Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht

Numri i faqes:close

external-link copy
6 : 11

۞ وَمَا مِن دَآبَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِ رِزۡقُهَا وَيَعۡلَمُ مُسۡتَقَرَّهَا وَمُسۡتَوۡدَعَهَاۚ كُلّٞ فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٖ

يەر يۈزىدە ئۆمىلەيدىغان بارچە مەخلۇقاتلارغا رىزىق بېرىشنى مەرھەمەت يۈزىسىدىن ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن كۆمۈلىدىغان جايىنى بىلىدۇ. بارچە مەخلۇقلار، ئۇلارنىڭ رىزقى، تۇرار جايى ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا، يەنى لەۋھۇلمەھفۇزغا پۈتۈلگەندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 11

وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ وَكَانَ عَرۡشُهُۥ عَلَى ٱلۡمَآءِ لِيَبۡلُوَكُمۡ أَيُّكُمۡ أَحۡسَنُ عَمَلٗاۗ وَلَئِن قُلۡتَ إِنَّكُم مَّبۡعُوثُونَ مِنۢ بَعۡدِ ٱلۡمَوۡتِ لَيَقُولَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ

ئاللاھ تائالا شۇنچىۋالا كاتتا ھالەتتىكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەمدە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى بارچە نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئەرشى بۇ ئىككىسى يارىتىلىشتىن ئىلگىرى سۇ ئۈستىدە ئىدى. ئەي ئىنسانلار! (ئاللاھنىڭ بۇنداق كاتتا مەخلۇقاتلارنى يارىتىشى) قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە بولىدىغانلىقىنى ۋە قايسىڭلارنىڭ ئەمەلىنىڭ ئاللاھنى غەزەبلەندۈرىدىغان رەۋىشتە ناچار بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاش، ئاندىن ھەر كىمگە لايىق رەۋىشتە جازا-مۇكاپات بېرىش ئۈچۈندۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئۇلارغا: ئى ئىنسانلار! سىلەر ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم قايتىدىن تىرىلدۈرۈلىسىلەر، دېسەڭ، ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلار چوقۇم: سەن ئوقۇۋاتقان بۇ قۇرئان پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر، ئۇ ئېنىق سەپسەتىدۇر، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 11

وَلَئِنۡ أَخَّرۡنَا عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابَ إِلَىٰٓ أُمَّةٖ مَّعۡدُودَةٖ لَّيَقُولُنَّ مَا يَحۡبِسُهُۥٓۗ أَلَا يَوۡمَ يَأۡتِيهِمۡ لَيۡسَ مَصۡرُوفًا عَنۡهُمۡ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

ئەگەر بىز مۇشرىكلار دۇنيادا دۇچار بولىدىغان ئازابنى مەلۇم ۋاقىت كېچىكتۈرسەك ئۇلار ئالدىراپلا مەسخىرە قىلىپ: بۇ ئازابنى بىزدىن نېمە توسۇپ قالدى؟ دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئازابنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇم ۋاقتى بار، ئۇلارغا ئۇ ئازاب كەلگەندە ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئازابنى قايتۇرغۇچى تاپالمايدۇ بەلكى ئۇلارغا ئازاب چوقۇم كېلىدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلىپ ئالدىراتقان ئازاب ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 11

وَلَئِنۡ أَذَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِنَّا رَحۡمَةٗ ثُمَّ نَزَعۡنَٰهَا مِنۡهُ إِنَّهُۥ لَيَـُٔوسٞ كَفُورٞ

ئەگەر بىز ئىنسانغا تەن ساقلىقى ۋە بايلىققا ئوخشاش نېئمەتلەرنى بېرىپ بولۇپ تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ، نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، ئاللاھ نېئمەتلەرنى تارتىۋالغان چاغدا ئېرىشكەن كۈنلەرنى ئۇنتۇپلا كېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 11

وَلَئِنۡ أَذَقۡنَٰهُ نَعۡمَآءَ بَعۡدَ ضَرَّآءَ مَسَّتۡهُ لَيَقُولَنَّ ذَهَبَ ٱلسَّيِّـَٔاتُ عَنِّيٓۚ إِنَّهُۥ لَفَرِحٞ فَخُورٌ

