Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - Qurani Kərimin müxtəsər tərfsiri - kitabının Uyğur dilinə tərcüməsi.

Səhifənin rəqəmi:close

external-link copy
36 : 6

۞ إِنَّمَا يَسۡتَجِيبُ ٱلَّذِينَ يَسۡمَعُونَۘ وَٱلۡمَوۡتَىٰ يَبۡعَثُهُمُ ٱللَّهُ ثُمَّ إِلَيۡهِ يُرۡجَعُونَ

سېنىڭ چاقىرقىڭغا پەقەت سۆزنى ئاڭلاپ، چۈشىنەلەيدىغانلارلا ئىجابىي ئىنكاس بىلدۈرىدۇ. كاپىرلار ئۆلۈكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىلچە ئېتىبارى يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن. ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى قايتا تىرگۈزىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇلار ئىلگىرى قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى كۆرۈش ئۈچۈن پەقەت شۇ ئاللاھ تەرەپكىلا قايتىپ بارىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 6

وَقَالُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قُلۡ إِنَّ ٱللَّهَ قَادِرٌ عَلَىٰٓ أَن يُنَزِّلَ ءَايَةٗ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

مۇشرىكلار قۇسۇرچىلىق قىلىپ، ئىمان ئېيتىشنى كەينىگە سوزۇپ: نېمىشقا مۇھەممەدكە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. لېكىن مۆجىزە چۈشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان بۇ مۇشرىكلارنىڭ كۆپىنچىسى، مۆجىزىلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈشى ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە بىنائەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئۆز ھېكمىتىگە بىنائەن بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئەگەر ئاللاھ ئۇ مۆجىزىنى چۈشۈرۈپ، ئۇلار يەنە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىسا، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 6

وَمَا مِن دَآبَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا طَٰٓئِرٖ يَطِيرُ بِجَنَاحَيۡهِ إِلَّآ أُمَمٌ أَمۡثَالُكُمۚ مَّا فَرَّطۡنَا فِي ٱلۡكِتَٰبِ مِن شَيۡءٖۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ يُحۡشَرُونَ

ئەي ئادەم ئەۋلادى! يەر يۈزىدە مىدىرلايدىغان قانداق بىر جانلىق، ھاۋادا ئۇچىدىغان قانداق بىر قۇش بولىدىكەن، يارىتىلىش ۋە رىزىق بېرىلىشتە سىلەرگە ئوخشاشتۇر. بىز لەۋھۇلمەھفۇزدا ھېچنەرسىنى چۈشۈرۈپ قويماي، ھەممىنى تولۇق پۈتۈپ قويدۇق. ھەممىنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. قىيامەت كۈنى سوتلىنىش ئۈچۈن يالغۇز پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە توپلىنىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ ھەر كىمگە ئۆزىگە لايىق جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 6

وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا صُمّٞ وَبُكۡمٞ فِي ٱلظُّلُمَٰتِۗ مَن يَشَإِ ٱللَّهُ يُضۡلِلۡهُ وَمَن يَشَأۡ يَجۡعَلۡهُ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ

ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئاڭلىمايدىغان گاس ۋە سۆزلىيەلمەيدىغان گاچىغا ئوخشاشتۇر. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇلار قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە بولۇپ كۆرەلمەيدۇ. بۇنداق ھالەتتىكى ئادەم قانداقمۇ توغرا يولنى تاپالىسۇن؟ ئاللاھ ئىنسانلاردىن گۇمراھ قىلىشنى خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ، ھىدايەت قىلىشنى خالىغان كىشىنى ھېچ قانداق قىڭغىرلىق بولمىغان توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 6

قُلۡ أَرَءَيۡتَكُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُ ٱللَّهِ أَوۡ أَتَتۡكُمُ ٱلسَّاعَةُ أَغَيۡرَ ٱللَّهِ تَدۡعُونَ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: قېنى دەپ بېقىڭلار، ئەگەر مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا پايدا-زىيان ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن بىرەر ئازاب ياكى چوقۇم يۈز بېرىشى ۋەدە قىلىنغان قىيامەت كەلسە، شۇ چاغدا بېشىڭلارغا كەلگەن خاپىلىق ۋە مۈشكۈلچىلىكنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن يەنە ئاللاھتىن باشقىغا يېلىنامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
41 : 6

