وَٱلَّذِينَ يُتَوَفَّوۡنَ مِنكُمۡ وَيَذَرُونَ أَزۡوَٰجٗا وَصِيَّةٗ لِّأَزۡوَٰجِهِم مَّتَٰعًا إِلَى ٱلۡحَوۡلِ غَيۡرَ إِخۡرَاجٖۚ فَإِنۡ خَرَجۡنَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ فِي مَا فَعَلۡنَ فِيٓ أَنفُسِهِنَّ مِن مَّعۡرُوفٖۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئايالى قېلىپ قالغانلار، ئاياللىرىنىڭ ئۇچرىغان مۇسىبەتلىرىگە تەسەللى بېرىش ۋە مېيىتقا ۋاپادارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، مېيتنىڭ ۋارىسلىرى ئۇلارنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتمەستىن، تۇلۇق بىر يىلغىچە تۇرىدىغان ئۆي ۋە نەپىقە بېرىشىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى چىقىپ كەتسە ئۇلارنىڭ زىننەتلىنىشى ۋە خۇشپۇراق ئىشلىتىشىدە سىلەرگىمۇ ۋە ئۇلارغىمۇ ھېچقانداق گۇناھ يوق. ئاللاھ غالىبتۇر. ئاللاھتىن غالىب كەلگۈچى يوقدۇر. ئاللاھ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. كۆپچىلىك تەپسىرشۇناسلار بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى ئاللاھ تائالانىڭ: «ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم» دېگەن ئايەتنىڭ نازىل بولۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.
التفاسير: