Ibisobanuro bya qoran ntagatifu - Ibisobanuro bya Qur'an Ntagatifu mu rurimi rw'uyigur, bikaba ari incamacye y'ibisobanuro bya Qur'an Ntagatifu.

external-link copy
8 : 34

أَفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَم بِهِۦ جِنَّةُۢۗ بَلِ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ فِي ٱلۡعَذَابِ وَٱلضَّلَٰلِ ٱلۡبَعِيدِ

ئۇلار: بۇ ئادەم ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇپ، بىزنى ئۆلگىنىمىزدىن كېيىن قايتا تىرىلىسىلەر، دەپ بىلجىرلاۋاتامدۇ ياكى بۇ ئاساسسىز جۆيلۈپ يۈرىدىغان ساراڭمۇ؟ دېيىشتى. ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ بىلجىرلىغىنىدەك ئەمەس. ئەكسىچە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازاب ئىچىدە، بۇ دۇنيادا ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇق ئىچىدە بولىدۇ. info
التفاسير:
Inyungu dukura muri ayat kuri Uru rupapuro:
• تكريم الله لنبيه داود بالنبوة والملك، وبتسخير الجبال والطير يسبحن بتسبيحه، وإلانة الحديد له.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق ئاتا قىلىش، تاغلارنى ۋە قۇشلارنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بېرىش ھەمدە تۆمۈرنى يۇمشاق قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىلتىپات قىلدى. info

• تكريم الله لنبيه سليمان عليه السلام بالنبوة والملك.
ئاللاھ يەنە پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغىمۇ پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىقنى ئىلتىپات قىلدى. info

• اقتضاء النعم لشكر الله عليها.
نېئمەتلەر ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. info

• اختصاص الله بعلم الغيب، فلا أساس لما يُدَّعى من أن للجن أو غيرهم اطلاعًا على الغيب.
غەيبنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. جىنلارنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسسىزدۇر. info