Traducción de los significados del Sagrado Corán - La traducción uigur del abreviado de la exégesis del Noble Corán

Número de página:close

external-link copy
196 : 7

إِنَّ وَلِـِّۧيَ ٱللَّهُ ٱلَّذِي نَزَّلَ ٱلۡكِتَٰبَۖ وَهُوَ يَتَوَلَّى ٱلصَّٰلِحِينَ

ھەقەقەتەن مېنى قوغدايدىغان ئاللاھ مېنىڭ ياردەمچىم ۋە مېنىڭ مەدەتكارىمدۇر، مەن ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن باشقىسىنى ئۈمىد قىلمايمەن، مەن سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. ئاللاھ ماڭا ئاتا قىلغان قۇرئاننى ئىنسانلارغا ھىدايەت قىلىپ چۈشۈردى، ئۇ سالىھ بەندىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئۇلارنى قوغدايدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
197 : 7

وَٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَسۡتَطِيعُونَ نَصۡرَكُمۡ وَلَآ أَنفُسَهُمۡ يَنصُرُونَ

ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇ بۇتلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ قانداقمۇ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىسىلەر؟!. info
التفاسير:

external-link copy
198 : 7

وَإِن تَدۡعُوهُمۡ إِلَى ٱلۡهُدَىٰ لَا يَسۡمَعُواْۖ وَتَرَىٰهُمۡ يَنظُرُونَ إِلَيۡكَ وَهُمۡ لَا يُبۡصِرُونَ

ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلىرىڭلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭلار ئۇلار چاقىرىقىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، سەن ئۇلارنىڭ شەكىللەندۈرۈلگەن كۆزلەر بىلەن ساڭا قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ھالبۇكى ئۇ جانسىز بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرەلمەيدۇ. ھەقىقەتەن ئۇلار ئادەم بالىلىرىنىڭ ياكى ھايۋاناتلارنىڭ شەكلىدە بۇتلارنى ياسايتتى، بۇتلارنىڭ قول، پۇت ۋە كۆزلىرى بار ئىدى، لېكىن ئۇ بۇتلار جانسىز بولۇپ، ئۇلاردا نە ھاياتلىق نە ھەرىكەت يوق ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
199 : 7

خُذِ ٱلۡعَفۡوَ وَأۡمُرۡ بِٱلۡعُرۡفِ وَأَعۡرِضۡ عَنِ ٱلۡجَٰهِلِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئەپۇچان بولغىن، ئەخلاق ۋە ئەمەللەردىن ئاسان ئىشلارغا يۈزلەنگىن، كىشىلەرنى مىجەزى كېلىشمەيدىغان ئىشلارغا مەجبۇرلىمىغىن، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنى قاچۇرۇپ قويىدۇ. بارلىق گۈزەل سۆز ۋە گۈزەل ئىش-ھەركەتكە بۇيرىغىن، جاھىللاردىن يۈز ئۆرىگىن، جاھىللارغا ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلمىغىن، ساڭا كىم ئەزىيەت بەرسە ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمىگىن، سىنى كىم مەھرۇم قالدۇرسا ئۇنى مەھرۇم قالدۇرمىغىن. info
التفاسير:

external-link copy
200 : 7

وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ نَزۡغٞ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِۚ إِنَّهُۥ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

ئەي پەيغەمبەر ئەگەر سەن شەيتاننىڭ ساڭا ۋەسۋەسە سالماقچى بولغانلىقىنى ياكى ياخشىلىق قىلىشتىن توسماقچى بولغانلىقىنى ھېس قىلساڭ ئاللاھقا سېغىنىپ ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن، ( ئۇنىڭدىن) ئاللاھ بىلەن ساقلانغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن سۆزۈڭنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىلتىجايىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، شۇ سەۋەبتىن سېنى شەيتاندىن قوغدايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
201 : 7

إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ إِذَا مَسَّهُمۡ طَٰٓئِفٞ مِّنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ تَذَكَّرُواْ فَإِذَا هُم مُّبۡصِرُونَ

ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغان كىشىلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى يېتىپ گۇناھكار بولۇپ قالسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى، ئاسىيلارنى جازالايدىغانلىقى ۋە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ-دە گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلىدۇ، پەرۋەردىگارى تەرىپىگە قايتىدۇ، ئاندىن ئۇلار ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدۇ، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ئويغىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يانىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
202 : 7

وَإِخۡوَٰنُهُمۡ يَمُدُّونَهُمۡ فِي ٱلۡغَيِّ ثُمَّ لَا يُقۡصِرُونَ

شەيتانلار ئاسىي ۋە كاپىر بۇرادەرلىرىنى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىپ بولىشىغا ئازدۇرىدۇ، نە شەيتانلار ئازدۇرۇشتىن توختاپ قالمايدۇ، نە ئىنسانلار ئىچىدىكى ئاسىيلار يامانلىق قىلىشتىن توختاپ قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
203 : 7

