Traducción de los significados del Sagrado Corán - La traducción uigur del abreviado de la exégesis del Noble Corán

Número de página:close

external-link copy
74 : 7

وَٱذۡكُرُوٓاْ إِذۡ جَعَلَكُمۡ خُلَفَآءَ مِنۢ بَعۡدِ عَادٖ وَبَوَّأَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ تَتَّخِذُونَ مِن سُهُولِهَا قُصُورٗا وَتَنۡحِتُونَ ٱلۡجِبَالَ بُيُوتٗاۖ فَٱذۡكُرُوٓاْ ءَالَآءَ ٱللَّهِ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ

ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمىتىنى ئەسلەڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئاد قەۋمىگە ئورۇنباسار بولدۇڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا يەرلەشتۈردى، ئۇ يەردە ھۇزۇرغا ئېرىشىپ، مەقسىتىڭلارغا يەتتىڭلار. بۇ ئىشلار ئاد قەۋمى كۇپرى ۋە ئىنكارچىلىقتا بارغانسېرى ئەزۋەيلىگەنلىكى تۈپەيلى ھالاك قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەردى. سىلەر تۈزلەڭلىكلەرگە سارايلارنى سالدىڭلار، ئۆي قىلىش ئۈچۈن تاغلارنى كۇكۇم-تالقان قىلدىڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلەڭلاركى، ئاللاھنىڭ شۇ نېئمەتلەرنى بەرگەنلىكىنىڭ شۈكرانىسى بولسۇن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشنى تاشلاڭلاركى، بۇ ئىش ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تاشلاش بىلەن بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
75 : 7

قَالَ ٱلۡمَلَأُ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ مِن قَوۡمِهِۦ لِلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُواْ لِمَنۡ ءَامَنَ مِنۡهُمۡ أَتَعۡلَمُونَ أَنَّ صَٰلِحٗا مُّرۡسَلٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قَالُوٓاْ إِنَّا بِمَآ أُرۡسِلَ بِهِۦ مُؤۡمِنُونَ

سالىھ قەۋمىنىڭ تەكەببۇرلىرى ئىچىدىن ئاقسۆڭەك كاتتىباشلىرى ئۆزلىرى ئانىي تېپىپ كېلىۋاتقان مۇئمىنلەرگە: ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر سالىھنى زادى ئاللاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن راست پەيغەمبەر دەپ قارامسىلەر؟ دېدى. بوزەك قىلىنغان مۇئمىنلەر: بىز سالىھنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنگۈچىلەر، ئېتىراپ قىلغۇچىلار، بويسۇنغۇچىلار ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغۇچىلارمىز، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
76 : 7

قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا بِٱلَّذِيٓ ءَامَنتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ

سالىھنىڭ قەۋمى ئىچىدىكى تەكەببۇرلار: ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر ئىشەنگەنگە شەكسىزكى بىز ئىشەنمەيمىز، بىز سالىھقا ئىمان ئېيتمايمىز، ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەلمۇ قىلمايمىز، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
77 : 7

فَعَقَرُواْ ٱلنَّاقَةَ وَعَتَوۡاْ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهِمۡ وَقَالُواْ يَٰصَٰلِحُ ٱئۡتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ ئاللاھ ھەتتا ئەزىيەت بېرىشنىمۇ چەكلىگەن تۆگىنى بوغۇزلىدى ھەمدە سالىھ ئۇلارنى تەھدىت قىلغان ئازابنى يىراق ساناپ مەسخىرە قىلغان ھالدا: ئەي سالىھ، ئەگەر سەن ئاللاھنىڭ راست پەيغەمبەرلىرىدىن بولساڭ بىزگە ۋەدە قىلغان دەرتلىك ئازابنى كەلتۈرۈپ باققىن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
78 : 7

فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلرَّجۡفَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دَارِهِمۡ جَٰثِمِينَ

كاپىرلار ئالدىراتقان ئازاب ئاخىرى كەلدى ۋە قاتتىق يەر تەۋرەشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈم چۈشكەن پېتى ئۆلدى، ئۇلاردىن ھېچكىم ھالاكەتتىن قۇتۇلالمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
79 : 7

