Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - Qurani Kərimin müxtəsər tərfsiri - kitabının Uyğur dilinə tərcüməsi.

Səhifənin rəqəmi:close

external-link copy
119 : 6

وَمَا لَكُمۡ أَلَّا تَأۡكُلُواْ مِمَّا ذُكِرَ ٱسۡمُ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ وَقَدۡ فَصَّلَ لَكُم مَّا حَرَّمَ عَلَيۡكُمۡ إِلَّا مَا ٱضۡطُرِرۡتُمۡ إِلَيۡهِۗ وَإِنَّ كَثِيرٗا لَّيُضِلُّونَ بِأَهۡوَآئِهِم بِغَيۡرِ عِلۡمٍۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُعۡتَدِينَ

ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھارام قىلىپ، يېمەسلىكىڭلار ۋاجىب بولغان نەرسىلەرنى ئېنىق ئېيتىپ بەرگەن تۇرسا، ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن سىلەرنى نېمە توسىدۇ؟ مەجبۇر بوپقالغاندا ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسەڭلارمۇ بولىدۇ، چۈنكى زۆرۈرىيەت ھارامغا رۇخسەت قىلىدۇ. شەكسىزكى كۆپلىگەن مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇزۇق قاراشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز تەرەپدارلىرىنى توغرىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇكى، ئۇلار ئۆزىچە ئۆلۈپ قالغان ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ بىلىدۇ، بەھىيرە، ۋەسىيلە، ھامىي ۋە باشقا ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىۋالىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ئاللاھنىڭ چېگرالىرىنى ئاشقانلارنى ئوبدان بىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئۆز چېگرالىرىنى ئاشقانلىقىغا قارىتا چوقۇم جازاغا تارتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
120 : 6

وَذَرُواْ ظَٰهِرَ ٱلۡإِثۡمِ وَبَاطِنَهُۥٓۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡسِبُونَ ٱلۡإِثۡمَ سَيُجۡزَوۡنَ بِمَا كَانُواْ يَقۡتَرِفُونَ

ئەي ئىنسانلار ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتلەردە گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تاشلاڭلار. شۈبھىسىزكى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلىدىغانلارنى ئاللاھ چوقۇم قىلمىشلىرىغا قارىتا جازاغا تارتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
121 : 6

وَلَا تَأۡكُلُواْ مِمَّا لَمۡ يُذۡكَرِ ٱسۡمُ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ وَإِنَّهُۥ لَفِسۡقٞۗ وَإِنَّ ٱلشَّيَٰطِينَ لَيُوحُونَ إِلَىٰٓ أَوۡلِيَآئِهِمۡ لِيُجَٰدِلُوكُمۡۖ وَإِنۡ أَطَعۡتُمُوهُمۡ إِنَّكُمۡ لَمُشۡرِكُونَ

ئەي مۇسۇلمانلار! مەيلى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ئىسمى ئېيتىلغان بولسۇن ياكى ئېيتىلمىغان بولسۇن، ئىشقىلىپ ئاللاھنىڭ نامى تىلغا ئېلىنماستىن بوغۇزلانغان نەرسىلەرنى يېمەڭلار. ھەقىقەتەن ئۇنى يېيىش ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن ئاسىيلىققا چىقىپ كەتكەنلىكتۇر. شەكسىزكى شەيتانلار ئۆلۈكنى يېيىش ھەققىدە سىلەر بىلەن دەتالاشقا سېلىش ئۈچۈن ئارىدا گۇمان پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۆز دوستلىرىغا ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئەي مۇسۇلمانلار! ئەگەر ئۇلار ئۆلۈكنى ھالال قىلىش ئۈچۈن پەيدا قىلغان گۇماندا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرسەڭلار، سىلەرمۇ شېرىكتە ئۇلار بىلەن ئوخشاش بوپقالىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
122 : 6

أَوَمَن كَانَ مَيۡتٗا فَأَحۡيَيۡنَٰهُ وَجَعَلۡنَا لَهُۥ نُورٗا يَمۡشِي بِهِۦ فِي ٱلنَّاسِ كَمَن مَّثَلُهُۥ فِي ٱلظُّلُمَٰتِ لَيۡسَ بِخَارِجٖ مِّنۡهَاۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلۡكَٰفِرِينَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

