Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar Taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci.

Lambar shafi:close

external-link copy
207 : 26

مَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يُمَتَّعُونَ

ئۇلار دۇنيادا ئېرىشكەن نېئمەتلەر نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟ ئۇ نېئمەتلەر ئاللىبۇرۇن ئۈزۈلۈپ، ئۇلار ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدىغان تۇرسا؟ info
التفاسير:

external-link copy
208 : 26

وَمَآ أَهۡلَكۡنَا مِن قَرۡيَةٍ إِلَّا لَهَا مُنذِرُونَ

بىز قانداق بىر ئۈممەتنى ھالاك قىلساق، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ھەمدە كىتابلارنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغاندىن كېيىن ھالاك قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
209 : 26

ذِكۡرَىٰ وَمَا كُنَّا ظَٰلِمِينَ

بۇ ئۇلارغا پەند - نەسىھەت ۋە ئەسلىتىشتۇر. بىز پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، كىتابلارنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئازابلاشتا زۇلۇم قىلغۇچى بولمىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
210 : 26

وَمَا تَنَزَّلَتۡ بِهِ ٱلشَّيَٰطِينُ

بۇ قۇرئاننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلىغا شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق. info
التفاسير:

external-link copy
211 : 26

وَمَا يَنۢبَغِي لَهُمۡ وَمَا يَسۡتَطِيعُونَ

قۇرئاننى ئۇنىڭ دىلىغا شەيتانلارنىڭ ئېلىپ چۈشۈشى لايىق ئەمەس ھەم ئۇلارمۇ ئۇنداق قىلالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
212 : 26

إِنَّهُمۡ عَنِ ٱلسَّمۡعِ لَمَعۡزُولُونَ

ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇلار قۇرئاننىڭ ئاسماندىكى ئورنىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇلار ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىپ، قانداق ئېلىپ چۈشەلەيدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
213 : 26

فَلَا تَدۡعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَتَكُونَ مِنَ ٱلۡمُعَذَّبِينَ

ئاللاھقا باشقا ھېچقانداق مەبۇدنى شېرىك قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلمىغىن، بولمىسا مۇشۇ سەۋەبلىك ئازابلانغۇچىلاردىن بوپقالىسەن. info
التفاسير:

external-link copy
214 : 26

وَأَنذِرۡ عَشِيرَتَكَ ٱلۡأَقۡرَبِينَ

ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭنى ئاگاھلاندۇرۇشتا ئەڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭدىن باشلىغىن. ئۇلار شېرىك ئۈستىدە قېلىپ ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولمىسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
215 : 26

وَٱخۡفِضۡ جَنَاحَكَ لِمَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە مېھىر - شەپقەت كۆرسىتىش يۈزىسىدىن سۆز - ھەرىكەتتە مۇلايىم بولغىن. info
التفاسير:

external-link copy
216 : 26

فَإِنۡ عَصَوۡكَ فَقُلۡ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّمَّا تَعۡمَلُونَ

ئەگەر ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش ھەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنمىسا ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلاردىن ۋە ئاسىيلىقىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن. info
التفاسير:

external-link copy
217 : 26

وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱلۡعَزِيزِ ٱلرَّحِيمِ

سەن بارلىق ئىشلىرىڭدا دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالالايدىغان، ھەممىدىن غالىب، بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا رەھىمدىل بولغان زاتقا تايانغىن. info
التفاسير:

external-link copy
218 : 26

ٱلَّذِي يَرَىٰكَ حِينَ تَقُومُ

ئۇ سېنى نامازغا تۇرغىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
219 : 26

وَتَقَلُّبَكَ فِي ٱلسَّٰجِدِينَ

ئۇ سېنىڭ نامازخانلار ئىچىدە بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكەلگىنىڭنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھقا سېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
220 : 26

إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ

ھەقىقەتەن ئاللاھ سېنىڭ قۇرئاندىن ئوقۇغانلىرىڭنى، نامازدىكى زىكىر - تەسبىھلىرىڭنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، نېيىتىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
221 : 26

هَلۡ أُنَبِّئُكُمۡ عَلَىٰ مَن تَنَزَّلُ ٱلشَّيَٰطِينُ

(ئى مۇھەممەد! مەككە كاپىرلىرىغا ئېيتقىنكى)، سىلەر بۇ قۇرئاننى ئېلىپ چۈشكەن، دەپ بىلجىرلاۋاتقان شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
222 : 26

تَنَزَّلُ عَلَىٰ كُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٖ

شەيتانلار ھەر بىر يالغانچى، گۇناھكار، ئاسىي رەمباللارغا چۈشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
223 : 26

يُلۡقُونَ ٱلسَّمۡعَ وَأَكۡثَرُهُمۡ كَٰذِبُونَ

شەيتانلار پەرىشتىلەرنىڭ (دېيىشكەنلىرىنى) ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋېلىپ، كاھىن دوستلىرىغا تاشلايدۇ. كاھىنلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغانچىلاردۇر. ئۇلار بىر ئېغىز راست سۆزگە يۈز يالغاننى قوشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
224 : 26

وَٱلشُّعَرَآءُ يَتَّبِعُهُمُ ٱلۡغَاوُۥنَ

سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەگىشىدۇ، دەپ بىلجىرلاۋاتقان شائىرلار توغرا، تۈپتۈز يولدىن چەتنەپ كەتكەنلەر بولۇپ، ئۇلار شېئىرلارنى ئوقۇيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
225 : 26

أَلَمۡ تَرَ أَنَّهُمۡ فِي كُلِّ وَادٖ يَهِيمُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىغا قارىمامسەن؟ ئۇلار ھەر بىر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ، گاھ ماختايدۇ، گاھ ئەيىبلەيدۇ، گاھ باشقا نەرسىلەرنى دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
226 : 26

وَأَنَّهُمۡ يَقُولُونَ مَا لَا يَفۡعَلُونَ

ئۇلار يالغان ئېيتىپ، ئۆزلىرى قىلمىغاننى بىز قىلدۇق، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
227 : 26

إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَذَكَرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا وَٱنتَصَرُواْ مِنۢ بَعۡدِ مَا ظُلِمُواْۗ وَسَيَعۡلَمُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ أَيَّ مُنقَلَبٖ يَنقَلِبُونَ

پەقەت شائىرلار ئىچىدىن ھەسسان ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ نەگە قايتىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىدۇ، ئۇلار بۈيۈك تۇرۇش ۋە ئىنچىكە ھېسابقا قايتۇرۇلىدۇ. info
التفاسير:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• إثبات العدل لله، ونفي الظلم عنه.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ ئەدل سۈپىتىنى ئىسپاتلاپ، ئۇنىڭدىن زۇلۇمنى يوققا چىقىرىدۇ. info

• تنزيه القرآن عن قرب الشياطين منه.
قۇرئانغا شەيتانلارنىڭ يېقىنلىشالايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. info

• أهمية اللين والرفق للدعاة إلى الله.
ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇلايىملىق ۋە مېھرىبانلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• الشعر حَسَنُهُ حَسَن، وقبيحه قبيح.
شېئىرنىڭ ياخشىسىمۇ، ناچىرىمۇ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info