Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht

Numri i faqes:close

external-link copy
135 : 4

۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُونُواْ قَوَّٰمِينَ بِٱلۡقِسۡطِ شُهَدَآءَ لِلَّهِ وَلَوۡ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۡ أَوِ ٱلۡوَٰلِدَيۡنِ وَٱلۡأَقۡرَبِينَۚ إِن يَكُنۡ غَنِيًّا أَوۡ فَقِيرٗا فَٱللَّهُ أَوۡلَىٰ بِهِمَاۖ فَلَا تَتَّبِعُواْ ٱلۡهَوَىٰٓ أَن تَعۡدِلُواْۚ وَإِن تَلۡوُۥٓاْ أَوۡ تُعۡرِضُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٗا

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! ھەر قانداق ئەھۋالدا ئادىل بولۇڭلار. ئەگەر ئادالەت ئۆزۈڭلارنىڭ، ئاتا-ئانىلىرىڭلارنىڭ ياكى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىشنى تەقەززا قىلسىمۇ، يەنىلا ھەر قانداق كىشىگە قارىتا ھەققانىي گۇۋاھلىق بېرىڭلار. بىراۋنىڭ نامراتلىقى ياكى بايلىقى سىلەرنىڭ تېگىشلىك بولمىغان گۇۋاھلىقنى بېرىشىڭلارغا ياكى تېگىشلىك بولغان گۇۋاھلىقنى بەرمەسلىكىڭلارغا سەۋەب بوپقالمىسۇن. چۈنكى ئاللاھ نامراتقىمۇ، بايغىمۇ سىلەردىن يېقىنراقتۇر ۋە ئۇلارغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ھەقتىن تېيىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە ھاۋاىي-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. ئەگەر سىلەر گۇۋاھلىقنى ئەمەلىي ھالىتىدىن ئۆزگەرتىپ بەرسەڭلار ياكى گۇۋاھلىق بېرىشتىن قاچساڭلار، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
136 : 4

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ ءَامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلَّذِي نَزَّلَ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِن قَبۡلُۚ وَمَن يَكۡفُرۡ بِٱللَّهِ وَمَلَٰٓئِكَتِهِۦ وَكُتُبِهِۦ وَرُسُلِهِۦ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ فَقَدۡ ضَلَّ ضَلَٰلَۢا بَعِيدًا

ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەمدە ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان قۇرئان كەرىمگە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان كىتابلارغا بولغان ئىمانىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. كىمكى ئاللاھقا، پەرىشىتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە قىيامەت كۈنىگە كاپىر بولىدىكەن، ھەقىقەتەن توغرا يولدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
137 : 4

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ثُمَّ كَفَرُواْ ثُمَّ ءَامَنُواْ ثُمَّ كَفَرُواْ ثُمَّ ٱزۡدَادُواْ كُفۡرٗا لَّمۡ يَكُنِ ٱللَّهُ لِيَغۡفِرَ لَهُمۡ وَلَا لِيَهۡدِيَهُمۡ سَبِيلَۢا

شەكسىزكى ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن تەكرار كۇپرىلىق سادىر قىلغانلار، يەنى ئىمان ئېيتىپ دىنغا كىرگەندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالغانلار، ئاندىن كېيىن قايتا دىنغا كىرىپ، يەنە دىندىن يېنىۋالغان ۋە كۇپرىدا چىڭ تۇرۇپ، شۇ پېتى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ ھەمدە ئاللاھ تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولغىمۇ مۇۋەپپەق قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
138 : 4

بَشِّرِ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ بِأَنَّ لَهُمۡ عَذَابًا أَلِيمًا

ئەي پەيغەمبەر! قارىماققا ئىمان ئېيتقاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە دىللىرىدا كۇپرىنى يوشۇرىدىغان مۇناپىقلارغا قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دەرتلىك ئازاب بارلىقىدىن بېشارەت بەرگىن. info
التفاسير:

external-link copy
139 : 4

ٱلَّذِينَ يَتَّخِذُونَ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۚ أَيَبۡتَغُونَ عِندَهُمُ ٱلۡعِزَّةَ فَإِنَّ ٱلۡعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعٗا

ئۇلارغا بۇنداق ئازاب تەييارلىنىشى شۇ سەۋەبتىندۇركى، ئۇلار مۇئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى ياردەمچى ۋە مەدەتكار قىلىۋالدى. ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى سىرداش قىلىۋالغانلىقلىرى تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىلىك بولۇشلىرىغا ۋەسىلە بولۇشى ئۈچۈن كاپىرلاردىن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە نوپۇز كۈتەمدۇ؟ شەكسىزكى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە نوپۇزنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
140 : 4

وَقَدۡ نَزَّلَ عَلَيۡكُمۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ أَنۡ إِذَا سَمِعۡتُمۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ يُكۡفَرُ بِهَا وَيُسۡتَهۡزَأُ بِهَا فَلَا تَقۡعُدُواْ مَعَهُمۡ حَتَّىٰ يَخُوضُواْ فِي حَدِيثٍ غَيۡرِهِۦٓ إِنَّكُمۡ إِذٗا مِّثۡلُهُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ جَامِعُ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱلۡكَٰفِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا

ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرگە قۇرئان كەرىمدە شۇنداق نازىل قىلدىكى، ئەگەر سىلەر بىرەر سورۇندا بولۇپ، ئۇ سورۇندا قانداقتۇر بىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلىقىنى ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالساڭلار، تاكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى تاشلاپ، ئۇلارنىڭ سورۇندىن ئايرىلىشىڭلار لازىم. ناۋادا ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغان ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلغان ھالەتتىمۇ، ئۇلارنىڭ مەسخىرىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ يەنە شۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولساڭلار، سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىشتا شۇلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىسىلەر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئاللاھقا قانداق ئاسىي بولغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇلارغا ھەمسۆھبەت بولۇش ئارقىلىق ئاسىي بولدۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا قارىماققا مۇسۇلمان بولغاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە كۇپرىنى يوشۇرىدىغان مۇناپىقلارنى قىيامەت كۈنى جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كاپىرلار بىلەن بىر يەرگە توپلايدۇ. info
التفاسير:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• وجوب العدل في القضاء بين الناس وعند أداء الشهادة، حتى لو كان الحق على النفس أو على أحد من القرابة.
كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ۋە گۇۋاھلىق بەرگەندە، ھەققانىيەت گەرچە ئۆزىنىڭ ياكى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىرەرىنىڭ زىيىنىغا توغرا كەلسىمۇ ئادىل بولۇش ۋاجىبتۇر. info

• على المؤمن أن يجتهد في فعل ما يزيد إيمانه من أعمال القلوب والجوارح، ويثبته في قلبه.
مۇئمىن كىشى قەلب ئەمەللىرى ۋە بەدەن ئەمەللىرى ئىچىدىن ئىمانىنى تېخىمۇ چىڭىتىدىغان ۋە ئۇنى قەلبىدە تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك. info

• عظم خطر المنافقين على الإسلام وأهله؛ ولهذا فقد توعدهم الله بأشد العقوبة في الآخرة.
مۇناپىقلارنىڭ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان خەتىرى چوڭدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن تەھدىت قىلدى. info

• إذا لم يستطع المؤمن الإنكار على من يتطاول على آيات الله وشرعه، فلا يجوز له الجلوس معه على هذه الحال.
مۇئمىن كىشى ناۋادا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ۋە شەرىئىتىگە تىل تەگكۈزگەنلەرگە قارشى تۇرۇشقا كۈچى يەتمىسە، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشى توغرا ئەمەس. info