Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - Qurani Kərimin müxtəsər tərfsiri - kitabının Uyğur dilinə tərcüməsi.

Səhifənin rəqəmi:close

external-link copy
158 : 6

هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن تَأۡتِيَهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَوۡ يَأۡتِيَ رَبُّكَ أَوۡ يَأۡتِيَ بَعۡضُ ءَايَٰتِ رَبِّكَۗ يَوۡمَ يَأۡتِي بَعۡضُ ءَايَٰتِ رَبِّكَ لَا يَنفَعُ نَفۡسًا إِيمَٰنُهَا لَمۡ تَكُنۡ ءَامَنَتۡ مِن قَبۡلُ أَوۡ كَسَبَتۡ فِيٓ إِيمَٰنِهَا خَيۡرٗاۗ قُلِ ٱنتَظِرُوٓاْ إِنَّا مُنتَظِرُونَ

ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە پەقەت دۇنيادا جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ كېلىشىنى ياكى ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھېساب كۈنى كېلىشىنى ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ قىيامەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۆجىزىلىرىدىن بىرەرى كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ -قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشىغا ئوخشاش- بىرەر مۆجىزىسى كەلگەن كۈندە كاپىرنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياخشىلىق قىلمىغان مۇئمىننىڭ بۇ چاغدا قىلغان ياخشىلىقىنىڭمۇ پايدىسى بولمايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ مۇشرىكلارغا: سىلەرمۇ مۇشۇ ئىشلارنىڭ بىرىنى كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتىمىز، دېگىن. info
التفاسير:

external-link copy
159 : 6

إِنَّ ٱلَّذِينَ فَرَّقُواْ دِينَهُمۡ وَكَانُواْ شِيَعٗا لَّسۡتَ مِنۡهُمۡ فِي شَيۡءٍۚ إِنَّمَآ أَمۡرُهُمۡ إِلَى ٱللَّهِ ثُمَّ يُنَبِّئُهُم بِمَا كَانُواْ يَفۡعَلُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن دىنىنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىپ، بىر قىسمىنى چۆرۈۋەتكەن ھەمدە تۈرلۈك-تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ دىنىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن ئەمەسسەن. سەن ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقىدىن ئادا-جۇداسەن، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلغاندۇر. ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
160 : 6

مَن جَآءَ بِٱلۡحَسَنَةِ فَلَهُۥ عَشۡرُ أَمۡثَالِهَاۖ وَمَن جَآءَ بِٱلسَّيِّئَةِ فَلَا يُجۡزَىٰٓ إِلَّا مِثۡلَهَا وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ

قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەردىن قانداق بىر ئادەم بىر ياخشىلىق بىلەن كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون ياخشىلىق قىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ. كىمكى بىر يامانلىق بىلەن كەلسە، جازانىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىدە پەقەت ئۆزى قىلغان يامانلىقىغا تۇشلۇق جازالىنىدۇ، جازا يامانلىقتىن ئېغىرلىتىلمايدۇ. بەندىلەر قىيامەت كۈنى ياخشىلىقلىرىنىڭ ساۋابى كېمەيتىلىش، يامانلىقلىرىنىڭ جازاسى ئېغىرلىتىلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلىنمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
161 : 6

قُلۡ إِنَّنِي هَدَىٰنِي رَبِّيٓ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ دِينٗا قِيَمٗا مِّلَّةَ إِبۡرَٰهِيمَ حَنِيفٗاۚ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى تۈپتۈز يولغا، يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت مەنپەئەتلىرىنىڭ كاپالىتى بولغان دىننىڭ يولىغا يېتەكلىدى، ئۇ ھەقكە بۇرۇلغان ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇركى، ئىبراھىم ھېچقاچان مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
162 : 6

قُلۡ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحۡيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن مېنىڭ نامىزىم، ئاللاھ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قىلغان قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان يېگانە ئاللاھ ئۈچۈندۇر، بۇنىڭدا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ قىلچە نېسىۋىسى يوقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
163 : 6

لَا شَرِيكَ لَهُۥۖ وَبِذَٰلِكَ أُمِرۡتُ وَأَنَا۠ أَوَّلُ ٱلۡمُسۡلِمِينَ

ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدمۇ يوقتۇر، ئاللاھ تائالا مېنى شېرىكتىن ساپ بولغان مۇشۇ تەۋھىدكە بۇيرۇدى، مەن بۇ ئۈممەت ئىچىدە ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
164 : 6

قُلۡ أَغَيۡرَ ٱللَّهِ أَبۡغِي رَبّٗا وَهُوَ رَبُّ كُلِّ شَيۡءٖۚ وَلَا تَكۡسِبُ كُلُّ نَفۡسٍ إِلَّا عَلَيۡهَاۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُم مَّرۡجِعُكُمۡ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ فِيهِ تَخۡتَلِفُونَ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، مەن ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار تەلەپ قىلامدىمەن؟ ئاللاھ سىلەر ئۇنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر. گۇناھسىز بىر ئادەم باشقىلارنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاندىن قىيامەت كۈنى يالغۇز پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسلەر، ئۇ سىلەرگە دۇنيادا دىندا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
165 : 6

وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَكُمۡ خَلَٰٓئِفَ ٱلۡأَرۡضِ وَرَفَعَ بَعۡضَكُمۡ فَوۡقَ بَعۡضٖ دَرَجَٰتٖ لِّيَبۡلُوَكُمۡ فِي مَآ ءَاتَىٰكُمۡۗ إِنَّ رَبَّكَ سَرِيعُ ٱلۡعِقَابِ وَإِنَّهُۥ لَغَفُورٞ رَّحِيمُۢ

ئاللاھ زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى بۇ زېمىندا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئورۇنباسارى قىلدى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى يارىتىشتا، رىزىقتا ۋە باشقا تەرەپلەردە باشقىلاردىن نەچچە دەرىجە ئۈستۈن قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە بەرگەن ئاشۇ نېئمەتلەر ئارقىلىق سىناش ئۈچۈن ئىدى. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر. كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس. شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىمدىلدۇر. info
التفاسير:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• أن الدين يأمر بالاجتماع والائتلاف، وينهى عن التفرق والاختلاف.
شەكسىزكى دىن بىرلىشىشكە ۋە ئىتتىپاقلىشىشقا بۇيرۇپ، تەپرىقىچىلىكتىن ۋە ئىختىلاپلىشىشتىن چەكلەيدۇ. info

• من تمام عدله تعالى وإحسانه أنه يجازي بالسيئة مثلها، وبالحسنة عشرة أمثالها، وهذا أقل ما يكون من التضعيف.
يامانلىققا ئۆزىگە تۇشلۇق جازا بېرىپ، بىر ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىنى ئون ھەسسە كۆپەيتىپ بېرىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتى ۋە ئېھسانىنىڭ مۇكەممىلىكىدىندۇركى، بۇ، ياخشىلىقلارنىڭ ھەسسىلىنىشىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەكتۇر. info

• الدين الحق القَيِّم يتطَلب تسخير كل أعمال العبد واهتماماته لله عز وجل، فله وحده يتوجه العبد بصلاته وعبادته ومناسكه وذبائحه وجميع قرباته وأعماله في حياته وما أوصى به بعد وفاته.
ھەق، توغرا دىن بەندىنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرىنى ۋە ئوي-خىياللىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا بەندە نامىزى، ئىبادىتى، ھەجلىرى، قۇربانلىقلىرى، ھاياتىدىكى پۈتۈن ئەمەللىرى ھەمدە ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ۋەسىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە يېگانە ئاللاھقىلا يۈزلىنىدۇ. info