Bản dịch ý nghĩa nội dung Qur'an - 简易古兰经经注维吾尔语版

Số trang:close

external-link copy
141 : 3

وَلِيُمَحِّصَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَيَمۡحَقَ ٱلۡكَٰفِرِينَ

مۇشۇ ھېكمەتلەردىن: مۆئمىنلەرنى گۇناھتىن پاكلاش، سەپلىرىدىن .مۇناپىقلارنى تازىلاش، كاپىرلارنى ھالاك ۋە يوق قىلىش ئۈچۈندۇر info
التفاسير:

external-link copy
142 : 3

أَمۡ حَسِبۡتُمۡ أَن تَدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ وَلَمَّا يَعۡلَمِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ جَٰهَدُواْ مِنكُمۡ وَيَعۡلَمَ ٱلصَّٰبِرِينَ

ئى مۆمىنلار! سىلەر ئاللاھ يولىدا ھەقىقى جىھاد قىلىۋاتقان مۇجاھىدلاردا كۆرۈلىدىغان جاپا-مۇشەققەت ۋە سىناقلارغا دۇچ كەلمەستىن، ئۇلارغا يەتكەن بالا-مۇسىبەتكە سەۋىر قىلماستىن جەننەتكە كېرىمىز دەپ ئويلامسىلەر؟!. info
التفاسير:

external-link copy
143 : 3

وَلَقَدۡ كُنتُمۡ تَمَنَّوۡنَ ٱلۡمَوۡتَ مِن قَبۡلِ أَن تَلۡقَوۡهُ فَقَدۡ رَأَيۡتُمُوهُ وَأَنتُمۡ تَنظُرُونَ

ئى مۆمىنلەر! ھەقىقەتەن سىلەر ئۆلۈمنىڭ قاتتىقلىقى ۋە سەۋەبلىرىگە ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بەدىر كۈنىدە قېرىنداشلىرىڭلار ئېرىشكەندەك ئاللاھ يولىدا شەھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كاپىرلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، ھە مانا ئوھۇد كۈنىدە ئارزۇ قىلغان ئىشنى .كۆردۇڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار info
التفاسير:

external-link copy
144 : 3

وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٞ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِ ٱلرُّسُلُۚ أَفَإِيْن مَّاتَ أَوۡ قُتِلَ ٱنقَلَبۡتُمۡ عَلَىٰٓ أَعۡقَٰبِكُمۡۚ وَمَن يَنقَلِبۡ عَلَىٰ عَقِبَيۡهِ فَلَن يَضُرَّ ٱللَّهَ شَيۡـٔٗاۚ وَسَيَجۡزِي ٱللَّهُ ٱلشَّٰكِرِينَ

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئىلگىرى ۋاپات بولغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن پەيغەمبەرلەردىن بىر پەيغەمبەر، ئەگەر ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، جىھادنى تەرك قىلىپ دىنىڭلاردىن يېنىۋالامسىلەر؟، سىلەردىن كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىدىن يېنىۋالىدىكەن، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر ۋە غالىبتۇر، ھەقىقەتتە دىندىن يېنىۋالغۇچى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش بىلەن زىيان تارتقۇچىدۇر، ئاللاھ نېئمىتىگە شۈكۈر ئېيتقۇچىلارنى، دىندا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل مۇكاپات بىلەن شەرەپلەندۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
145 : 3

وَمَا كَانَ لِنَفۡسٍ أَن تَمُوتَ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِ كِتَٰبٗا مُّؤَجَّلٗاۗ وَمَن يُرِدۡ ثَوَابَ ٱلدُّنۡيَا نُؤۡتِهِۦ مِنۡهَا وَمَن يُرِدۡ ثَوَابَ ٱلۡأٓخِرَةِ نُؤۡتِهِۦ مِنۡهَاۚ وَسَنَجۡزِي ٱلشَّٰكِرِينَ

ھەر قانداق جان ئاللاھنىڭ تەقدىرىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا پۈتكەن مۇددەتنى تولۇقلاپ، بېكىتكەن ئەجەلنى توشقۇزۇپ ئۆلىدۇ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن كەم-زىيادە بولمايدۇ، كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بىلەن دۇنيا نېئمىتىنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا دۇنيادا بېرىش تەقدىر قىلىنغان مىقداردا بېرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا ھېچ نەسىۋە بېرىلمەيدۇ، كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بىلەن ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلغۇچىلارنى كاتتا مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
146 : 3

