Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar Taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci.

Lambar shafi:close

external-link copy
40 : 26

لَعَلَّنَا نَتَّبِعُ ٱلسَّحَرَةَ إِن كَانُواْ هُمُ ٱلۡغَٰلِبِينَ

ئەگەر سېھىرگەرلەر مۇسانى يېڭىۋالسا شۇلارنىڭ دىنىغا ئەگىشىشىمىز مۇمكىن. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 26

فَلَمَّا جَآءَ ٱلسَّحَرَةُ قَالُواْ لِفِرۡعَوۡنَ أَئِنَّ لَنَا لَأَجۡرًا إِن كُنَّا نَحۡنُ ٱلۡغَٰلِبِينَ

سېھىرگەرلەر مۇسانى يېڭىۋېلىشنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈشۈپ پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا: ئەگەر بىز مۇسانى يىڭىۋالساق، بىزگە ماددىي ياكى مەنىۋى مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟ دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 26

قَالَ نَعَمۡ وَإِنَّكُمۡ إِذٗا لَّمِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ

پىرئەۋن ئۇلارغا: شۇنداق، ئەگەر مۇسانى يېڭەلىسەڭلار، مەن سىلەرگە يۇقىرى ئۇنۋانلارنى بېرىپ، يېقىن ئادەملىرىمدىن قىلىۋالىمەن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 26

قَالَ لَهُم مُّوسَىٰٓ أَلۡقُواْ مَآ أَنتُم مُّلۡقُونَ

مۇسا ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ھەم ئۆزىدىكى نەرسىنىڭ سېھىر ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئۇلارغا: سىلەر تاشلىماقچى بولغان ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلارنى تاشلاڭلار، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 26

فَأَلۡقَوۡاْ حِبَالَهُمۡ وَعِصِيَّهُمۡ وَقَالُواْ بِعِزَّةِ فِرۡعَوۡنَ إِنَّا لَنَحۡنُ ٱلۡغَٰلِبُونَ

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئارغامچىلىرى بىلەن ھاسىلىرىنى تاشلاشتى ھەمدە ئۇلارنى تاشلاۋېتىپ: پىرئەۋننىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز چوقۇم ئۇتۇپ چىققۇچىلارمىز، مۇسا بولسا مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 26

فَأَلۡقَىٰ مُوسَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ تَلۡقَفُ مَا يَأۡفِكُونَ

ئارقىدىن مۇسامۇ ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ھاسا بىردىنلا ئەجدىھاغا ئايلىنىپ، كۈتۈلمىگەندە سېھىرگەرلەرنىڭ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئوتتۇرىغا تاشلىغان نەرسىلىرىنى يۇتۇۋەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 26

فَأُلۡقِيَ ٱلسَّحَرَةُ سَٰجِدِينَ

سېھىرگەرلەر مۇسانىڭ ھاسىسىنىڭ ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا تاشلىغان سېھىرلەرنى يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سەجدىگە يىقىلىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 26

قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئۇلار بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 26

رَبِّ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ

ئۇلار مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 26

قَالَ ءَامَنتُمۡ لَهُۥ قَبۡلَ أَنۡ ءَاذَنَ لَكُمۡۖ إِنَّهُۥ لَكَبِيرُكُمُ ٱلَّذِي عَلَّمَكُمُ ٱلسِّحۡرَ فَلَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَۚ لَأُقَطِّعَنَّ أَيۡدِيَكُمۡ وَأَرۡجُلَكُم مِّنۡ خِلَٰفٖ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمۡ أَجۡمَعِينَ

پىرئەۋن سېھىرگەرلەرنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىغا قاتتىق غەزەبلىنىپ: مېنىڭ رۇخسىتىمسىز مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلارما؟ مۇسا چوقۇم سىلەرگە سېھىرگەرلىكنى ئۆگەتكەن پىرىڭلار ئىكەن. سىلەر بىرلىشىپ مىسىرلىقلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ كويىدا بولۇۋېتىپسىلەر. سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ قول - پۇتلىرىڭلارنى چوقۇم ئوڭ - چەپ قىلىپ، يەنى ئوڭ پۇتۇڭلارنى سول قولۇڭلار بىلەن، ياكى سول پۇتۇڭلارنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن قوشۇپ كېسىۋېتىمەن، شۇنداقلا ھەممىڭلارنى خورما ياغاچلىرى (دىن ياسالغان دار)غا ئاسىمەن، سىلەردىن ھېچكىمنى ساق قويمايمەن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 26

قَالُواْ لَا ضَيۡرَۖ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا مُنقَلِبُونَ

سېھىرگەرلەر پىرئەۋنگە ئېيتتى: سېنىڭ بۇ دۇنيادىكى چېپىش، ئېسىش دېگەندەك تەھدىتلىرىڭنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى سېنىڭ ئازابىڭ ھامان يوقىلىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز. ئۇ بىزنى چوقۇم مەڭگۈلۈك رەھمىتىگە كىرگۈزىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 26

إِنَّا نَطۡمَعُ أَن يَغۡفِرَ لَنَا رَبُّنَا خَطَٰيَٰنَآ أَن كُنَّآ أَوَّلَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

بىز ھەممىدىن بۇرۇن مۇساغا ئىمان ئېيتىپ، ئۇنى تەستىقلىغانلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىلگىرى قىلىپ سالغان گۇناھلىرىمىزنى يوققا چىقىرىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 26

۞ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنۡ أَسۡرِ بِعِبَادِيٓ إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ

بىز مۇساغا ۋەھىي قىلىپ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى بۇيرۇدۇق. چۈنكى پىرئەۋن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن چاپارمەنلىرى بىلەن چوقۇم قوغلاپ كېلەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 26

فَأَرۡسَلَ فِرۡعَوۡنُ فِي ٱلۡمَدَآئِنِ حَٰشِرِينَ

پىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مىسىردىن يولغا چىققانلىقىنى بىلىپلا ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئەتراپتىكى شەھەرلەرگە لەشكەر توپلاش ئۈچۈن چاپارمەنلەرنى ئەۋەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 26

إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ لَشِرۡذِمَةٞ قَلِيلُونَ

پىرئەۋن ئۇلارنى مەنسىتمىگە ھالدا ئېيتتى: ئۇلار پەقەت ئازغىنە بىر ئوچۇم كىشىلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 26

وَإِنَّهُمۡ لَنَا لَغَآئِظُونَ

ھەقىقەتەن ئۇلار بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرىدىغان ئىشنى قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
56 : 26

وَإِنَّا لَجَمِيعٌ حَٰذِرُونَ

بىز ھەقىقەتەن سەگەكلىك بىلەن تۇرىدىغان كىشىلەرمىز. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 26

فَأَخۡرَجۡنَٰهُم مِّن جَنَّٰتٖ وَعُيُونٖ

بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىنى مول ھوسۇللۇق باغلىرى، سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلىرى بار بولغان مىسىر زېمىدىن چىقاردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
58 : 26

وَكُنُوزٖ وَمَقَامٖ كَرِيمٖ

مىسىرنىڭ يەنە بايلىققا تولغان خەزىنىلىرى ۋە ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلىرى بار. info
التفاسير:

external-link copy
59 : 26

كَذَٰلِكَۖ وَأَوۡرَثۡنَٰهَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ

پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ تەۋەلىكىنى مۇشۇنداق باياشاتلىقتىن چىقارغىنىمىزدەك، ئۇلاردىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىنى شام زېمىنىدا مۇشۇنداق باياشاتلىققا ئىگە قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
60 : 26

فَأَتۡبَعُوهُم مُّشۡرِقِينَ

پىرئەۋن قەبىلىسى بىلەن بىرگە قۇياش كۆتۈرۈلگەن چاغدا ئىسرائىل ئەۋلادىنى قوغلاپ چىقتى. info
التفاسير:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• العلاقة بين أهل الباطل هي المصالح المادية.
باتىل كۈچلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ماددىي مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ. info

• ثقة موسى بالنصر على السحرة تصديقًا لوعد ربه.
مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن بولغاچقا سېھىرگەرلەرنى چوقۇم يېڭىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. info

• إيمان السحرة برهان على أن الله هو مُصَرِّف القلوب يصرفها كيف يشاء.
سېھىرگەرلەرنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ قەلبلەرنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرىدىغانلىقىنىڭ پاكىتىدۇر. info

• الطغيان والظلم من أسباب زوال الملك.
ھەددىدىن ئىشىش ۋە زۇلۇم قىلىش تەختى - بەختىنىڭ قولدىن كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىن بىرىدۇر. info