Traducción de los significados del Sagrado Corán - La traducción uigur del abreviado de la exégesis del Noble Corán

Número de página:close

external-link copy
171 : 7

۞ وَإِذۡ نَتَقۡنَا ٱلۡجَبَلَ فَوۡقَهُمۡ كَأَنَّهُۥ ظُلَّةٞ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُۥ وَاقِعُۢ بِهِمۡ خُذُواْ مَآ ءَاتَيۡنَٰكُم بِقُوَّةٖ وَٱذۡكُرُواْ مَا فِيهِ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ

ئەي مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا بەنى ئىسرائىل تەۋراتنى قۇبۇل قىلىشقا ئۇنىمىغان چاغدا تاغنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تىكلىدۇق، تاغ گويا ئۇلارنىڭ باشلىرىغا سايە تاشلاپ تۇرىدىغان بۇلۇتتەك بولۇپ قالدى، ئۇلار تاغنى ئۈستىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغانلىقىنى ئەسلەتكىن. ئۇلارغا: تەقۋادارلار قاتارىدا بولىشىڭلار ئۈچۈن بىز سىلەرگە بەرگەن نەرسىنى مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئاللاھ يولغا قويغان ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، ئۇنتۇپ قالماڭلار، دېيىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
172 : 7

وَإِذۡ أَخَذَ رَبُّكَ مِنۢ بَنِيٓ ءَادَمَ مِن ظُهُورِهِمۡ ذُرِّيَّتَهُمۡ وَأَشۡهَدَهُمۡ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ أَلَسۡتُ بِرَبِّكُمۡۖ قَالُواْ بَلَىٰ شَهِدۡنَآۚ أَن تَقُولُواْ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ إِنَّا كُنَّا عَنۡ هَٰذَا غَٰفِلِينَ

ئەي مۇھەممەد! بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم باللىرىنىڭ ئۇمۇرتقىلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنى چىقاردى، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلارنىڭ پىترىتىدىكى نەرسىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدۇرۇپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى :«ھە-ئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن» دېدى. ئاللاھ: «سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۆججىتىنى ئىنكار قىلىپ بىز بۇنى بىلمەپتىكەنمىز دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بىز سىلەرنى سىنىدۇق ۋە سىلەردىن ئەھدە ئالدۇق دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
173 : 7

أَوۡ تَقُولُوٓاْ إِنَّمَآ أَشۡرَكَ ءَابَآؤُنَا مِن قَبۡلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةٗ مِّنۢ بَعۡدِهِمۡۖ أَفَتُهۡلِكُنَا بِمَا فَعَلَ ٱلۡمُبۡطِلُونَ

ياكى سىلەر ئاتا -بوۋىلىرىمىز ئەھدىنى بۇزۇپ ساڭا شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ شېرىكلىرىدە ئۇلارنى دورىغانتۇق دەپ ھۆججەت كەلتۈرمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئى پەرۋەردىگارىمىز!: «ئىلگىرى ساڭا شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەللىرىنى يوق قىلىۋەتكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى جازالامسەن؟ بىز بىلىمسىزلىكىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى دورىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزنىڭ ھېچقانداق گۇناھىمىز يوق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ،( ھەقىقەتەن سىلەرنى سىنىدۇق ۋە سىلەردىن ئەھدە ئالدۇق). info
التفاسير:

external-link copy
174 : 7

وَكَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ وَلَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ

ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئايەتلىرىمىزدە بايان قىلغىنىمىزدەك، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىدە كەلگىنىگە ئوخشاش شېرىكتىن تەۋھىدكە ۋە بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا قايتىشى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ بايان قىلىپ بېرىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
175 : 7

وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ ٱلَّذِيٓ ءَاتَيۡنَٰهُ ءَايَٰتِنَا فَٱنسَلَخَ مِنۡهَا فَأَتۡبَعَهُ ٱلشَّيۡطَٰنُ فَكَانَ مِنَ ٱلۡغَاوِينَ

