Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht

Numri i faqes:close

external-link copy
24 : 4

۞ وَٱلۡمُحۡصَنَٰتُ مِنَ ٱلنِّسَآءِ إِلَّا مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡۖ كِتَٰبَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡۚ وَأُحِلَّ لَكُم مَّا وَرَآءَ ذَٰلِكُمۡ أَن تَبۡتَغُواْ بِأَمۡوَٰلِكُم مُّحۡصِنِينَ غَيۡرَ مُسَٰفِحِينَۚ فَمَا ٱسۡتَمۡتَعۡتُم بِهِۦ مِنۡهُنَّ فَـَٔاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ فَرِيضَةٗۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ فِيمَا تَرَٰضَيۡتُم بِهِۦ مِنۢ بَعۡدِ ٱلۡفَرِيضَةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمٗا

سىلەرگە ئېرى بار ئاياللارنى ئېلىش ھارام قىلىندى. لېكىن ئاللاھ يولىدىكى جىھادتا ئەسىرگە چۈشكەن چۆرىلەر بولسا، بىر قېتىم ئادەت كۆرۈپ پاكلىنىپ بولغاندىن كېيىن بىرگە بولساڭلار بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكمىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئاياللار بىلەن زىنا قىلىش كويىدا بولماي، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئىپپىتىنى ساقلىغان ئاساستا، مېھرىنى بېرىپ ھالاللىق بىلەن نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار بولىدۇ. قايسى ئايال بىلەن توي قىلىپ پايدىلانساڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ سىلەرگە پەرز قىلغان تويلۇق مېھرىنى بېرىڭلار، تويلۇق مېھرىنى پۈتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن پۈتۈشكەندىن ئارتۇق بەرسەڭلار ياكى ئايالنىڭ رازىلىقى بىلەن مەلۇم قىسمىنى ساقىت قىلىۋەتسەڭلار سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا شەكسىزكى ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ ئىشلارنى تەدبىر قىلىش ۋە يولغا قويۇشتا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 4

وَمَن لَّمۡ يَسۡتَطِعۡ مِنكُمۡ طَوۡلًا أَن يَنكِحَ ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ فَمِن مَّا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُم مِّن فَتَيَٰتِكُمُ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۚ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِإِيمَٰنِكُمۚ بَعۡضُكُم مِّنۢ بَعۡضٖۚ فَٱنكِحُوهُنَّ بِإِذۡنِ أَهۡلِهِنَّ وَءَاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِ مُحۡصَنَٰتٍ غَيۡرَ مُسَٰفِحَٰتٖ وَلَا مُتَّخِذَٰتِ أَخۡدَانٖۚ فَإِذَآ أُحۡصِنَّ فَإِنۡ أَتَيۡنَ بِفَٰحِشَةٖ فَعَلَيۡهِنَّ نِصۡفُ مَا عَلَى ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ مِنَ ٱلۡعَذَابِۚ ذَٰلِكَ لِمَنۡ خَشِيَ ٱلۡعَنَتَ مِنكُمۡۚ وَأَن تَصۡبِرُواْ خَيۡرٞ لَّكُمۡۗ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

قولى قىسقا بولغانلىقتىن ھۆر ئاياللار بىلەن توي قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ قول ئاستىدىكى مۇئمىنە چۆرىلەرنى ئالسا بولىدۇ، سىلەرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىڭلارنى ۋە ئىمانىڭلارنى ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ، سىلەر ۋە ئۇلار (چۆرىلەر) دىندا ۋە ئىنسانلىقتا ئوخشاش، شۇڭا ئۇلار بىلەن توي قىلىشتىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرماڭلار، ئۇلارنى خوجايىنلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن نىكاھلاپ ئېلىڭلار. ئۇلارنىڭ تويلۇق مېھرىنى كېمەيتىۋەتمەي، ئۇزۇنغىمۇ سوزۇۋەتمەي بېرىڭلار. بۇلار ئاشكارا زىنا قىلمايدىغان ۋە يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان بولۇشى كېرەك. ناۋادا ئۇلار توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن زىنا-پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا ئېرى بار، ھۆر ئاياللاردىن پەرقلىق بولىدۇ، يەنى ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ، ئەللىك قامچا ئۇرۇلىدۇ، چالما-كېسەك قىلىنمايدۇ. ئىپپەتلىك، مۇئمىن، چۆرىلەرنى نىكاھلاپ ئىلىشتىن ئىبارەت بۇ ھۆكۈم، ھۆر ئاياللار بىلەن توي قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان، توي قىلمىسا زىنا-پاھىشە قىلىپ سېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. لېكىن ئەۋلادلىرىنى قۇللۇقتىن ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن سەۋر قىلىش، دېدەك ئاياللار بىلەن توي قىلغاندىن ياخشىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا مېھرىباندۇر. ھۆر ئاياللار بىلەن توي قىلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكتىن زىنا-پاھىشىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشىلەرنىڭ دېدەكلەر بىلەن توي قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىشى ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بولغان رەھمىتىدىندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 4

يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيُبَيِّنَ لَكُمۡ وَيَهۡدِيَكُمۡ سُنَنَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ وَيَتُوبَ عَلَيۡكُمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ

ئاللاھ مۇشۇنداق ئەھكاملارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق سىلەرگە ئۆز شەرىئىتى ۋە دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ھەمدە سىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن پايدىلىق نەرسىلەرنى بايان قىلماقچى، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى ۋە ماختاشقا لايىق ئىش-ئىزلىرىغا ئەگىشىشىڭلار ئۈچۈن ھالال-ھارام ئىشلىرىدا سىلەرنى شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ يوللىرىغا يېتەكلىمەكچى، شۇنداقلا سىلەرنى گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئۆزنىڭ تائىتىگە قايتۇرماقچى. ئاللاھ بەندىلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يولغا قويىدۇ. يولغا قويغان ئىشلاردا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر ۋە بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر. info
التفاسير:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• حُرمة نكاح المتزوجات: حرائر أو إماء حتى تنقضي عدتهن أيًّا كان سبب العدة.
ھۆر بولسۇن ياكى دېدەك بولسۇن، قايسىبىر سەۋەب بىلەن ئىددەت تۇتۇشقا تېگىشلىك ئايال بولسا، ئىددىتى توشمىغۇچە ئۇ ئاياللارنى ئېلىش ھارامدۇر. info

• أن مهر المرأة يتعين بعد الدخول بها، وجواز أن تحط بعض مهرها إذا كان بطيب نفس منها.
ئايالنىڭ تويلۇق مېھرى جىنسىي ئالاقىدە بولغاندىن كېيىن ئەرنىڭ زىممىسىگە ۋاجىب بولىدۇ. لېكىن ئايال كىشى ئۆز رازىلىقى بىلەن مېھرىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆتۈۋەتسە بولىدۇ. info

• جواز نكاح الإماء المؤمنات عند عدم القدرة على نكاح الحرائر؛ إذا خاف على نفسه الوقوع في الزنى.
ھۆر ئاياللارنى ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، زىنا-پاھىشىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ قالسا، مۇئمىنە دېدەكلەر بىلەن توي قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. info

• من مقاصد الشريعة بيان الهدى والضلال، وإرشاد الناس إلى سنن الهدى التي تردُّهم إلى الله تعالى.
كىشىلەرگە ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنى يورۇتۇپ بېرىش ۋە كىشىلەرنى ئاللاھ تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولغا يېتەكلەش شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر. info