66 : 26

ثُمَّ أَغۡرَقۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ

ئاندىن پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
67 : 26

إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ

شەكسىزكى مۇساغا دېڭىزنىڭ يېرىلىشىدا ھەم ئۇنىڭ قۇتۇلۇپ، پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ھالاك بولۇشىدا ئەلۋەتتە مۇسانىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بار. پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
68 : 26

وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇر، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالالايدۇ، ئۇلاردىن تەۋبە قىلغانلارغا تولىمۇ مېھرىباندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
69 : 26

وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ إِبۡرَٰهِيمَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسىسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن. info
التفاسير:

external-link copy
70 : 26

إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَا تَعۡبُدُونَ

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە: ئاللاھنى قويۇپ نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟ دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
71 : 26

قَالُواْ نَعۡبُدُ أَصۡنَامٗا فَنَظَلُّ لَهَا عَٰكِفِينَ

قەۋمى ئۇنىڭغا: بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىمىز ھەم ئۇلارغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرىمىز، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
72 : 26

قَالَ هَلۡ يَسۡمَعُونَكُمۡ إِذۡ تَدۡعُونَ

ئىبراھىم ئۇلارغا ئېيتتى: بۇتلىرىڭلارغا دۇئا قىلغىنىڭلاردا ئۇلار دۇئايىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
73 : 26

أَوۡ يَنفَعُونَكُمۡ أَوۡ يَضُرُّونَ

ئىتائەت قىلساڭلار پايدا، ئاسىيلىق قىلساڭلار زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
74 : 26

قَالُواْ بَلۡ وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا كَذَٰلِكَ يَفۡعَلُونَ

ئۇلار ئېيتتى: ئۇلارغا دۇئا قىلساق دۇئالىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ، ئىتائەت قىلساق پايدا، ئاسىيلىق قىلساق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۇق. ئاندىن بىزمۇ شۇلارغا ئەگەشتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
75 : 26

قَالَ أَفَرَءَيۡتُم مَّا كُنتُمۡ تَعۡبُدُونَ

ئىبراھىم ئېيتتى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
76 : 26

أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُمُ ٱلۡأَقۡدَمُونَ

سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلار چوقۇنغىنى نېمە؟ info
التفاسير:

external-link copy
77 : 26

فَإِنَّهُمۡ عَدُوّٞ لِّيٓ إِلَّا رَبَّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ دۈشمەنلىرىمدۇر، چۈنكى ئۇلار ساختا ئىلاھلاردۇر. پەقەت بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالالا مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
78 : 26

ٱلَّذِي خَلَقَنِي فَهُوَ يَهۡدِينِ

ئۇ مېنى ياراتقان زاتتۇر، ئۇ مېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا باشلايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
79 : 26

وَٱلَّذِي هُوَ يُطۡعِمُنِي وَيَسۡقِينِ

ئۇ يەككە - يېگانىدۇركى، ئاچ قالسام يېمەك بېرىدۇ، ئۇسسۇز قالسام ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
80 : 26

وَإِذَا مَرِضۡتُ فَهُوَ يَشۡفِينِ

ئاغرىپ قالسام ماڭا يالغۇز ئاللاھ شىپالىق بېرىدۇ، ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا شىپالىق بەرگۈچى يوق. info
التفاسير:

external-link copy
81 : 26

وَٱلَّذِي يُمِيتُنِي ثُمَّ يُحۡيِينِ

ئۇ يەككە - يېگانە زاتتۇركى، ئەجىلىم توشقاندا مېنى ۋاپات تاپقۇزىدۇ، ئۆلگىنىمدىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
82 : 26

وَٱلَّذِيٓ أَطۡمَعُ أَن يَغۡفِرَ لِي خَطِيٓـَٔتِي يَوۡمَ ٱلدِّينِ

مەن يېگانە ئاللاھتىن قىيامەت كۈنى خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
83 : 26

رَبِّ هَبۡ لِي حُكۡمٗا وَأَلۡحِقۡنِي بِٱلصَّٰلِحِينَ

ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا دىندا توغرا چۈشەنچە ئاتا قىلغىن، مېنى مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن بولغان ياخشىلارنىڭ قاتارىغا قوشقىن، مېنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە جەننەتكە كىرگۈزگىن. info
التفاسير:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• الله مع عباده المؤمنين بالنصر والتأييد والإنجاء من الشدائد.
ئاللاھ تائالا يارەم بېرىش، مەدەت بېرىش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق مۇئمىن بەندىلىرى بىلەن بىرگىدۇر. info

• ثبوت صفتي العزة والرحمة لله تعالى.
ھەممىدىن غالىب ۋە مېھىر - شەپقەتلىك دەيدىغان ئىككى سۈپەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. info

• خطر التقليد الأعمى.
قارىغۇلارچە تەقلىدچىلىك خەتەرلىكتۇر. info

• أمل المؤمن في ربه عظيم.
مۇئمىنلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى چوڭدۇر. info