Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht

Numri i faqes:close

external-link copy
45 : 4

وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِأَعۡدَآئِكُمۡۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَلِيّٗا وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ نَصِيرٗا

ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنى سىلەردىن ياخشىراق بىلگەچكە، سىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەھۋاالىنى ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكىنى پاش قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە يېتەرلىكتۇركى، ئۇ سىلەرنى ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ سىلەرگە يېتەرلىكتۇركى، ئۇ سىلەرنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ۋە ئازار-كۈلپەتلىرىدىن قوغدايدۇ ھەمدە سىلەرگە ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 4

مِّنَ ٱلَّذِينَ هَادُواْ يُحَرِّفُونَ ٱلۡكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِۦ وَيَقُولُونَ سَمِعۡنَا وَعَصَيۡنَا وَٱسۡمَعۡ غَيۡرَ مُسۡمَعٖ وَرَٰعِنَا لَيَّۢا بِأَلۡسِنَتِهِمۡ وَطَعۡنٗا فِي ٱلدِّينِۚ وَلَوۡ أَنَّهُمۡ قَالُواْ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَا وَٱسۡمَعۡ وَٱنظُرۡنَا لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۡ وَأَقۡوَمَ وَلَٰكِن لَّعَنَهُمُ ٱللَّهُ بِكُفۡرِهِمۡ فَلَا يُؤۡمِنُونَ إِلَّا قَلِيلٗا

يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە شۇنداق ناچار كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان سۆزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئاللاھ نازىل قىلغاندىن باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بىرەر ئىشقا بۇيرۇغان چاغدا ئۇلار: «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، ئەمما بۇيرۇقۇڭغا ئاسىيلىق قىلدۇق» دېيىشىدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلىپ: «بىزنىڭ دەيدىغانلىرىمىزغا قۇلاق سالغىن، سەن قۇلاق سالمىدىڭ» دېيىشىدۇ. ئۇلار: «راعنا» دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى «بىزگە قۇلاق سېلىشقا ئەھمىيەت بەرگىن» دېمەكچى بولغاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ - يۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزنى تەلەپپۇز قىلغاندا تىللىرىنى تولغاپ پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلماقچى بولۇشىدۇ. قارىماققا پەيغەمبەرگە دۇئا قىلماقچى بولغاندەك قىلىدۇ - يۇ، ئەمەلىيەتتە دىنغا تەنە قىلىشىدۇ. كاشكى ئۇلار «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، بۇيرۇقۇڭغا ئاسىيلىق قىلدۇق» دېگۈچە «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق ۋە بۇيرۇقۇڭغا بويسۇندۇق» دېگەن بولسا، «بىزگە قۇلاق سالغىن، سەن قۇلاق سالمىدىڭ» دېگۈچە «سۆزىمىزگە قۇلاق سالغىن» دېگەن بولسا، «بىزگە ئەخمەق بولۇپ بەرگىن» دېگۈچە «بىزگە مۆھلەت بەرگىن، دېگەنلىرىڭنى ئاڭقىرىۋالايلى» دېگەن بولسا، ئەلۋەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دەسلەپتە دېگەنلىرىدىن تولىمۇ ياخشى ۋە توغرا بولغان بولاتتى، چۈنكى بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا لايىق گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. لېكىن ئۇلار كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلىپ، رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىدە ئىمان ئېيتمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 4

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ ءَامِنُواْ بِمَا نَزَّلۡنَا مُصَدِّقٗا لِّمَا مَعَكُم مِّن قَبۡلِ أَن نَّطۡمِسَ وُجُوهٗا فَنَرُدَّهَا عَلَىٰٓ أَدۡبَارِهَآ أَوۡ نَلۡعَنَهُمۡ كَمَا لَعَنَّآ أَصۡحَٰبَ ٱلسَّبۡتِۚ وَكَانَ أَمۡرُ ٱللَّهِ مَفۡعُولًا

