Übersetzung der Bedeutungen von dem heiligen Quran - Die uigurische Übersetzung von Al-Mukhtasar - Eine Kurzfassung der Bedeutungen des edlen Qurans

Nummer der Seite:close

external-link copy
249 : 2

فَلَمَّا فَصَلَ طَالُوتُ بِٱلۡجُنُودِ قَالَ إِنَّ ٱللَّهَ مُبۡتَلِيكُم بِنَهَرٖ فَمَن شَرِبَ مِنۡهُ فَلَيۡسَ مِنِّي وَمَن لَّمۡ يَطۡعَمۡهُ فَإِنَّهُۥ مِنِّيٓ إِلَّا مَنِ ٱغۡتَرَفَ غُرۡفَةَۢ بِيَدِهِۦۚ فَشَرِبُواْ مِنۡهُ إِلَّا قَلِيلٗا مِّنۡهُمۡۚ فَلَمَّا جَاوَزَهُۥ هُوَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ قَالُواْ لَا طَاقَةَ لَنَا ٱلۡيَوۡمَ بِجَالُوتَ وَجُنُودِهِۦۚ قَالَ ٱلَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَٰقُواْ ٱللَّهِ كَم مِّن فِئَةٖ قَلِيلَةٍ غَلَبَتۡ فِئَةٗ كَثِيرَةَۢ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ

تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن شەھەردىن ئايرىلغان چاغدا ئەسكەرلىرىگە: ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، ئۇرۇشتا ماڭا ھەمراھمۇ بولمىسۇن. كىمكى دەريا سۈيىدىن تېتىمايدىكەن ئۇ ماڭا تەۋەدۇر، ماڭا ئۇرۇشتا ھەمراھ بولسۇن. ئۇنىڭدىن مەجبۇر بولۇپ قېلىپ، بىر ئوچۇم ئىچكەن كىشى بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ، دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن بولسىمۇ سەۋر قىلغان ئازغىنە كىشىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا ئۇلارنىڭ بىر قىسمى: بۈگۈن بىزنىڭ جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ، دېدى. شۇ چاغدا قىيامەت كۈنى ئاللاھقا مۇلاقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەر: ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە ياردىمى بىلەن ئاز مۆئمىن جامائە كۆپ كاپىر جامائەدىن غەلبە قىلىدۇ، دېدى. غەلبە ساننىڭ كۆپلىكى بىلەن ئەمەس ئىشەنچ بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىدىن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە بولۇپ، ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
250 : 2

وَلَمَّا بَرَزُواْ لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِۦ قَالُواْ رَبَّنَآ أَفۡرِغۡ عَلَيۡنَا صَبۡرٗا وَثَبِّتۡ أَقۡدَامَنَا وَٱنصُرۡنَا عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ

ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا ئاللاھقا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىمىز! قەلبىمىزنى چىدامچانلىق بىلەن تولدۇرغىن، دۈشمىنىمىزنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ قاچماسلىقىمىز ئۈچۈن قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى كۈچ-قۇۋۋىتىڭ بىلەن بىزگە ياردەم بەرگىن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
251 : 2

فَهَزَمُوهُم بِإِذۡنِ ٱللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُۥدُ جَالُوتَ وَءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ ٱلۡمُلۡكَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَعَلَّمَهُۥ مِمَّا يَشَآءُۗ وَلَوۡلَا دَفۡعُ ٱللَّهِ ٱلنَّاسَ بَعۡضَهُم بِبَعۡضٖ لَّفَسَدَتِ ٱلۡأَرۡضُ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ ذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ

مۆئمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد ئۇلارنىڭ قوماندانى جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى بەردى. ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ئۆزى ئىرادە قىلغان ھەر تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۈگەتتى ۋە ئۇنىڭدا جەملىدى. كىشىلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىيە قىلىپ تۇرۇش ئاللاھنىڭ قانۇنيىتى بولمىسا ئىدى، يەر يۈزىنى بۇزغۇنچىلار ئىگەللەش ئارقىلىق، يەر يۈزى خاراپلىققا يۈزلىنەتتى. لېكىن ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
252 : 2

تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱللَّهِ نَتۡلُوهَا عَلَيۡكَ بِٱلۡحَقِّۚ وَإِنَّكَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

ئى پەيغەمبەر! بۇ خەۋەرلىرىدە راستچىللىقنى، ئەھكاملىرىدا ئادالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىدۇركى، ئۇنى بىز ساڭا ئوقۇپ بىرىمىز. سەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىدۇرسەن. info
التفاسير:
Die Nutzen der Versen in dieser Seite:
• من حكمة القائد أن يُعرِّض جيشه لأنواع الاختبارات التي يتميز بها جنوده ويعرف الثابت من غيره.
قومانداننىڭ ئەسكەرلىرى ئارىسىدىن جەڭدە مۇستەھكەم تۇرىدىغان بىلەن تۇرمايدىغانلارنى ئايرىيدىغان ھەرخىل سىناقلارنى ئېلىپ بېرىشى بولسا، قومانداننىڭ دانالىقىدۇر. info

• العبرة في النصر ليست بمجرد كثرة العدد والعدة فقط، وإنما معونة الله وتوفيقه أعظم الأسباب للنصر والظَّفَر.
غەلبە ساننىڭ كۆپلىكى ۋە تەييارلىق بىلەنلا بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە تەۋپىقى، زەپەر ۋە نۇسرەت قازىنىشتىكى ئەڭ بۈيۈك سەۋەبلەردىندۇر. info

• لا يثبت عند الفتن والشدائد إلا من عَمَرَ اليقينُ بالله قلوبَهم، فمثل أولئك يصبرون عند كل محنة، ويثبتون عند كل بلاء.
پىتنە ۋە قىيىنچىلىق يۈز بەرگەن چاغدا پەقەت قەلبلىرىدە ئاللاھقا بولغان ئىشەنچ ئورۇن ئالغان كىشىلەرلا مۇستەھكەم تۇرالايدۇ. ئۇلار ھەر قانداق سىناققا بەرداشلىق بېرىدۇ. ھەر قانداق مۇسىبەت يۈز بەرگەندە مۇستەھكەم تۇرىدۇ. info

• الضراعة إلى الله تعالى بقلب صادق متعلق به من أعظم أسباب إجابة الدعاء، ولا سيما في مواطن القتال.
ئاللاھقا باغلانغان راستچىل قەلب بىلەن ئاللاھقا يالۋۇرۇش، بولۇپمۇ جىھاد مەيدانلىرىدا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىدىكى ئەڭ بۈيۈك سەۋەبلەردىن بىرىدۇر. info

• من سُنَّة الله تعالى وحكمته أن يدفع شر بعض الخلق وفسادهم في الأرض ببعضهم.
يەر يۈزىدە كىشىلەرنىڭ يامانلىق ۋە بۇزۇقچىلىقىنى بەزى كىشىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق توسۇش ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ھېكمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. info