Prijevod značenja časnog Kur'ana - Prijevod djela "Skraćeni tefsir Kur'ana" na ujgurski jezik.

Broj stranice:close

external-link copy
260 : 2

وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ رَبِّ أَرِنِي كَيۡفَ تُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰۖ قَالَ أَوَلَمۡ تُؤۡمِنۖ قَالَ بَلَىٰ وَلَٰكِن لِّيَطۡمَئِنَّ قَلۡبِيۖ قَالَ فَخُذۡ أَرۡبَعَةٗ مِّنَ ٱلطَّيۡرِ فَصُرۡهُنَّ إِلَيۡكَ ثُمَّ ٱجۡعَلۡ عَلَىٰ كُلِّ جَبَلٖ مِّنۡهُنَّ جُزۡءٗا ثُمَّ ٱدۡعُهُنَّ يَأۡتِينَكَ سَعۡيٗاۚ وَٱعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ

ئى پەيغەمبەر! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇنۇ سۆزىنى ئەسلە: پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن دېدى، ئاللاھ: «ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمىدىڭمۇ؟»دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈمنىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن»دېدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇيرۇپ: «قۇشتىن تۆرتنى ئالغىن، ئۇلارنى توپلىغىن يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن، ئاندىن ھەر بىرتاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، ئۇلارغا جان كېرىپ سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇچقانچە كېلىدۇ. ئەي ئىبراھىم! بىلگىنكى، ئاللاھ ئۆز پادىشاھلىقىدا غالىبتۇر، ئۆزىنىڭ بۇيرۇق ۋە بەلگىلىمىلىرىدە، يارىتىشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
261 : 2

مَّثَلُ ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنۢبَتَتۡ سَبۡعَ سَنَابِلَ فِي كُلِّ سُنۢبُلَةٖ مِّاْئَةُ حَبَّةٖۗ وَٱللَّهُ يُضَٰعِفُ لِمَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ

پۇل-مېلىنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلغان مۆئمىنغا بېرىلىدىغان ساۋابنىڭ مىسالى: دىھقان يەرگە ئۇرۇغ سالسا ئۇنىڭدىن يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر بىر باشاقتا يۈزدىن دان تۇتقان باشاققا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى، مەرھەمىتى چەكسىز ۋە كەڭرىدۇر. كىمنىڭ ئەجىر ۋە ساۋابقا ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلگۈچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
262 : 2

ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ثُمَّ لَا يُتۡبِعُونَ مَآ أَنفَقُواْ مَنّٗا وَلَآ أَذٗى لَّهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ

پۇل-ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىسىگە ئۇنىڭ ساۋابىنى بىكار قېلىۋىتىدىغان ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ھەركىتى بىلەن مىننەت قىلمايدىغان، ئۇلارنى رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا قىيامەت كۈنىدە قورقۇنچ بولمايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نېئمەت كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىسىگە .قايغۇرمايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
263 : 2

۞ قَوۡلٞ مَّعۡرُوفٞ وَمَغۡفِرَةٌ خَيۡرٞ مِّن صَدَقَةٖ يَتۡبَعُهَآ أَذٗىۗ وَٱللَّهُ غَنِيٌّ حَلِيمٞ

ياخشى سۆز ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا خۇرسەنلىك پەيدا قىلىش، يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرۈش، ئەزىيەت ئېلىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن يەنى سەدىقە قىلىپ بولۇپ، سەدىقە قېلىنغۇچىغا مىننەت قىلىشتىن ياخشىدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سەدىقىسىدىن بىھاجەتتۇر، ئۇ ھەلىمدۇر يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
264 : 2

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُبۡطِلُواْ صَدَقَٰتِكُم بِٱلۡمَنِّ وَٱلۡأَذَىٰ كَٱلَّذِي يُنفِقُ مَالَهُۥ رِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَلَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۖ فَمَثَلُهُۥ كَمَثَلِ صَفۡوَانٍ عَلَيۡهِ تُرَابٞ فَأَصَابَهُۥ وَابِلٞ فَتَرَكَهُۥ صَلۡدٗاۖ لَّا يَقۡدِرُونَ عَلَىٰ شَيۡءٖ مِّمَّا كَسَبُواْۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡكَٰفِرِينَ

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! سەدىقە قىلىنغۇچىغا مىننەت قىلىپ، ئەزىيەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق قىلغان سەدىقىلىرىڭلارنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار، بۇنداق كىشىنىڭ مىسالى: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغان، جازا ۋە مۇكاپاتقا ئىشەنمەيدىغان، پۇل-مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ۋە ماختىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان كىشىنىڭ قىلمىشىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق پۇل ـ مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئادەمنىڭ مىسالى، خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۇيۇلۇپ بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ.ئاشۇنىڭغا ئوخشاش رىيا قىلغۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ۋە سەدىقىلىرىنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋېتىدۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە قالمايدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى ئۆزى رازى بولىدىغان، سەدىقە ۋە ئەمەللىرىدە پايدىغا ئېرىشىدىغان ئىشلارغا يېتەكلىمەيدۇ. info
التفاسير:
Poruke i pouke ajeta na ovoj stranici:
• مراتب الإيمان بالله ومنازل اليقين به متفاوتة لا حد لها، وكلما ازداد العبد نظرًا في آيات الله الشرعية والكونية زاد إيمانًا ويقينًا.
ئاللاھقا ئىمان ئىيتىش ۋە ئېشىنىشنىڭ مەرتىۋىلىرى پەرقلىق بولۇپ، بۇنىڭ چەك-چىگراسى يوق، ھەر قاچان بەندە ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلىرىغا ۋە شەرىئىتىدىكى پرىنسىپلىرىغا نەزەر سالغىنىدا، ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمان ۋە ئىشەنچىسى زىيادە بولىدۇ. info

• بَعْثُ الله تعالى للخلق بعد موتهم دليل ظاهر على كمال قدرته وتمام عظمته سبحانه.
ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلارنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە كامالى قۇدرىتىنىڭ روشەن دەلىلىدۇر info

• فضل الإنفاق في سبيل الله وعظم ثوابه، إذا صاحبته النية الصالحة، ولم يلحقه أذى ولا مِنّة محبطة للعمل.
ئەزىيەتسىز ۋە مىننەتسىز خالىس نىيەت بىلەن ئاللاھ يولىدا قىلىنغان سەدىقىنىڭ پەزىلىتى ۋە ساۋابى چەكسىزدۇر. info

• من أحسن ما يقدمه المرء للناس حُسن الخلق من قول وفعل حَسَن، وعفو عن مسيء.
مۇسۇلماننىڭ ئىنسانلارغا تەقدىم قېلىدىغان ئەڭ ياخشى نەرسىسى، سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتتىن بولغان گۈزەل ئەخلاق ۋە يامانلىق قىلغۇچىنى ئەپۇ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. info