ئەي كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىي ۋە ناسارالار! يۈزۈڭلاردىكى سەزگۈ ئەزالىرىڭلارنى گەردىنىڭلارغا قىلىپ قويۇشتىن بۇرۇن ياكى شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇشتىن چەكلەنگەندىن كېيىنمۇ چەكتىن ئېشىپ بېلىق تۇتقانلارنى ئۆز رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلىپ، تەلەتىنى مايمۇنغا ئۆزگەرتىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ رەھمىتىمىزدىن قوغلاندى قىلىشتىن بۇرۇن بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان، قولۇڭلاردىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى تەستىقلايدىغان قۇرئان كەرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 4

إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَغۡفِرُ أَن يُشۡرَكَ بِهِۦ وَيَغۡفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُۚ وَمَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱفۡتَرَىٰٓ إِثۡمًا عَظِيمًا

شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىن ھېچنەرسىنىڭ شېرىك قىلىنىشىنى كەچۈرمەيدۇ، ئەمما پەزلى-مەرھەمىتى بىلەن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ شېرىك ۋە كۇپرىدىن باشقا خاتالىقلىرىنى ئۆتۈۋېتىدۇ ياكى ئادالىتىنى نامايان قىلىش يۈزىسىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە گۇناھلىرىغا تۇشلۇق جازا بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا باشقا نەرسىنى شېرىك قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇكى، مۇشۇ پېتى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە مەغپىرەت قىلىنمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 4

أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يُزَكُّونَ أَنفُسَهُمۚ بَلِ ٱللَّهُ يُزَكِّي مَن يَشَآءُ وَلَا يُظۡلَمُونَ فَتِيلًا

ئەي پەيغەمبەر! ئۆزلىرىنى گۇناھسىز، قىلغان ئەمەللىرىنى توغرا دەپ ماختىنىدىغان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ بەلكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن ئۆزى خالىغان كىشىنى ماختايدۇ ۋە گۇناھتىنمۇ پاكلايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا دىللاردىكى مەخپىيەتلىكلەرنىمۇ بىلگۈچىدۇر. بەندىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن خورمىنىڭ ئۇرۇقچىسىدىكى يىپقا چاغلىق نەرسىمۇ قەتئىي كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 4

ٱنظُرۡ كَيۡفَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَۖ وَكَفَىٰ بِهِۦٓ إِثۡمٗا مُّبِينًا

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ماختاش ئارقىلىق قانداق قىلىپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغىن. بۇ قىلمىش ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىدىن كېلىپ چىققان ئاشكارا گۇناھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 4

أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ أُوتُواْ نَصِيبٗا مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡجِبۡتِ وَٱلطَّٰغُوتِ وَيَقُولُونَ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ هَٰٓؤُلَآءِ أَهۡدَىٰ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ سَبِيلًا

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا ئىلىمدىن ئازغىنە نېسىۋە بەرگەن يەھۇدىيلارنىڭ ھالىنى كۆرۈپ، ئەجەبلەندىڭمۇ؟ ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان مەبۇدلىرىغا ئىمان ئېيتىدۇ ۋە مۇشرىكلارغا خۇشامەت قىلىپ: شەكسىزكى ئۇلار مۇھەممەدنىڭ ھەمراھلىرىدىنمۇ توغرىراق يولدىدۇر، دەيدۇ. info
التفاسير:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• كفاية الله للمؤمنين ونصره لهم تغنيهم عما سواه.
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرگە يېتەرلىكتۇر ھەمدە ئۇنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلغان ياردىمى ئۇلارنى باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ. info

• بيان جرائم اليهود، كتحريفهم كلام الله، وسوء أدبهم مع رسوله صلى الله عليه وسلم، وتحاكمهم إلى غير شرعه سبحانه.
يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزىنى بورمىلاش ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ناچار مۇئامىلە قىلىش ھەمدە دەۋا-دەستۇرلىرىنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ غەيرىگە كۆتۈرۈپ بېرىش دېگەندەك جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. info

• بيان خطر الشرك والكفر، وأنه لا يُغْفر لصاحبه إذا مات عليه، وأما ما دون ذلك فهو تحت مشيئة الله تعالى.
شېرىك بىلەن كۇپرىنىڭ خەتىرىنى، مۇشرىك پېتى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە مەغپىرەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، ئەمما شېرىك ۋە كۇپرىدىن باشقا گۇناھلار ئاللاھنىڭ خاھىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش. info