وَكَأَيِّن مِّن نَّبِيّٖ قَٰتَلَ مَعَهُۥ رِبِّيُّونَ كَثِيرٞ فَمَا وَهَنُواْ لِمَآ أَصَابَهُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَمَا ضَعُفُواْ وَمَا ٱسۡتَكَانُواْۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلصَّٰبِرِينَ

ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بولغان كۆپلىگەن جامائەت ئۇرۇش قىلدى، ئاللاھ يولىدا يەتكەن جاراھەت ۋە ئۆلۈم ئۇلارنى جىھاد قىلىشتىن قورقىتالمىدى، دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن بوشاشتۇرمىدى ۋە باش ئەگدۈرمىدى، بەلكى ئۇلار سەۋىر قىلىپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇردى. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ يولىدىكى قېيىنچىلىق ۋە قاتتىقچىلىققا سەۋىر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
147 : 3

وَمَا كَانَ قَوۡلَهُمۡ إِلَّآ أَن قَالُواْ رَبَّنَا ٱغۡفِرۡ لَنَا ذُنُوبَنَا وَإِسۡرَافَنَا فِيٓ أَمۡرِنَا وَثَبِّتۡ أَقۡدَامَنَا وَٱنصُرۡنَا عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ

ئاشۇ سەۋىر قىلغۇچى كىشىلەرگە بالا-مۇسىيبەت كەلگەندە ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ۋە بىزنىڭ چەكتىن ئاشۇرۋەتكەن خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، ساڭا كاپىر بولغان قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن دېگەن سۆزدىن ئىبارەت بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
148 : 3

فَـَٔاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ ثَوَابَ ٱلدُّنۡيَا وَحُسۡنَ ثَوَابِ ٱلۡأٓخِرَةِۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ

ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيادا كاپىرلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىش بىلەن ئاخىرەتتە بولسا ئۇلاردىن رازى بولۇشتىن ئىبارەت چىرايلىق مۇكاپات، نېمەتلىك جەننەتلەردە دائىم تۇرۇشتىن ئىبارەت كاتتا ساۋاپ ئاتا قىلدى، ئاللاھ ئىبادەت ۋە مۇئامىلە ئىشلىرىدا توغرا ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. info
التفاسير:
Trong những bài học trích được của các câu Kinh trên trang này:
• الابتلاء سُنَّة إلهية يتميز بها المجاهدون الصادقون الصابرون من غيرهم.
ئىمتىھان قىلىش ئىلاھى پرىنسىپ بولۇپ، ئاللاھ يولىدا سەۋىرچانلىق، سەمىمىلىك بىلەن جىھاد قىلغۇچىلار بۇ ئارقىلىق باشقىلاردىن پەرقلىنىدۇ. info

• يجب ألا يرتبط الجهاد في سبيل الله والدعوة إليه بأحد من البشر مهما علا قدره ومقامه.
ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىش كىم بولۇشتىن قەتئىي نەزەر بىر كىشىگە باغلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. info

• أعمار الناس وآجالهم ثابتة عند الله تعالى، لا يزيدها الحرص على الحياة، ولا ينقصها الإقدام والشجاعة.
ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇددىتى ۋە ئەجىلى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتلىق دۇنياسىغا ھېرىسمەن بولۇش بىلەن زىيادە بولمايدۇ، باتۇرلۇق ۋە پىداكارلىق قىلىش بىلەن كېمىيىپ كەتمەيدۇ. info

• تختلف مقاصد الناس ونياتهم، فمنهم من يريد ثواب الله، ومنهم من يريد الدنيا، وكلٌّ سيُجازَى على نيَّته وعمله.
ئىنسانلارنىڭ نىيەت-مەقسەتلىرى ئوخشىمايدۇ، بەزىلىرى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئىرادە قىلسا، بەزىلىرى دۇنيا مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى نىيەت ۋە ئەمىلىگە كۆرە جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ. info