Ibisobanuro bya qoran ntagatifu - Ibisobanuro bya Qur'an Ntagatifu mu rurimi rw'uyigur, bikaba ari incamacye y'ibisobanuro bya Qur'an Ntagatifu.

numero y'urupapuro:close

external-link copy
8 : 34

أَفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَم بِهِۦ جِنَّةُۢۗ بَلِ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ فِي ٱلۡعَذَابِ وَٱلضَّلَٰلِ ٱلۡبَعِيدِ

ئۇلار: بۇ ئادەم ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇپ، بىزنى ئۆلگىنىمىزدىن كېيىن قايتا تىرىلىسىلەر، دەپ بىلجىرلاۋاتامدۇ ياكى بۇ ئاساسسىز جۆيلۈپ يۈرىدىغان ساراڭمۇ؟ دېيىشتى. ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ بىلجىرلىغىنىدەك ئەمەس. ئەكسىچە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازاب ئىچىدە، بۇ دۇنيادا ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇق ئىچىدە بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 34

أَفَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَىٰ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِن نَّشَأۡ نَخۡسِفۡ بِهِمُ ٱلۡأَرۡضَ أَوۡ نُسۡقِطۡ عَلَيۡهِمۡ كِسَفٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّكُلِّ عَبۡدٖ مُّنِيبٖ

قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان بۇ ئادەملەر ئالدىدىكى زېمىنغا، كەينىدىكى ئاسمانغا قارىمامدۇ؟ ئەگەر ئۇلارنى ئۆزلىرى دەسسەپ تۇرغان زېمىنغا يۇتقۇزۇۋېتىشنى خالىساق يۇتقۇزۇۋېتەتتۇق. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماننى پارچە - پارچە قىلىپ چۈشۈرۈشنى خالىساق چۈشۈرەتتۇق. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىگە قايتقۇچى ھەرقانداق بەندىگە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يارقىن دەلىللەر بار. دېمەك؛ مۇشۇنداق ئىشلارغا كۈچى يەتكەن زات زات سىلەرنى ئۆلۈپ كىتىپ، جەسىتىڭلار تىتما - تىتما بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 34

۞ وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ مِنَّا فَضۡلٗاۖ يَٰجِبَالُ أَوِّبِي مَعَهُۥ وَٱلطَّيۡرَۖ وَأَلَنَّا لَهُ ٱلۡحَدِيدَ

بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق ئاتا قىلدۇق ھەمدە تاغلارغا: ئەي تاغلار! داۋۇد بىلەن بىرگە تەسبىھ ئېيتىڭلار! دېدۇق. قۇشلارغىمۇ شۇنداق دېدۇق. داۋۇدقا ئۆزى خالىغان سايمانلارنى ياسىشى ئۈچۈن تۆمۈرنى يۇمشاق قىلىپ بەردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 34

أَنِ ٱعۡمَلۡ سَٰبِغَٰتٖ وَقَدِّرۡ فِي ٱلسَّرۡدِۖ وَٱعۡمَلُواْ صَٰلِحًاۖ إِنِّي بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ

ئى داۋۇد! ئەسكەرلىرىڭنى دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدايدىغان كەڭرى ساۋۇتلارنى ياسىغىن، مىخلىرىنى ھالقىلىرىغا مۇۋاپىق قىلغىنكى، ھالقىلارنى تۇرغۇزالمايدىغان دەرىجىدە ئىنچىكە، پاتمايدىغان دەرىجىدە توممۇ بوپقالمىسۇن. ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار. مەن ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن. ماڭا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 34

وَلِسُلَيۡمَٰنَ ٱلرِّيحَ غُدُوُّهَا شَهۡرٞ وَرَوَاحُهَا شَهۡرٞۖ وَأَسَلۡنَا لَهُۥ عَيۡنَ ٱلۡقِطۡرِۖ وَمِنَ ٱلۡجِنِّ مَن يَعۡمَلُ بَيۡنَ يَدَيۡهِ بِإِذۡنِ رَبِّهِۦۖ وَمَن يَزِغۡ مِنۡهُمۡ عَنۡ أَمۡرِنَا نُذِقۡهُ مِنۡ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ

بىز داۋۇد ئوغلى سۇلايمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال چۈشتىن بۇرۇن بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باسىدۇ. ئۇنىڭ مىستىن خالىغان نەرسىلەرنى ياسىشى ئۈچۈن مىس چىقىدىغان بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، ئۇنىڭغا يەنە پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىشلەيدىغان جىنلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. جىنلاردىن بۇيرۇقىمىزغا خىلاپلىق قىلغانلارغا لاۋۇلداپ تۇرغان دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 34

يَعۡمَلُونَ لَهُۥ مَا يَشَآءُ مِن مَّحَٰرِيبَ وَتَمَٰثِيلَ وَجِفَانٖ كَٱلۡجَوَابِ وَقُدُورٖ رَّاسِيَٰتٍۚ ٱعۡمَلُوٓاْ ءَالَ دَاوُۥدَ شُكۡرٗاۚ وَقَلِيلٞ مِّنۡ عِبَادِيَ ٱلشَّكُورُ

بۇ جىنلار سۇلايماننىڭ خالىغىنى بويىچە ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتلەرنى، سارايلارنى، سۈرەتلەرنى ۋە چوڭ سۇ كۆلچەكلىرىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى ھەمدە چوڭلۇقىدىن مىدىرلىمايدىغان پۇختا قازانلارنى ياسايدۇ. بىز ئۇلارغا: ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىڭلار، دېدۇق. ھالبۇكى بەندىلىرىم ئىچىدىن مېنىڭ نېئمەتلىرىمگە شۈكۈر قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 34

فَلَمَّا قَضَيۡنَا عَلَيۡهِ ٱلۡمَوۡتَ مَا دَلَّهُمۡ عَلَىٰ مَوۡتِهِۦٓ إِلَّا دَآبَّةُ ٱلۡأَرۡضِ تَأۡكُلُ مِنسَأَتَهُۥۖ فَلَمَّا خَرَّ تَبَيَّنَتِ ٱلۡجِنُّ أَن لَّوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ ٱلۡغَيۡبَ مَا لَبِثُواْ فِي ٱلۡعَذَابِ ٱلۡمُهِينِ

سۇلايماننىڭ جېنىنى ئالغىنىمىزدا ئۇ يۆلىنىپ تۇرغان ھاسىسىنى قۇرت يېمىگەن بولسا جىنلار ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقالمىغان ئىدى. سۇلايمان يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئۆزلىرىنىڭ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقى ئايدىڭ بولدى. چۈنكى ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ خارلىغۇچى ئازاب ئىچىدە ئۇزۇن قالمىغان بولاتتى. ئۇ خارلىغۇچى ئازاب بولسا ئۇلار سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنى تىرىك، ئۆزلىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، دەپ ئويلاپ (ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ) ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز قىلغان جاپالىق ئەمگەك ئىدى. info
التفاسير:
Inyungu dukura muri ayat kuri Uru rupapuro:
• تكريم الله لنبيه داود بالنبوة والملك، وبتسخير الجبال والطير يسبحن بتسبيحه، وإلانة الحديد له.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق ئاتا قىلىش، تاغلارنى ۋە قۇشلارنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بېرىش ھەمدە تۆمۈرنى يۇمشاق قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىلتىپات قىلدى. info

• تكريم الله لنبيه سليمان عليه السلام بالنبوة والملك.
ئاللاھ يەنە پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغىمۇ پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىقنى ئىلتىپات قىلدى. info

• اقتضاء النعم لشكر الله عليها.
نېئمەتلەر ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. info

• اختصاص الله بعلم الغيب، فلا أساس لما يُدَّعى من أن للجن أو غيرهم اطلاعًا على الغيب.
غەيبنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. جىنلارنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسسىزدۇر. info