ئەگەر بىز ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن كەمبەغەلچىلىك ۋە كېسەللىكتىن كېيىن باياشاتلىق ۋە تەن ساقلىقىنىڭ تەمىنى تېتىتساق ئۇ چوقۇم: ئەمدى مەن خاپىلىقتىن قۇتۇلدۇم، كېسىلىممۇ ساقايدى، دەيدۇ ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئاللاھقا شۈكرى قىلمايدۇ. شەكسىزكى ئۇ كۆپ كۆرەڭلەيدىغان، مەنمەنچى، باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان مەخلۇقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 11

إِلَّا ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٞ كَبِيرٞ

لېكىن قىيىنچىلىقلارغا، تائەت-ئىبادەتلەرنىڭ جاپاسىغا ۋە گۇناھ-مەئسىيەت قىلماسلىققا سەۋر قىلالىغان ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولۇپ، ئۇلار ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگىمۇ تۇزكورلۇق قىلمايدۇ، باشقىلارغا چوڭچىلىقمۇ قىلمايدۇ. بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئاخىرەتتە كاتتا مۇكاپاتقا نائىل بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 11

فَلَعَلَّكَ تَارِكُۢ بَعۡضَ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيۡكَ وَضَآئِقُۢ بِهِۦ صَدۡرُكَ أَن يَقُولُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ كَنزٌ أَوۡ جَآءَ مَعَهُۥ مَلَكٌۚ إِنَّمَآ أَنتَ نَذِيرٞۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ وَكِيلٌ

ئەي پەيغەمبەر! سەن مۇشرىكلارنىڭ كۇپرىلىقى، سەركەشلىكى ۋە مۆجىزىلەرنى تەلەپ قىلىشىغا كۆپ ئۇچرىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ئەمەل قىلىش ئېغىر كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزگۈڭ كەلمەسلىكى، ئۇلارنىڭ: نېمىشقا ئۇنىڭغا ئۇنى باي قىلىۋېتىدىغان بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە راست پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلايدىغان بىرەر پەرىشتە كەلمىدى، دېمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى يەتكۈزگەنلىكىڭدىن سىقىلىش ھېس قىلىشىڭ مۇمكىن. لېكىن بۇنى دەپ ساڭا ۋەھىي قىلىنغاننىڭ ئازراق بىر قىسمىنىمۇ چالا قويمىغىن. سەن پەقەت ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزىدىغان ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، سېنىڭ ئۇلار تەلەپ قىلغانلىكى مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىڭ يوق. ئاللاھ ھەر نەرسىنى نازارەت قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• سعة علم الله تعالى وتكفله بأرزاق مخلوقاته من إنسان وحيوان وغيرهما.
يۇقىرىقى ئايەتلەر ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى، ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە باشقا پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىغا رىزىق بېرىشكە ئۆزى كېپىل بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• بيان علة الخلق؛ وهي اختبار العباد بامتثال أوامر الله واجتناب نواهيه.
مەخلۇقاتلارنىڭ يارىتىلىشىدىكى بىردىنبىر مەقسەت بەندىلەرنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ھەققىدە سىناشتۇر. info

• لا ينبغي الاغترار بإمهال الله تعالى لأهل معصيته، فإنه قد يأخذهم فجأة وهم لا يشعرون.
ئاسىيلار ئاللاھنىڭ مۆھلەت بەرگىنىگە ئالدىنىپ قالماسلىقى لازىم، چۈنكى ئاللاھ بەزىدە ئۇلارنى تۇيماي قالغانلىرىدا ئۇشتۇمتۇت جازالايدۇ. info

• بيان حال الإنسان في حالتي السعة والشدة، ومدح موقف المؤمن المتمثل في الصبر والشكر.
ئىنساننىڭ باياشاتلىقتىكى ۋە قىيىن پەيتلەردىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، مۇئمىننىڭ سەۋر قىلىش ۋە شۈكرى قىلىشتىكى نەمۇنىلىك پوزىتسىيەسىنى مەدھىيىلەش. info