Traducción de los significados del Sagrado Corán - La traducción uigur del abreviado de la exégesis del Noble Corán

Número de página:close

external-link copy
179 : 7

وَلَقَدۡ ذَرَأۡنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِۖ لَهُمۡ قُلُوبٞ لَّا يَفۡقَهُونَ بِهَا وَلَهُمۡ أَعۡيُنٞ لَّا يُبۡصِرُونَ بِهَا وَلَهُمۡ ءَاذَانٞ لَّا يَسۡمَعُونَ بِهَآۚ أُوْلَٰٓئِكَ كَٱلۡأَنۡعَٰمِ بَلۡ هُمۡ أَضَلُّۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡغَٰفِلُونَ

ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنىڭ دەۋزەخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئىنسان ۋە جىنلاردىن نۇرغۇنلىرىنى جەھەننەم ئۈچۈن ياراتتۇق. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بولسىمۇ نېمىنىڭ پايدىلىق نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. كۆزلىرى بولسىمۇ ئۆزىدىكى ۋە ئۇپۇقتىكى ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىنى چۈشۈنۈپ ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بولسىمۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ مەقسەتلىرىنى تەپەككۇر قىلمايدۇ. ئەنە شۇلار ئەقىلنىڭ يوق بولىشىدا ھايۋانلارغا ئوخشاش بەلكى ھايۋانلاردىنمۇ بەتتەرراقتۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشتىن غەپلەتتە قالغۇچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
180 : 7

وَلِلَّهِ ٱلۡأَسۡمَآءُ ٱلۡحُسۡنَىٰ فَٱدۡعُوهُ بِهَاۖ وَذَرُواْ ٱلَّذِينَ يُلۡحِدُونَ فِيٓ أَسۡمَٰٓئِهِۦۚ سَيُجۡزَوۡنَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان گۈزەل ئىسىملىرى بار. مەقسىتىڭلارنى تەلەپ قىلىشتا ئاللاھقا شۇ ئىسىملارنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھنى شۇ ئىسىملار بىلەن مەدھىيىلەڭلار. بۇ ئىسىملارنى ئاللاھتىن باشقىسىغا قوللۇنۇپ ياكى بۇ ئىسىملارنى ئاللاھقا ئىشلەتمەي مەنالىرىنى بۇرمىلاپ ئاللاھنى مەخلۇقاتلارغا ئوخشىتىش ئارقىلىق ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلەرنى تەرك ئېتىڭلار. بىز ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى دەرتلىك ئازاب بىلەن جازالايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
181 : 7

وَمِمَّنۡ خَلَقۡنَآ أُمَّةٞ يَهۡدُونَ بِٱلۡحَقِّ وَبِهِۦ يَعۡدِلُونَ

بىز ياراتقان بەندىلەر ئىچىدە ئۆزى ھەق يولدا ماڭغان، باشقىلارنى ئۇنىڭغا چاقىرغان، ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلمايدىغان بىر جامائە بار. info
التفاسير:

external-link copy
182 : 7

وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا سَنَسۡتَدۡرِجُهُم مِّنۡ حَيۡثُ لَا يَعۡلَمُونَ

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتماستىن بەلكى ئۇنى ئىنكار قىلغانلارغا رىزىق ئىشىكلىرىنى ئاچىمىز، (بۇ) ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن ئەمەس بەلكى ئۇلارنى ئاستا-ئاستا جازالىشىمىز ئۈچۈندۇر، ھەتتا ئۇلار تېخىمۇ ئازىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز تۇيۇقسىز يېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
183 : 7

وَأُمۡلِي لَهُمۡۚ إِنَّ كَيۡدِي مَتِينٌ

مەن ئۇلارنى جازالاشنى كېچىكتۈرىمەن، ھەتتاكى ئۇلار جازالانمايمىز دەپ ئويلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق كۇپۇرلۇقنى داۋاملاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب ئېغىرلىشىدۇ. مېنىڭ تەدبىرىم ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، مەن ئۇلارغا ئېھسان قىلغاندەك كۆرۈنۈپ ئۇلارنى جازالايمەن. info
التفاسير:

external-link copy
184 : 7

أَوَلَمۡ يَتَفَكَّرُواْۗ مَا بِصَاحِبِهِم مِّن جِنَّةٍۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا نَذِيرٞ مُّبِينٌ

ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلار تەپەككۇر قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەجنۇن ئەمەس ئىكەنلىكى ئاشكارا بولۇش ئۈچۈن ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەمدۇ؟ ئۇ پەقەتلا ئاللاھ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
185 : 7

أَوَلَمۡ يَنظُرُواْ فِي مَلَكُوتِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا خَلَقَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٖ وَأَنۡ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ قَدِ ٱقۡتَرَبَ أَجَلُهُمۡۖ فَبِأَيِّ حَدِيثِۭ بَعۡدَهُۥ يُؤۡمِنُونَ

ئۇلار ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى ئاللاھنىڭ مۈلكىگە، ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ياراتقان ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەخلۇقاتلارغا، تۈگەشكە ئاز قالغان ئۆمۈرلىرىگە قاراپ ۋاقىت قولدىن كىتىپ قېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلمامدۇ؟، ئەگەر ئۇلار قۇرئانغا ۋە قۇرئاننىڭ ئىچىدىكى ۋەدە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشقا ئىمان ئېيتمىىسا ئۇلار قۇرئاندىن باشقا قايسى كىتابقا ئىشىنىدۇ؟!. info
التفاسير:

external-link copy
186 : 7

مَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَلَا هَادِيَ لَهُۥۚ وَيَذَرُهُمۡ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ

ئاللاھ كىمنى ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلمىسا ۋە ئۇنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋەتسە ئۇنى توغرا يولغا باشلايدىغان ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئازغۇنلىقى ۋە كۇپۇرلىقىغا تاشلاپ قويىدۇ، ئۇلار تېڭىرقاپ توغرا يولغا ماڭالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
187 : 7

يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلسَّاعَةِ أَيَّانَ مُرۡسَىٰهَاۖ قُلۡ إِنَّمَا عِلۡمُهَا عِندَ رَبِّيۖ لَا يُجَلِّيهَا لِوَقۡتِهَآ إِلَّا هُوَۚ ثَقُلَتۡ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ لَا تَأۡتِيكُمۡ إِلَّا بَغۡتَةٗۗ يَسۡـَٔلُونَكَ كَأَنَّكَ حَفِيٌّ عَنۡهَاۖ قُلۡ إِنَّمَا عِلۡمُهَا عِندَ ٱللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى ھەققىدە سورايدۇ، ئەي مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى مەنمۇ ۋە مەندىن باشقىلارمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا پەقەت ئاللاھلا مەيدانغا چىقىرىدۇ. قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى ئاسمان- زېمىن ئەھلىگە مەخپىدۇر، ئۇ سىلەرگە پەقەت تۇيۇقسىزلا كېلىدۇ. گويا سەن قىيامەتنى بىلىشكە ناھايىتى ھېرىسمەندەك ئۇ ھەققىدە سەندىن سورىشىدۇ، ئۇلار سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەققىدىكى ئىلمىڭ مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت ھەققىدە سورىمايدىغانلىقىڭنى بىلمەيدۇ. ئەي مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى بىر ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئۇنى بىلمەيدۇ. info
التفاسير:
Beneficios de los versículos de esta página:
• خلق الله للبشر آلات الإدراك والعلم - القلوب والأعين والآذان - لتحصيل المنافع ودفع المضار.
ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈپ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن دىللار، كۆزلەر ۋە قۇلاقلاردىن ئىبارەت ئىلىم، ئىدراك ۋاستىلىرىنى ياراتتى. info

• الدعاء بأسماء الله الحسنى سبب في إجابة الدعاء، فيُدْعَى في كل مطلوب بما يناسب ذلك المطلوب، مثل: اللهمَّ تب عَلَيَّ يا تواب.
ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بىلەن دۇئا قىلىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ھەرقانداق تەلەپ قىلىنغۇچىدىن ئۆزىگە يارىشا نەرسىلەر تەلەپ قىلىنىدۇ، مەسىلەن: ئى ئاللاھ! مېنىڭ تەۋبەمنى قۇبۇل قىلغىن، ئى تەۋبىنى قۇبۇل قىلغۇچى زات. info

• التفكر في عظمة السماوات والأرض، والتوصل بهذا التفكر إلى أن الله تعالى هو المستحق للألوهية دون غيره؛ لأنه المنفرد بالصنع.
ئاسمان ۋە زېمىننىڭ بۈيۇكلىكى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقتا يېگانە ئىكەنلىكىگە يېتىش، چۈنكى ئاللاھ يارىتىشتا يەككە-يېگانىدۇر. info