وَإِذَا لَمۡ تَأۡتِهِم بِـَٔايَةٖ قَالُواْ لَوۡلَا ٱجۡتَبَيۡتَهَاۚ قُلۡ إِنَّمَآ أَتَّبِعُ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ مِن رَّبِّيۚ هَٰذَا بَصَآئِرُ مِن رَّبِّكُمۡ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن بىرەر مۆجىزە ئېلىپ كەلسەڭ ئۇلار سېنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئەگەر سەن ئۇلارغا مۆجىزە ئېلىپ كەلمىسەڭ، نېمىشقا ئۆزەڭ بىر مۆجىزە ئىجات قىلمىدىڭ، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مەن ئۆزۈم بىر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن سىلەرگە ئوقۇپ بېرىۋاتقان بۇ قۇرئان ياراتقۇچىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلارنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھۆججەت ۋە پاكىتتۇر. ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە رەھمەت ۋە يىتەكچىدۇر، ئەمما مۇئمىن ئەمەسلەر بەخىتسىز ۋە ئازغۇنلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
204 : 7

وَإِذَا قُرِئَ ٱلۡقُرۡءَانُ فَٱسۡتَمِعُواْ لَهُۥ وَأَنصِتُواْ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ

ئاللاھنىڭ سىلەرگە رەھمەت قىلىشى ئۈچۈن ئەگەر قۇرئان ئوقۇلسا قۇرئاننىڭ قىرائىتىگە قۇلاق سېلىڭلار، گەپ قىلماڭلار، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
205 : 7

وَٱذۡكُر رَّبَّكَ فِي نَفۡسِكَ تَضَرُّعٗا وَخِيفَةٗ وَدُونَ ٱلۡجَهۡرِ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ بِٱلۡغُدُوِّ وَٱلۡأٓصَالِ وَلَا تَكُن مِّنَ ٱلۡغَٰفِلِينَ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئاللاھنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورۇققان ھالدا ياد ئەتكىن. پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردىن بولغان ئەتتىگەن ۋە ئاخشامدا نورمال ئاۋازدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن. ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قالغۇچىلاردىن بولمىغىن. info
التفاسير:

external-link copy
206 : 7

إِنَّ ٱلَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِهِۦ وَيُسَبِّحُونَهُۥ وَلَهُۥ يَسۡجُدُونَۤ۩

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكى پەرىشتىلەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، بەلكى ئۇلار ئاللاھقا ئۈزۈلدۇرمەي ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار كېچە-كۈندۇز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە بىر ئاللاھقىلا سەجدە قىلىدۇ. info
التفاسير:
Beneficios de los versículos de esta página:
• في الآيات بشارة للمسلمين المستقيمين على صراط نبيهم صلى الله عليه وسلم بأن ينصرهم الله كما نصر نبيه وأولياءه.
ئەقىللىق ئىنسان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ دىندىكى ئەڭ كاتتا ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى چۈشۈرۈش سەۋەبلىك دىننىڭ مەنپەئەتلىرىنى روياپقا چىقىرىدۇ. سالىھ بەندىلىرىنى دوست تۇتۇش، ئۇلارنى قوغداش ۋە ياردەم بېرىش ئارقىلىق دۇنيا مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشىرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلغان ئادەمنىڭ ئۆچمەنلىكى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. info

• في الآيات جماع الأخلاق، فعلى العبد أن يعفو عمن ظلمه، ويعطي من حرمه، ويصل من قطعه.
قۇرئان ئايەتلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدا مۇستەھكەم تۇرغان مۇسۇلمانلارغا، ئاللاھ پەيغەمبىرى ۋە ئەۋلىيالىرىغا ياردەم بەرگىنىدەك ياردەم بېرىدىغانلىقىغا بىشارەتلەر بار. info

• على العبد إذا مَسَّه سوء من الشيطان - فأذنب بفعل محرم، أو ترك واجب - أن يستغفر الله تعالى، ويستدرك ما فرط منه بالتوبة النصوح والحسنات الماحية.
قۇرئان ئايەتلىرىدە بەندىنىڭ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ئادەمنى كەچۈرىشى، مەھرۇم قالدۇرغان ئادەمگە بېرىشى، سېلە -رەھىمنى ئۈزگەن ئادەمگە سېلە-رەھىمنى يەتكۈزىشىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئەخلاقنىڭ جەۋھىرى مەۋجۇتتۇر. info

• الواجب على العاقل عبادة الله تعالى؛ لأنه هو الذي يحقق له منافع الدين بإنزال الكتاب المشتمل على العلوم العظيمة في الدّين، ومنافع الدنيا بتولّي الصالحين من عباده وحفظه لهم ونصرته إياهم، فلا تضرهم عداوة من عاداهم.
بەندىگە شەيتاننىڭ يامانلىقى يېتىپ ھارام ئىشنى قىلىش ياكى ۋاجىبنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق گۇناھقا چۈشۈپ قالغان بولسا، ئۇ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ۋە ئۇ قىلمىشى ئۈچۈن سەمىمى تەۋبە قىلىپ، گۇناھلارنى ئۆچۈرىدىغان ياخشىلىقلار ئارقىلىق قولدىن كېتىپ قالغان پەزىلەتنى تۇلۇقلىشى كېرەك. info