ئاللاھ ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى كۇپۇرلۇق، نادانلىق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈك ھېسابلانغان، ئاندىن بىز ئۇنى ئىمان، ئىلىم ۋە تائەتكە يېتەكلەش ئارقىلىق قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئادەم، كۇپۇرلۇق، نادانلىق ۋە گۇناھ- مەئسىيەتنىڭ زۇلمەتلىك پاتقاقلىرىغا چىقالمايدىغان دەرىجىدە پېتىپ قالغانلىقتىن نىشاندىن ئادىشىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ئادەمگە ئوخشاش بولامدۇ؟ بۇ مۇشرىكلارغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئۆزىچە ئۆلۈپ قالغان نەرسىنىڭ گۆشلىرىنى يېيىش ۋە ئاساسسىز مۇنازىرىلىشىشتىن ئىبارەت قىلمىشلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلگەندەك، كاپىرلارنىڭ قىيامەت كۈنى دەرتلىك ئازابلارغا دۇچار بولۇشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
123 : 6

وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَا فِي كُلِّ قَرۡيَةٍ أَكَٰبِرَ مُجۡرِمِيهَا لِيَمۡكُرُواْ فِيهَاۖ وَمَا يَمۡكُرُونَ إِلَّا بِأَنفُسِهِمۡ وَمَا يَشۡعُرُونَ

مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ كاتتىباشلىرى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقىنىدەك، ھەربىر شەھەردە شەيتاننىڭ يولىغا چاقىرىش، پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشتا تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلەرنى پىلانلايدىغان كاتتىباش ۋە ئاتامانلارنى قىلدۇق. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا چوقۇم ئۆزلىرى چۈشىدۇ. لېكىن ئۇلار نادانلىقى ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇنى ھېس قىلالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
124 : 6

وَإِذَا جَآءَتۡهُمۡ ءَايَةٞ قَالُواْ لَن نُّؤۡمِنَ حَتَّىٰ نُؤۡتَىٰ مِثۡلَ مَآ أُوتِيَ رُسُلُ ٱللَّهِۘ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ حَيۡثُ يَجۡعَلُ رِسَالَتَهُۥۗ سَيُصِيبُ ٱلَّذِينَ أَجۡرَمُواْ صَغَارٌ عِندَ ٱللَّهِ وَعَذَابٞ شَدِيدُۢ بِمَا كَانُواْ يَمۡكُرُونَ

ئەگەر كاپىرلارنىڭ چوڭلىرىغا ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان مۆجىزىلەردىن بىرەر مۆجىزە كەلسە، ئۇلار: «ئاللاھ بىزگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بەرگىنىگە ئوخشاش پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىك بەرمىگۈچە ھەرگىز ئىمان ئېيتمايمىز» دېيىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا كىمنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىنى ئۆزى ئوبدان بىلىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى شۇنداق ئادەمگە بېرىدىغانلىقى بىلەن رەددىيە بەردى. بۇ زالىملار ھەقتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن خار-زەبۇنلۇققا، ھىيلە-نەيرەڭلىرى تۈپەيلىدىن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. info
التفاسير:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• الأصل في الأشياء والأطعمة الإباحة، وأنه إذا لم يرد الشرع بتحريم شيء منها فإنه باق على الإباحة.
نەرسىلەر ۋە يېمەكلىكلەردىكى ئەسلى پىرىنسىپ ھالاللىق بولۇپ، شەرىئەت ئۇلاردىن مەلۇم نەرسىنى ھارام قىلمىغىچە، ئۇ نەرسە ھالال پېتى قالىدۇ. info

• كل من تكلم في الدين بما لا يعلمه، أو دعا الناس إلى شيء لا يعلم أنه حق أو باطل، فهو معتدٍ ظالم لنفسه وللناس، وكذلك كل من أفتى وليس هو بكفء للإفتاء.
دىندا بىلمەيدىغان نەرسىنى دېگەن ياكى كىشىلەرنى ئۆزى توغرا ياكى خاتالىقىنى بىلمەيدىغان نەرسىگە چاقىرغان ھەر كىم، ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ زۇلۇم قىلغان، چەكتىن ئاشقۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا پەتىۋا بېرىشكە سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ پەتىۋا بەرگەن ھەر قانداق ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. info

• منفعة المؤمن ليست مقتصرة على نفسه، بل مُتَعدِّية لغيره من الناس.
مۇئمىننىڭ مەنپەئەتى ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، باشقىلارغىمۇ يېتىدۇ. info