وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ رَبِّ أَرِنِي كَيۡفَ تُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰۖ قَالَ أَوَلَمۡ تُؤۡمِنۖ قَالَ بَلَىٰ وَلَٰكِن لِّيَطۡمَئِنَّ قَلۡبِيۖ قَالَ فَخُذۡ أَرۡبَعَةٗ مِّنَ ٱلطَّيۡرِ فَصُرۡهُنَّ إِلَيۡكَ ثُمَّ ٱجۡعَلۡ عَلَىٰ كُلِّ جَبَلٖ مِّنۡهُنَّ جُزۡءٗا ثُمَّ ٱدۡعُهُنَّ يَأۡتِينَكَ سَعۡيٗاۚ وَٱعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
ئى پەيغەمبەر! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇنۇ سۆزىنى ئەسلە: پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن دېدى، ئاللاھ: «ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمىدىڭمۇ؟»دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈمنىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن»دېدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇيرۇپ: «قۇشتىن تۆرتنى ئالغىن، ئۇلارنى توپلىغىن يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن، ئاندىن ھەر بىرتاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، ئۇلارغا جان كېرىپ سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇچقانچە كېلىدۇ. ئەي ئىبراھىم! بىلگىنكى، ئاللاھ ئۆز پادىشاھلىقىدا غالىبتۇر، ئۆزىنىڭ بۇيرۇق ۋە بەلگىلىمىلىرىدە، يارىتىشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
التفاسير: