Bản dịch ý nghĩa nội dung Qur'an - 简易古兰经经注维吾尔语版

Số trang:close

external-link copy
174 : 3

فَٱنقَلَبُواْ بِنِعۡمَةٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَضۡلٖ لَّمۡ يَمۡسَسۡهُمۡ سُوٓءٞ وَٱتَّبَعُواْ رِضۡوَٰنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ ذُو فَضۡلٍ عَظِيمٍ

ئۇلار «ھەمرائۇل ئەسەد»كە چىققاندىن كېيىن ئاللاھ تەرىپىدىن كاتتا ساۋاپ ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە مۇشەررەپ بولۇش، دۈشمەنلىرىدىن سالامەت قىلىش، جاراھەت ۋە ئۆلۈمسىز قايتىشقا مۇشەررەپ بولدى. ئۇلار ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشنى لازىم تۇتۇش ۋە ئاسىيلىق قىلىشتىن قول يېغىش بىلەن ئاللاھ رازى بولىدىغان يولغا ئەگەشتى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۆئمىن بەندىلىرىگە چەكسىز پەزلى ئىگىسىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
175 : 3

إِنَّمَا ذَٰلِكُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ يُخَوِّفُ أَوۡلِيَآءَهُۥ فَلَا تَخَافُوهُمۡ وَخَافُونِ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

شەيتان سىلەرنى ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرى ۋە ئەنسارلىرى بىلەن قورقۇتىدۇ، ئۇلاردىن قورقماڭلار، ئۇلاردا ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوق، سىلەر ھەقىقى مۆئمىن بولساڭلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى لازىم تۇتۇش بىلەن .يالغۇز ئاللاھدىن قورقۇڭلار info
التفاسير:

external-link copy
176 : 3

وَلَا يَحۡزُنكَ ٱلَّذِينَ يُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡكُفۡرِۚ إِنَّهُمۡ لَن يَضُرُّواْ ٱللَّهَ شَيۡـٔٗاۚ يُرِيدُ ٱللَّهُ أَلَّا يَجۡعَلَ لَهُمۡ حَظّٗا فِي ٱلۡأٓخِرَةِۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٌ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! مۇناپىقلاردىن مۇرتەد بولۇپ دىندىن يېنىۋىلىپ كۇپىرغا ئالدىرغانلار سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، ھەقىقەتتە ئۇلار ئاللاھغا ھېچ بىر زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن پەقەت ئۆز نەپسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى خارلارشنى، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلماسلىقنى ۋە ئاخىرەتتە نېئمەتتىن نەسىۋە بولماسلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دوزاختا ئېغىر ئازاب بار. info
التفاسير:

external-link copy
177 : 3

إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱشۡتَرَوُاْ ٱلۡكُفۡرَ بِٱلۡإِيمَٰنِ لَن يَضُرُّواْ ٱللَّهَ شَيۡـٔٗاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

ئىماننى كۇپىرغا ئالماشتۇرغانلار ماھىيەتتە ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە .دەرتلىك ئازاب بار info
التفاسير:

external-link copy
178 : 3

وَلَا يَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّمَا نُمۡلِي لَهُمۡ خَيۡرٞ لِّأَنفُسِهِمۡۚ إِنَّمَا نُمۡلِي لَهُمۡ لِيَزۡدَادُوٓاْ إِثۡمٗاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ

پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە گەردەنكەشلىك قىلغان بەدبەختلەر ئۆزلىرىنىڭ كۇپىر ئەمەللىرىدە ئۇزۇن مۇددەت ياشىشى ۋە جازالانماستىن تۇرىۋىرىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقنى كۆپ قىلىش بىلەن خاتالىق ئۈستىگە خاتالىقنى زىيادە قىلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىمىز، ئۇلار ئۈچۈن خار قىلغۇچى ئازاب باردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
179 : 3

مَّا كَانَ ٱللَّهُ لِيَذَرَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ عَلَىٰ مَآ أَنتُمۡ عَلَيۡهِ حَتَّىٰ يَمِيزَ ٱلۡخَبِيثَ مِنَ ٱلطَّيِّبِۗ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُطۡلِعَكُمۡ عَلَى ٱلۡغَيۡبِ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَجۡتَبِي مِن رُّسُلِهِۦ مَن يَشَآءُۖ فَـَٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۚ وَإِن تُؤۡمِنُواْ وَتَتَّقُواْ فَلَكُمۡ أَجۡرٌ عَظِيمٞ

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدىن: ئاللاھ سىلەرنى مۇناپىقلار بىلەن ئارىلاش ھالەتتە، سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئايرىماي، يەنى ھەقىقى مۆئمىننى تاللىماي قويمايدۇ، ھەتتا تۈرلۈك ئەمەللەرگە بۇيرۇش ۋە سىناش ئارقىلىق ھەقىقى مۆئمىن ئىپلاس مۇناپىقتىن ئايرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدىن: ئاللاھ سىلەرنىڭ مۆئمىنلەر بىلەن مۇناپىقلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە غەيىبنى بىلدۈرمىدى، لېكىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغان كىشىنى تاللايدۇ، خۇددى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بەزى مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ بەزى غەيب ئىشلاردىن خەۋەردار قىىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بولغان ئىمانىڭلارنى نامايەندە قىلىڭلار، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا ھەقىقى ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلساڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا كاتتا ساۋاپ بار. info
التفاسير:

external-link copy
180 : 3

وَلَا يَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ يَبۡخَلُونَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ هُوَ خَيۡرٗا لَّهُمۖ بَلۡ هُوَ شَرّٞ لَّهُمۡۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُواْ بِهِۦ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ وَلِلَّهِ مِيرَٰثُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ

ئاللاھ ئاتا قىلغان پەزلى-نېئمەتتىن مەنپەئەتلىنىپ، بېخىللىق قىلىپ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقۇچىلار، ئۆزلىرىنىڭ بېخىللىقىنى ياخشى دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، بەلكى ئۇ بېخىللىق ئۇلارغا زىيانلىقتۇر، چۈنكى ئۇلار دۇنيادا بېخىللىق قىلغان نەرسە قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق بولۇپ سېلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئازابلىنىدۇ، ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ بولۇپ، خالايىقلارنىڭ ھەممىسى يوقالغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھ ھەمىشە ھاياتتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىنچىكە ئىشلىرىڭلاردىن تارتىپ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئەمەلگە ئاساسەن جازا- مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:
Trong những bài học trích được của các câu Kinh trên trang này:
• ينبغي للمؤمن ألا يلتفت إلى تخويف الشيطان له بأعوانه وأنصاره من الكافرين، فإن الأمر كله لله تعالى.
مۆئمىن كىشى شەيتاننىڭ قورقۇتىشى ۋە شەيتاننىڭ ياردەمچىلىرى ۋە ئەنسارلىرىدىن بولغان كاپىرلارنىڭ تەھدىدىگە پەرۋا قىلماسلىقى كېرەك. info

• لا ينبغي للعبد أن يغتر بإمهال الله له، بل عليه المبادرة إلى التوبة، ما دام في زمن المهلة قبل فواتها.
ئىنسان ئاللاھنىڭ جازالىماستىن مۆھلەت بەرگەنلىكىدىن مەغرۇرلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، مادامىكى تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بولىدىكەن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى لازىم. info

• البخيل الذي يمنع فضل الله عليه إنما يضر نفسه بحرمانها المتاجرة مع الله الكريم الوهاب، وتعريضها للعقوبة يوم القيامة.
ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان پەزلىنى چەكلەپ قويغان بېخىل پەقەت ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاتا-ئېھسانى كۆپ بولغان كەرەملىك ئاللاھ بىلەن بولغان تىجارەتتىن مەھرۇم بولىدۇ، ئۆزىنى قىيامەت كۈنىدە ئازابقا توغرىلايدۇ. info