ئەي پەيغەمبەر! بەنى ئىسرائىلغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن شۇنداق بىر ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىنكى بىز ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق، ئۇ ئايەتلىرىمىزنى بىلدى، ئايەتلىرىمىز تەقەززا قىلغان ھەقىقەتنى چۈشەندى، لېكىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدى، بەلكى ئۇنى تەرك ئەتتى، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى، ئاندىن شەيتان ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ دوستى بولۇپ قالدى. ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولغىنىدىن كېيىن ئازغۇنلاردىن بولۇپ قالدى. info
التفاسير:

external-link copy
176 : 7

وَلَوۡ شِئۡنَا لَرَفَعۡنَٰهُ بِهَا وَلَٰكِنَّهُۥٓ أَخۡلَدَ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُۚ فَمَثَلُهُۥ كَمَثَلِ ٱلۡكَلۡبِ إِن تَحۡمِلۡ عَلَيۡهِ يَلۡهَثۡ أَوۡ تَتۡرُكۡهُ يَلۡهَثۚ ذَّٰلِكَ مَثَلُ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَاۚ فَٱقۡصُصِ ٱلۡقَصَصَ لَعَلَّهُمۡ يَتَفَكَّرُونَ

ئەگەر بىز ئۇنىڭغا بۇ ئايەتلەر بىلەن مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالىغان بولساق ئىدۇق ئۇنى ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنيانى ئاخىرەتنىڭ ئالدىغا قويۇپ دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىگە بېرىلگەن چاغدا ئۆزىنى خارلىققا ئېلىپ بارىدىغان نەرسىنى تاللىدى، ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشتى، ئۇ دۇنياغا قاتتىق ھېرىسمەن بولۇشتا گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا تىلىنى چىقىرىپ ھاسىراۋېرىدۇ، ئەگەر ئۇ ياتسىمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، ئەگەر قوغلىۋېتىلسىمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ. ئەنە شۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئازغان قەۋمنىڭ مىسالىدۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار تەپەككۇر قىلىپ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش ۋە ئازغۇنلۇقتىن يېنىشى ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ قىسسىنى سۆزلەپ بەرگىن. info
التفاسير:

external-link copy
177 : 7

سَآءَ مَثَلًا ٱلۡقَوۡمُ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَأَنفُسَهُمۡ كَانُواْ يَظۡلِمُونَ

بىزنىڭ دەلىللىرىمىز ۋە پاكىتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن، بۇنىڭ بىلەن ھالاكەت ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان قەۋمدىنمۇ يامانراق قەۋم يوق. info
التفاسير:

external-link copy
178 : 7

مَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلۡمُهۡتَدِيۖ وَمَن يُضۡلِلۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ

ئاللاھ كىمنى توغرا يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلىدىكەن ئۇ ھەقىقى ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنى توغرا يولدىن يىراقلاشتۇرىدىكەن ئەنە شۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى نېسىۋىسىنى كەمەيتكۈچىلەر بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، بېلىڭلاركى مانا بۇ ئوچۇق زىيانكارلىقتۇر. info
التفاسير:
Beneficios de los versículos de esta página:
• المقصود من إنزال الكتب السماوية العمل بمقتضاها لا تلاوتها باللسان وترتيلها فقط، فإن ذلك نَبْذ لها.
ساماۋىي كىتابلارنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت ئۇنى تىل بىلەن تىلاۋەت قىلىشلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىشتۇر، چۈنكى تىل بىلەن تىلاۋەت قىلىش ئۇ كىتابلارنى چۇشىنىش ئۈچۈن ۋەسىلىدۇر. info

• أن الله خلق في الإنسان من وقت تكوينه إدراك أدلة الوحدانية، فإذا كانت فطرته سليمة، ولم يدخل عليها ما يفسدها أدرك هذه الأدلة، وعمل بمقتضاها.
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنساننى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەندىن باشلاپ ۋەھدانىيەت دەلىلىرىنى ئىدراك قىلىشنى ياراتتى، ئەگەر ئىنساننىڭ پىترىتى ساغلام بولۇپ ئۇنى بۇزىدىغان نەرسىلەر ئارلاشمىغان بولسا، بۇ دەلىللەرنى بىلەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىدۇ. info

• في الآيات عبرة للموفَّقين للعمل بآيات القرآن؛ ليعلموا فضل الله عليهم في توفيقهم للعمل بها؛ لتزكو نفوسهم.
ئايەتلەردە قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىگە ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىنغانلارغا ئىبرەت بار. چۈنكى ئۇلار نەپسىنى پاكلاش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلىشتىن ئىبارەت پەزىلىتىنى بىلىدۇ. info

• في الآيات تلقين للمسلمين للتوجه إلى الله تعالى بطلب الهداية منه والعصمة من مزالق الضلال.
ئايەتلەردە ئاللاھتىن ھىدايەت تەلەپ قىلىش ۋە ئازغۇنلۇقتىن ساقلىنىشنى سوراش ئارقىلىق ئاللاھقا يۈزلىنىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتمە بار. info