ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم

رقم الصفحة: 34:2 close

external-link copy
220 : 2

فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۗ وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡيَتَٰمَىٰۖ قُلۡ إِصۡلَاحٞ لَّهُمۡ خَيۡرٞۖ وَإِن تُخَالِطُوهُمۡ فَإِخۡوَٰنُكُمۡۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ ٱلۡمُفۡسِدَ مِنَ ٱلۡمُصۡلِحِۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَأَعۡنَتَكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ

ئاللاھ يۇقىرىقى ھۆكۈملەرنى سىلەرگە دۇنيا ئاخىرەتتە مەنپەئەتى تېگىدىغان ئىشلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن يولغا قويدى. ئى پەيغەمبەر! ساھابىلىرىڭ سەندىن: يىتىملارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھەققىدە ئۇلار بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىنى نەپىقە، يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ قاتارلىقلاردا ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ئارىلاشتۇرامدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورىشىدۇ. سەن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئەجىر ئالماي، ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىغا ئارىلاشتۇرماي تۈزەش ئارقىلىق ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىنىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە ياخشى ۋە ئەجىر جەھەتتە كاتتىدۇر. ئۇلارنىڭمۇ ماللىرى ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ ياخشىدۇر. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىغا قېتىپ ئۇلارنى كۈندىلىك مەئىشەت ۋە تۇرالغۇدا ئۆزۈڭلارغا شېرىك قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىندىشىڭلاردۇر. قېرىنداشلار ئۆز-ئارا بىر بىرىگە ياردەملىشىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ. ئاللاھ يېتىملەرنىڭ ۋەلىلىرى ئىچىدە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىغا شېرىك قىلىپ ئىسلاھ قىلماقچى بولغان كىشى بىلەن بۇزماقچى بولغان كىشىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ يېتىملارنىڭ ئىشىدا سىلەرنى جاپاغا سېلىشنى خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى جاپاغا سالغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرگە يېتىملارغا مۇئامىلە قىلىش يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. چۈنكى ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ئاسانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۈبھىسىزكى ئاللاھ غالىبدۇر. ھىچ قانداق نەرسە ئاللاھدىن غالىپ كېلەلمەيدۇ. مەخلۇقاتلارنى يارىتىش، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
221 : 2

وَلَا تَنكِحُواْ ٱلۡمُشۡرِكَٰتِ حَتَّىٰ يُؤۡمِنَّۚ وَلَأَمَةٞ مُّؤۡمِنَةٌ خَيۡرٞ مِّن مُّشۡرِكَةٖ وَلَوۡ أَعۡجَبَتۡكُمۡۗ وَلَا تُنكِحُواْ ٱلۡمُشۡرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤۡمِنُواْۚ وَلَعَبۡدٞ مُّؤۡمِنٌ خَيۡرٞ مِّن مُّشۡرِكٖ وَلَوۡ أَعۡجَبَكُمۡۗ أُوْلَٰٓئِكَ يَدۡعُونَ إِلَى ٱلنَّارِۖ وَٱللَّهُ يَدۡعُوٓاْ إِلَى ٱلۡجَنَّةِ وَٱلۡمَغۡفِرَةِ بِإِذۡنِهِۦۖ وَيُبَيِّنُ ءَايَٰتِهِۦ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ

ئى مۆمىنلەر! مۇشرىك ئاياللار تاكى يەككە-يېگانە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئىسلام دىنىغا كىرمىگۈچە نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەن دېدەك ئايال، ھۆسىن-جامالى ۋە پۇل-مېلى بىلەن سىلەرنى مەپتۇن قىلغان بۇتپەرەس ھۆر ئايالدىن ئەۋزەلدۇر. مۇسۇلمان ئاياللارنى مۇشرىك ئەرلەرگە ياتلىق قىلماڭلار. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەن ئەر قۇل گەرچە سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ ھۆر مۇشرىك ئەردىن ياخشى. ئەر-ئايال مۇشرىكلار سۆزلىرى ۋە ئىش ھەرىكەتلىرى بىلەن دەۋزەخكە كىرىشكە چاقىرىدۇ. ئاللاھ پەزلى مەرھەمىتى بىلەن جەننەتكە كىرىش، گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت بولىشىغا ئېلىپ بارىدىغان سالىھ ئەمەللەرگە چاقىرىدۇ، كىشىلەرگە ئىبرەت ئېلىپ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
222 : 2

وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡمَحِيضِۖ قُلۡ هُوَ أَذٗى فَٱعۡتَزِلُواْ ٱلنِّسَآءَ فِي ٱلۡمَحِيضِ وَلَا تَقۡرَبُوهُنَّ حَتَّىٰ يَطۡهُرۡنَۖ فَإِذَا تَطَهَّرۡنَ فَأۡتُوهُنَّ مِنۡ حَيۡثُ أَمَرَكُمُ ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلتَّوَّٰبِينَ وَيُحِبُّ ٱلۡمُتَطَهِّرِينَ