بَلۡ إِيَّاهُ تَدۡعُونَ فَيَكۡشِفُ مَا تَدۡعُونَ إِلَيۡهِ إِن شَآءَ وَتَنسَوۡنَ مَا تُشۡرِكُونَ

ئەمەلىيەتتە سىلەر ئاشۇ چاغدا ئۆزۈڭلارنى ياراتقان ئاللاھنىڭ غەيرىگە يېلىنمايسىلەر. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سىلەردىن ئۇ خاپىلىقنى قايتۇرۇۋېتىدۇ، زىياننى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇنىڭ ئىگىسى ھەم شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر. ئەمما ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق پايدا-زىيان ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 6

وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰٓ أُمَمٖ مِّن قَبۡلِكَ فَأَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡبَأۡسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ لَعَلَّهُمۡ يَتَضَرَّعُونَ

ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئەمما ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن دىندىن يۈز ئۆرۈدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇپ، باش ئەگسۇن دەپ كەمبەغەلچىلىككە ئوخشاش خاپىلىقلار بىلەن ۋە بەدەنلىرىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان كېسەللەر بىلەن جازالىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 6

فَلَوۡلَآ إِذۡ جَآءَهُم بَأۡسُنَا تَضَرَّعُواْ وَلَٰكِن قَسَتۡ قُلُوبُهُمۡ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

كاشكى ئۇلار باشلىرىغا سىناقلىرىمىز كەلگەن چاغدا ئۆزلىرىدىن بۇ خاپىلىقلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئاللاھقا باش ئېگىپ، بويسۇنغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىز ئۇلارغا مەرھەمەت قىلاتتۇق. لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن بولغاچقا، ئىبرەت ۋە ساۋاق ئالمىدى، شەيتان ئۇلارغا ئۆزلىرى قىلغان كۇپرى ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى چىرايلىق كۆرسەتتى. نەتىجىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىنى داۋاملاشتۇردى. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 6

فَلَمَّا نَسُواْ مَا ذُكِّرُواْ بِهِۦ فَتَحۡنَا عَلَيۡهِمۡ أَبۡوَٰبَ كُلِّ شَيۡءٍ حَتَّىٰٓ إِذَا فَرِحُواْ بِمَآ أُوتُوٓاْ أَخَذۡنَٰهُم بَغۡتَةٗ فَإِذَا هُم مُّبۡلِسُونَ

ئۇلار كەمبەغەلچىلىك ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت سىناقلار بىلەن ئۆزلىرىگە قىلىنغان پەند-نەسىھەتلەرگە پەرۋا قىلماي، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىگەن چاغدا بىز ئۇلارغا رىزىقنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋېتىش ۋە كەمبەغەللىكتىن كېيىن باي قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالاش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق، كېسەللىكتىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەنلىرىگە شىپالىق بەردۇق. نىھايەت ئۇلار كۆرەڭلەپ، بەھرىمەن قىلىنغان نېئمەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە تەمەننا قىلغانلىرىدا ئۇلارغا ئازابىمىز ئۇشتۇمتۇت كەلدى - دە، ئۇلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، ئارزۇ-ئارمانلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالدى. info
التفاسير:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• تشبيه الكفار بالموتى؛ لأن الحياة الحقيقية هي حياة القلب بقَبوله الحق واتباعه طريق الهداية.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر كاپىرلارنى ئۆلۈككە ئوخشىتىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي ھاياتلىق ھەقنى قوبۇل قىلىش ۋە توغرا يولغا ئەگىشىش ئارقىلىق قەلبنىڭ ھاياتلىققا ئېرىشىشىدۇر. info

• من حكمة الله تعالى في الابتلاء: إنزال البلاء على المخالفين من أجل تليين قلوبهم وردِّهم إلى ربهم.
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى سىنىشىدىكى ھېكمەتلىرىدىن بىرى: ئەمىر-پەرمانلىرىغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ قەلبلىرىنى يۇمشىتىپ، پەرۋەردىگارى تەرەپكە قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك خاپىلىقلارغا مۇپتىلا قىلىشتۇر. info

• وجود النعم والأموال بأيدي أهل الضلال لا يدل على محبة الله لهم، وإنما هو استدراج وابتلاء لهم ولغيرهم.
گۇمراھلارنىڭ قولىدا ئىقتىساد ۋە مال-دۇنيالارنىڭ بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ. بۇ پەقەت ئۇلارنى ۋە باشقىلارنى تۇيدۇرماي ھالاك قىلىش ئۇسۇلىدۇر. info