Ibisobanuro bya qoran ntagatifu - Ibisobanuro bya Qur'an Ntagatifu mu rurimi rw'uyigur, bikaba ari incamacye y'ibisobanuro bya Qur'an Ntagatifu.

numero y'urupapuro:close

external-link copy
15 : 34

لَقَدۡ كَانَ لِسَبَإٖ فِي مَسۡكَنِهِمۡ ءَايَةٞۖ جَنَّتَانِ عَن يَمِينٖ وَشِمَالٖۖ كُلُواْ مِن رِّزۡقِ رَبِّكُمۡ وَٱشۡكُرُواْ لَهُۥۚ بَلۡدَةٞ طَيِّبَةٞ وَرَبٌّ غَفُورٞ

شۈبھىسىزكى، سەبەئ قەبىلىسىنىڭ تۇرالغۇلىرىدا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە نېئمەتلىرىنىڭ ئاشكارا ئالامەتلىرى بار ئىدى. ئۇ ئالامەت ئىككى باغ بولۇپ، بىرى ئوڭ تەرەپتە، يەنە بىرى سول تەرەپتە ئىدى. بىز ئۇلارغا: پەرۋەردىگارىڭلار بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئۇنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىڭلار. بۇ مۇبارەك شەھەردۇر ۋە بۇ ئاللاھ تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇر، دېدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 34

فَأَعۡرَضُواْ فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ سَيۡلَ ٱلۡعَرِمِ وَبَدَّلۡنَٰهُم بِجَنَّتَيۡهِمۡ جَنَّتَيۡنِ ذَوَاتَيۡ أُكُلٍ خَمۡطٖ وَأَثۡلٖ وَشَيۡءٖ مِّن سِدۡرٖ قَلِيلٖ

ئۇلار ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئۇلارغا بېرىلگەن نېئمەتلەرنى ئازابقا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق جازالىدۇق، ئۇلارغا ئۇلۇغ بىر سەل ئەۋەتتۇقكى، ئۇ سەل ئۇلارنىڭ توسمىلىرىنى بۇزۇپ، ئېكىنزارلىقلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ باغلىرىنى ئاچچىق مېۋىلىك باغقا ئۆزگەرتىۋەتتۇق. نەتىجىدە ئۇ باغلاردا مېۋىسىز يۇلغۇنلار بىلەن، ئاز - تولا سىدر دەرىخلا قالدى. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 34

ذَٰلِكَ جَزَيۡنَٰهُم بِمَا كَفَرُواْۖ وَهَلۡ نُجَٰزِيٓ إِلَّا ٱلۡكَفُورَ

ئۇلارنىڭ بۇنداق پاراۋان ھالىتىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ كۇپۇرلۇقى ۋە شۈكۈر قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. بىز پەقەت ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا تۇزكورلۇق قىلغانلارنىلا مۇشۇنداق ئېغىر جازالايمز. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 34

وَجَعَلۡنَا بَيۡنَهُمۡ وَبَيۡنَ ٱلۡقُرَى ٱلَّتِي بَٰرَكۡنَا فِيهَا قُرٗى ظَٰهِرَةٗ وَقَدَّرۡنَا فِيهَا ٱلسَّيۡرَۖ سِيرُواْ فِيهَا لَيَالِيَ وَأَيَّامًا ءَامِنِينَ

بىز يەمەندىكى سەبەئ ئاھالىسى بىلەن بەرىكەتلىك قىلغان شام شەھەرلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىگە يېقىن كەنتلەرنى بەرپا قىلدۇق، ئۇلار تاكى شامغا يېتىپ بارغانغا قەدەر كەنت بىلەن كەنت ئارىسىدىكى مۇساپىنى ھېرىپ قالماي بېسىپ بولالايدىغان دەرىجىدە ئورۇنلاشتۇردۇق، بىز ئۇلارغا: ئۇ يۇرتلاردا كېچە - كۈندۈزدىن خالىغان ۋاقتىڭلاردا دۈشمەندىن، ئاچلىقتىن ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن خاتىرجەم سەپەر قىلىڭلار، دېدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 34

فَقَالُواْ رَبَّنَا بَٰعِدۡ بَيۡنَ أَسۡفَارِنَا وَظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَحَادِيثَ وَمَزَّقۡنَٰهُمۡ كُلَّ مُمَزَّقٍۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّكُلِّ صَبَّارٖ شَكُورٖ

ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە مۇساپىلەرنى يېقىنلاشتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئاشۇ كەنتلەرنى يوق قىلىۋېتىش ئارقىلىق سەپەرلىرىمىزنىڭ مۇساپىسىنى ئۇزۇن قىلغىنكى، بىز سەپەرنىڭ مۇشەققىتىنى تېتايلى، ئۇلاغلىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ نامايان بولسۇن، دېيىشتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى كۆزگە ئىلماي، شۈكۈر قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئارىسىدىكى كەمبەغەللەرگە ھەسەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى كېيىنكىلەر ئارىسىدا سۆز - چۆچەك قىلدۇق، ئۇلارنى ئۆزئارا تېپىشالمايدىغان دەرىجىدە يۇرت - يۇرتلارغا چېچىۋەتتۇق. شەكسىزكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىشلاردا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا چىداملىق، گۇناھلاردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان، خاپىلىقلارغا سەۋر قىلالايدىغان، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىدىغان ھەر قانداق كىشىگە ئىبرەت بار. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 34

وَلَقَدۡ صَدَّقَ عَلَيۡهِمۡ إِبۡلِيسُ ظَنَّهُۥ فَٱتَّبَعُوهُ إِلَّا فَرِيقٗا مِّنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

ئىبلىس ئۇلارنى ئازدۇرۇپ، ھەقىقەتتىن يىراقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت داۋاسىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى. ئىنسانلار كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇنلۇقتا ئۇنىڭغا ئەگەشتى. لېكىن بىر تۈركۈم مۇئمىنلەر ئىبلىسقا ئەگەشمەسلىك بىلەن ئۇنىڭ ئۈمىدىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 34

وَمَا كَانَ لَهُۥ عَلَيۡهِم مِّن سُلۡطَٰنٍ إِلَّا لِنَعۡلَمَ مَن يُؤۡمِنُ بِٱلۡأٓخِرَةِ مِمَّنۡ هُوَ مِنۡهَا فِي شَكّٖۗ وَرَبُّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٍ حَفِيظٞ

ئىبلىسنىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان كۈچى يوق ئىدى. ئۇ پەقەت ئۇلارغا (ئازغۇنلۇقنى) پەردازلاپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئازدۇرالايتتى. لېكىن بىز ئاخىرەتكە ۋە ئۇ جايدىكى مۇكاپاتلارغا ئىشىنىدىغانلارنى شەك قىلىدىغانلاردىن ئايرىش ئۈچۈن ئىبلىسنىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلدۇق. ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى كۆزەتكۈچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 34

قُلِ ٱدۡعُواْ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَمۡلِكُونَ مِثۡقَالَ ذَرَّةٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا لَهُمۡ فِيهِمَا مِن شِرۡكٖ وَمَا لَهُۥ مِنۡهُم مِّن ظَهِيرٖ

ئى پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھلىرىمىز دەۋالغان مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئۇلار سىلەرگە بىرەر پايدا كەلتۈرۈپ ياكى سىلەردىن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىپ باقسۇن. ئۇلار ئاسمانلاردىمۇ، زېمىندىمۇ زەررىچىلىك نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدا ئاللاھقا شېرىكچىلىكى يوق، ئاللاھقا ياردەملىشىدىغان ياردەمچىسىمۇ يوق. چۈنكى ئاللاھ شېرىكلەردىن ۋە ياردەمچىلەردىن بىھاجەتتۇر. info
التفاسير:
Inyungu dukura muri ayat kuri Uru rupapuro:
• الشكر يحفظ النعم، والجحود يسبب سلبها.
شۈكرى نېئمەتلەرنى قوغدايدۇ، تۇزكورلۇق ئۇنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. info

• الأمن من أعظم النعم التي يمتنّ الله بها على العباد.
خاتىرجەملىك ئاللاھ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېئمەتلەردىن بىرىدۇر. info

• الإيمان الصحيح يعصم من اتباع إغواء الشيطان بإذن الله.
ساغلام ئىمان ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. info

• ظهور إبطال أسباب الشرك ومداخله كالزعم بأن للأصنام مُلْكًا أو مشاركة لله، أو إعانة أو شفاعة عند الله.
بۇتلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بار ياكى ئاللاھنىڭ شېرىكى بار، ياكى بۇتلار ياردەم بېرەلەيدۇ ياكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت قىلالايدۇ، دېگەن بىلجىرلاشلارغا ئوخشاش شېرىكنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى بولىدىغانلىقىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى نامايان قىلىش بۇ ئايەتلەر ئىپادىلىگەن مەنىلەردىندۇر. info