فَتَوَلَّىٰ عَنۡهُمۡ وَقَالَ يَٰقَوۡمِ لَقَدۡ أَبۡلَغۡتُكُمۡ رِسَالَةَ رَبِّي وَنَصَحۡتُ لَكُمۡ وَلَٰكِن لَّا تُحِبُّونَ ٱلنَّٰصِحِينَ

سالىھ قەۋمىنىڭ ئۆز چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارغا: ئەي قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزدۈم، مەن سىلەرنى (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە) قىزىقتۇرۇپ، (ئازابىدىن) قورقۇتۇپ نەسىھەت قىلدىم. لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشىلىققا باشلاپ، يامانلىقتىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرىدىغان كۈيۈمچان كىشىلەرنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەر سىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
80 : 7

وَلُوطًا إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ أَتَأۡتُونَ ٱلۡفَٰحِشَةَ مَا سَبَقَكُم بِهَا مِنۡ أَحَدٖ مِّنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ

لۇتنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىنى ئەيىبلەپ: سىلەر ئەرلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن قەبىھ قىلمىشنى قىلامسىلەر؟ سىلەر پەيدا قىلغان بۇ قىلمىشنى سىلەردىن ئىلگىرى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
81 : 7

إِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلرِّجَالَ شَهۡوَةٗ مِّن دُونِ ٱلنِّسَآءِۚ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٞ مُّسۡرِفُونَ

سىلەر شەھۋىتىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يارىتىلغان ئاياللارنى قويۇپ ئەرلەر بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولىسىلەر. بۇ قىلمىشىڭلاردا نە ئەقىلگە، نە نەقىلگە، نە پىترەتكە ئۇيغۇن ئىش قىلمىدىڭلار، ئەكسىچە نورمال ئىنسانىي چەكتىن چىقىپ كېتىش، ساغلام ئەقىل ۋە ئېسىل خاراكتېرنىڭ تەقەززاسىدىن چەتنەش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئېشىپ كەتتىڭلار. info
التفاسير:
Beneficios de los versículos de esta página:
• الاستكبار يتولد غالبًا من كثرة المال والجاه، وقلة المال والجاه تحمل على الإيمان والتصديق والانقياد غالبًا.
تەكەببۇرلۇق كۆپىنچە مال-دۇنيانىڭ كۆپلۈكى ۋە يۈز-ئابروينىڭ چوڭلۇقىدىن پەيدا بولىدۇ، پۇل-مالنىڭ ئازلىقى ۋە يۈز-ئابروينىڭ يوقلۇقى كۆپىنچە ئىمان ئېيتىشقا، تەستىقلاشقا ۋە بويسۇنۇشقا ئۈندەيدۇ. info

• جواز البناء الرفيع كالقصور ونحوها؛ لأن من آثار النعمة: البناء الحسن مع شكر المنعم.
سارايلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئېگىز بىنالارنى سېلىشنىڭ دۇرۇس. چۈنكى نېئمەت ئاتا قىلغۇچىغا شۈكرى قىلىش بىلەن بىرگە گۈزەل بىنالار نېئمەتكە ئېرىشكەنلىكنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. info

• الغالب في دعوة الأنبياء أن يبادر الضعفاء والفقراء إلى الإصغاء لكلمة الحق التي جاؤوا بها، وأما السادة والزعماء فيتمردون ويستعلون عليها.
پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىدە كۆپىنچە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ھەق سۆزگە ئاجىزلار، كەمبەغەللەر قۇلاق سېلىشقا ئالدىرايدۇ. ئەمما ئاقسۆڭەك كاتتىباشلار بويۇنتاۋلىق بىلەن چوڭچىلىق قىلىدۇ. info

• قد يعم عذاب الله المجتمع كله إذا كثر فيه الخَبَث، وعُدم فيه الإنكار.
ئەگەر جەمئىيەتتە بۇزۇقچىلىقلار كۆپىيىپ، ئۇنى توسىدىغانلار بولمىسا، ئاللاھنىڭ ئازابى ئومۇمىيۈزلۈك بولۇشى مۇمكىن. info