ئى پەيغەمبەر! ساھابىلىرىڭ سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. سەن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: ھەيز ئەر ۋە ئايالغا زىيانلىقتۇر. ھەيز مەزگىلىدە ئاياللار بىلەن جىنسى ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. تاكى ھەيز قېنى ئۈزۈلۈپ ئۇلار يۇيۇنۇپ بولغۇچە ئاياللىرىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار. ئاياللاردىن قان توختاپ ھەيزدىن پاك بولسا ئاللاھ سىلەرگە رۇخسەت قىلغان شەكىلدە يەنى ئاياللار ھەيزدىن پاك بولغاندا ئۇلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلساڭلار بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ گۇناھ مەئسىيەتتىن تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشىنى، نىجاسەتلەردىن پاكلانغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
223 : 2

نِسَآؤُكُمۡ حَرۡثٞ لَّكُمۡ فَأۡتُواْ حَرۡثَكُمۡ أَنَّىٰ شِئۡتُمۡۖ وَقَدِّمُواْ لِأَنفُسِكُمۡۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُم مُّلَٰقُوهُۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن مېۋە چىقىدىغان ئېكىنزارلىققا ئوخشاش بولۇپ ئۇلار سىلەرگە پەرزەنت تۇغۇپ بېرىدۇ. سىلەر ئېكىنزارلىقىڭلارغا ئالدى تەرەپكە كېلىش شەرتى بىلەن خالىغان تەرەپتىن، خالىغىنىڭلارچە كېلىڭلار. ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەل تەييارلاڭلار، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە سالىھ پەرزەنت ئۈمىدى بىلەن ئەر كىشىنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە بولىشىمۇ ياخشىلىقنىڭ قاتارىدىندۇر. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. ئاياللار ھەققىدە يولغا قويۇلغان ھۆكۈممۇ بۇنىڭ قاتارىدىندۇر. بىلىڭلاركى سىلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۇچرىشىسىلەر، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىسىلەر، ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن سىلەرگە جازا-مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرگە، رەببىگە ئۇچراشقاندا ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان ئۈزۈلمەس نېئمەتلەر ۋە ئاللاھنىڭ مۇبارەك يۈزىگە قاراش بىلەن بىشارەت بەرگىن. info
التفاسير:

external-link copy
224 : 2

وَلَا تَجۡعَلُواْ ٱللَّهَ عُرۡضَةٗ لِّأَيۡمَٰنِكُمۡ أَن تَبَرُّواْ وَتَتَّقُواْ وَتُصۡلِحُواْ بَيۡنَ ٱلنَّاسِۚ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ

ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشنى ياخشىلىق قىلىش، تەقۋالىق ۋە كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەشنى چەكلەيدىغان ھۆججەت قىلىۋالماڭلار، بەلكى ياخشىلىقنى تەرك ئېتىشكە قەسەم قىلغان بولساڭلار ياخشىلىقنى قىلىپ قەسىمىڭلارغا كەففارەت بېرىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر ، ئىش ھەرىكەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر ۋە ئەمىلىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بەرگۈچىدۇر. info
التفاسير:
من فوائد الآيات في هذه الصفحة:
• تحريم النكاح بين المسلمين والمشركين، وذلك لبُعد ما بين الشرك والإيمان.
شېرىك بىلەن ئىماننىڭ ئارىسى يىراق بولغىنىدەك، مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئارىسىدا نىكاھلىنىش ھارام قىلىندى. info

• دلت الآية على اشتراط الولي عند عقد النكاح؛ لأن الله تعالى خاطب الأولياء لمّا نهى عن تزويج المشركين.
نىكاھتا ۋەلىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىگە مەزكۇر ئايەت دەلالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ مۇشرىكلەرگە نىكاھلىنىشنى چەكلىگەندە خىتابنى ۋەلىلەرگە قىلدى. info

• حث الشريعة على الطهارة الحسية من النجاسات والأقذار، والطهارة المعنوية من الشرك والمعاصي.
شەرىئەت نىجاسەتلەردىن ھېسسى جەھەتتىن پاك بولۇشقا، شېرىك ۋە گۇناھ مەئسىيەتلەردىن مەنىۋىي جەھەتتىن پاك بولۇشقا بۇيرىدى. info

• ترغيب المؤمن في أن يكون نظره في أعماله - حتى ما يتعلق بالملذات - إلى الدار الآخرة، فيقدم لنفسه ما ينفعه فيها.
مۆئمىن دۇنيالىق ئىشلارنى قىلغاندا، ئاخىرەتتە مەنپەئەتى تىگىدىغان ئەمەللەرنى بۇرۇن قىلىشقا رىغبەتلىنىشى كېرەك. info