Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht

Numri i faqes:close

external-link copy
109 : 11

فَلَا تَكُ فِي مِرۡيَةٖ مِّمَّا يَعۡبُدُ هَٰٓؤُلَآءِۚ مَا يَعۡبُدُونَ إِلَّا كَمَا يَعۡبُدُ ءَابَآؤُهُم مِّن قَبۡلُۚ وَإِنَّا لَمُوَفُّوهُمۡ نَصِيبَهُمۡ غَيۡرَ مَنقُوصٖ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىنىڭ گۇمراھلىق ئىكەنلىكىدىن قەتئىي گۇمان قىلمىغىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نە ئەقلىي، نە شەرئىي دەلىل يوق. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىغا چوقۇنۇشىغا تۈرتكە بولغان نەرسە پەقەت ئاتا-بوۋىلىرىنى دورىغانلىقىدۇر. شەكسىزكى بىز ئۇلارغا تېگىشلىك ئازابنى كەم قويماي بېرىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
110 : 11

وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ فَٱخۡتُلِفَ فِيهِۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۚ وَإِنَّهُمۡ لَفِي شَكّٖ مِّنۡهُ مُرِيبٖ

شۈبھىسىزكى بىز مۇساغا تەۋراتنى بەردۇق، كىشىلەر تەۋراتقا ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە بولدى، يەنى ئۇنىڭغا بىر قىسمى ئىمان ئېيتقان بولسا، يەنە بىر قىسمى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھنىڭ ئالدىراپ جازالىماسلىق، بەلكى مەلۇم ھېكمەت تۈپەيلىدىن ئازابنى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈش قارارى بولمىسا ئىدى، ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيادىلا تېگىشلىك ئازاب چۈشكەن بولاتتى. شۈبھىسىزكى يەھۇدى ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت كاپىرلار قۇرئاندىن زور گۇماندىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
111 : 11

وَإِنَّ كُلّٗا لَّمَّا لَيُوَفِّيَنَّهُمۡ رَبُّكَ أَعۡمَٰلَهُمۡۚ إِنَّهُۥ بِمَا يَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇخالىپەتچىلەردىن ھەر بىرىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ جازا - مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ. يەنى ئەمىلى ياخشى بولسا مۇكاپاتمۇ ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئەمىلى يامان بولسا جازاسىمۇ يامان بولىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىنچىكە ئىشلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
112 : 11

فَٱسۡتَقِمۡ كَمَآ أُمِرۡتَ وَمَن تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطۡغَوۡاْۚ إِنَّهُۥ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ سېنى بۇيرۇغىنىدەك داۋاملىق توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغىن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرغىن. مۇئمىنلەردىن تەۋبە قىلغان كىشىلەرمۇ سەن بىلەن بىرگە توغرا يولدا بولسۇن. گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە ئۇرۇنۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىملىرىدىن ئۆتۈپ كەتمەڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
113 : 11

وَلَا تَرۡكَنُوٓاْ إِلَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ فَتَمَسَّكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِنۡ أَوۡلِيَآءَ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ

خۇشامەت قىلىش ياكى ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق زالىم كاپىرلارغا مايىل بولماڭلار، بولمىسا شۇ مايىللىقىڭلار سەۋەبلىك دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىسىلەر. سىلەرنى دوزاختىن قۇتقۇزالايدىغان ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلار بولمايدۇ، ئاندىن ئۆزۈڭلارغا ياردەم بېرىدىغان بىرىنى تاپالمايسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
114 : 11

وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ طَرَفَيِ ٱلنَّهَارِ وَزُلَفٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِۚ إِنَّ ٱلۡحَسَنَٰتِ يُذۡهِبۡنَ ٱلسَّيِّـَٔاتِۚ ذَٰلِكَ ذِكۡرَىٰ لِلذَّٰكِرِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئەتىگەن - كەچلەردە ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدا ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ناماز ئوقۇغىن. شۈبھىسىزكى ياخشى ئەمەللەر كىچىك گۇناھلارنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىشلار ۋەز - نەسىھەت قوبۇل قىلغۇچىلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر، ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
115 : 11

وَٱصۡبِرۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ

توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە باشقا ئۆزۈڭ بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىشتا ھەمدە ھەددىدىن ئېشىش ۋە زالىملارغا يانتاياق بولۇشتىن ئىبارەت چەكلەنگەن ئىشلارنى تاشلاشتا چىدامچان بولغىن. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئەڭ ياخشى ئەمەل شەكلىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا قىلغان ئەمەللىرى بەدىلىگە ئەڭ ياخشى ئەمەل قىلغاننىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
116 : 11

فَلَوۡلَا كَانَ مِنَ ٱلۡقُرُونِ مِن قَبۡلِكُمۡ أُوْلُواْ بَقِيَّةٖ يَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡفَسَادِ فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا قَلِيلٗا مِّمَّنۡ أَنجَيۡنَا مِنۡهُمۡۗ وَٱتَّبَعَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مَآ أُتۡرِفُواْ فِيهِ وَكَانُواْ مُجۡرِمِينَ

سىلەردىن ئىلگىرى ئازابقا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئىچىدىن نېمىشقا ئۇلارنى كۇپۇرلۇق ۋە يەر يۈزىدە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن چەكلەيدىغان پەزىلەتلىك، سالىھ كىشىلەر مەيدانغا چىقمىدى. ئۇلاردىن ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ھالاك بولغانلارنى بۇزۇقچىلىقتىن چەكلەيتتى. شۇڭا بىز ئۇلارنى زالىملارنى ھالاك قىلغان ۋاقتىمىزدا قۇتۇلدۇرۇپ قالدۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار كەيىپ - ساپاغا بېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق زالىملاردىن بولغان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
117 : 11

وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهۡلِكَ ٱلۡقُرَىٰ بِظُلۡمٖ وَأَهۡلُهَا مُصۡلِحُونَ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ يەر يۈزىدە ئاھالىسى ياخشى بولغان يۇرتلارنى ھالاك قىلغىنى يوق. پەقەتلا ئاھالىسى كۇپۇرلۇق، زۇلۇم ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلغان يۇرتلارنى ھالاك قىلىدۇ. info
التفاسير:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• وجوب الاستقامة على دين الله تعالى.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، info

• التحذير من الركون إلى الكفار الظالمين بمداهنة أو مودة.
خۇشامەت قىلىش ياكى دوستلۇق ئىزھار قىلىش ئارقىلىق زالىم كاپىرلارغا يانتاياق بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇشنى، info

• بيان سُنَّة الله تعالى في أن الحسنة تمحو السيئة.
ياخشىلىقنىڭ يامانلىقنى ئۆچۈرۈۋېتىشتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى، info

• الحث على إيجاد جماعة من أولي الفضل يأمرون بالمعروف، وينهون عن الفساد والشر، وأنهم عصمة من عذاب الله.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنى چەكلەيدىغان بىر بۆلۈك پەزىلەتلىك كىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە قىزىقتۇرۇشنى ۋە مۇشۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info