Prijevod značenja časnog Kur'ana - Prijevod djela "Skraćeni tefsir Kur'ana" na ujgurski jezik.

Broj stranice:close

external-link copy
84 : 2

وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَكُمۡ لَا تَسۡفِكُونَ دِمَآءَكُمۡ وَلَا تُخۡرِجُونَ أَنفُسَكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ ثُمَّ أَقۡرَرۡتُمۡ وَأَنتُمۡ تَشۡهَدُونَ

ئۆز ۋاقتىدا تەۋراتتا سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر-بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا ئېلىنغان چىن ئەھدىنى ئەسلەڭلار. ئاندىن بىز سىلەردىن ئالغان ئاشۇ چىن ئەھدىنى ئېتىراپ قىلدىڭلار ۋە ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىڭلار info
التفاسير:

external-link copy
85 : 2

ثُمَّ أَنتُمۡ هَٰٓؤُلَآءِ تَقۡتُلُونَ أَنفُسَكُمۡ وَتُخۡرِجُونَ فَرِيقٗا مِّنكُم مِّن دِيَٰرِهِمۡ تَظَٰهَرُونَ عَلَيۡهِم بِٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَإِن يَأۡتُوكُمۡ أُسَٰرَىٰ تُفَٰدُوهُمۡ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيۡكُمۡ إِخۡرَاجُهُمۡۚ أَفَتُؤۡمِنُونَ بِبَعۡضِ ٱلۡكِتَٰبِ وَتَكۡفُرُونَ بِبَعۡضٖۚ فَمَا جَزَآءُ مَن يَفۡعَلُ ذَٰلِكَ مِنكُمۡ إِلَّا خِزۡيٞ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يُرَدُّونَ إِلَىٰٓ أَشَدِّ ٱلۡعَذَابِۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ

كېيىن سىلەر ئەھدىنى بۇزۇپ بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ كەلسە، ئۇلارنى پىديە بېرىپ قۇتقۇزۇشقا تېرىشتىڭلار، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەر-يۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر قانداقمۇ ئەسىرلەرگە پىديە بېرىپ قۇتقۇزۇش ۋاجىپ دېگەن ئايەتنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشنىڭ ھاراملىقى ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنىڭ ھاراملىقىدىن ئىبارەت بولغان يەنە بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟. سىلەردىن شۇنداق ئىشنى قىلغان كىشىنىڭ جازاسى دۇنيادا خارلىق ۋە ئېتىبارسىزلىق بولسا، ئاخىرەتتە ئەڭ دەھشەتلىك ئازابقا ئۇچرايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنى جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
86 : 2

أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشۡتَرَوُاْ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا بِٱلۡأٓخِرَةِۖ فَلَا يُخَفَّفُ عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابُ وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ

ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى دۇنيا ھاياتىغا ئالماشتۇرغانلار، مەڭگۈ قالىدىغان نەرسىنىڭ بەدىلىگە يوقىلىدىغان نەرسىنى تاللىغانلار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرەتتە ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
87 : 2

وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَقَفَّيۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِۦ بِٱلرُّسُلِۖ وَءَاتَيۡنَا عِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَأَيَّدۡنَٰهُ بِرُوحِ ٱلۡقُدُسِۗ أَفَكُلَّمَا جَآءَكُمۡ رَسُولُۢ بِمَا لَا تَهۡوَىٰٓ أَنفُسُكُمُ ٱسۡتَكۡبَرۡتُمۡ فَفَرِيقٗا كَذَّبۡتُمۡ وَفَرِيقٗا تَقۡتُلُونَ

ھەقىقەتەن بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى بەردۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇ-ئارقا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىساغا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش، قارىغۇ ۋە بەرەس كېسەللىكىنى ساقايتىشتىن ئىبارەت بولغان ئوچۇق مۆجىزىلەرنى بەردۇق، ئۇنى رۇھۇلقۇددۇس يەنى جىبرائىل بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى! ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىر نەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە چوڭچىلىق قىلىسىلە، بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار؟ info
التفاسير:

external-link copy
88 : 2

وَقَالُواْ قُلُوبُنَا غُلۡفُۢۚ بَل لَّعَنَهُمُ ٱللَّهُ بِكُفۡرِهِمۡ فَقَلِيلٗا مَّا يُؤۡمِنُونَ

يەھۇدىلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەسلىكتىكى ھۆججىتى ئۇلارنىڭ: بىزنىڭ دىللىرىمىز پەردىلەنگەن، سېنىڭ دېگەن سۆزلىرىڭ ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ ۋە ئۇنى چۈشەنمەيدۇ دېگەن سۆزىدۇر، ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز بىرقىسىم كىشىلەردۇر. info
التفاسير:
Poruke i pouke ajeta na ovoj stranici:
• من أعظم الكفر: الإيمان ببعض ما أنزل الله والكفر ببعضه؛ لأن فاعل ذلك قد جعل إلهه هواه.
كۇپىرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان كىتابنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ يەنە بەزىسىنى ئىنكار قىلىشتۇر، چۈنكى ئۇنداق قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ نەپسى-خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان بولىدۇ info

• عِظَم ما بلغه اليهود من العناد، واتباع الهوى، والتلاعب بما أنزل الله تعالى.
يەھۇدىلارنىڭ گەردەنكەشلىك ۋە نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكىنى، ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈملەر بىلەن ئوينىشىشتۇر info

• فضل الله تعالى ورحمته بخلقه، حيث تابع عليهم إرسال الرسل وإنزال الكتب لهدايتهم للرشاد.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئارقىمۇ-ئارقا پەيغەمبەر ئەۋەتىشى ۋە كىتاب نازىل قىلىشى ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان پەزلى-رەھمىتىدۇر: info

• أن الله يعاقب المعرضين عن الهدى المعاندين لأوامره بالطبع على قلوبهم وطردهم من رحمته؛ فلا يهتدون إلى الحق، ولا يعملون به.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇيرىقىغا سەركەشلىك قىلىپ، توغرا يولدىن يۈز ئۆرىگەنلەرنى دىللىرىغا مۆھۈر بېسىش، رەھمىتىدىن يېراق قىلىش، توغرا يول تاپالماسلىق ۋە ھەقكە ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلار بىلەن جازالايدۇ info