Übersetzung der Bedeutungen von dem heiligen Quran - Die uigurische Übersetzung von Al-Mukhtasar - Eine Kurzfassung der Bedeutungen des edlen Qurans

Nummer der Seite:close

external-link copy
177 : 2

۞ لَّيۡسَ ٱلۡبِرَّ أَن تُوَلُّواْ وُجُوهَكُمۡ قِبَلَ ٱلۡمَشۡرِقِ وَٱلۡمَغۡرِبِ وَلَٰكِنَّ ٱلۡبِرَّ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلۡكِتَٰبِ وَٱلنَّبِيِّـۧنَ وَءَاتَى ٱلۡمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ ذَوِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِ وَٱلسَّآئِلِينَ وَفِي ٱلرِّقَابِ وَأَقَامَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَى ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلۡمُوفُونَ بِعَهۡدِهِمۡ إِذَا عَٰهَدُواْۖ وَٱلصَّٰبِرِينَ فِي ٱلۡبَأۡسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ وَحِينَ ٱلۡبَأۡسِۗ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ صَدَقُواْۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُتَّقُونَ

كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا رازىلىققا ئېرىشىدىغان ياخشىلىققا ياتمايدۇ بەلكى بارلىق ياخشىلىق ئاللاھنى بىر دەپ بىلگەن، قىيامەت كۈنىگە، بارلىق پەرىشتىلەرگە، نازىل قىلىنغان بارلىق كىتابلارغا، بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن، پۇل-مېلىنى ئۆزى ياخشى كۆرسىمۇ خىش-ئەقرىبالىرىغا، بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن يېتىملەرگە، ھاجەتمەنلەرگە، سەپەر سەۋەبلىك ۋەتىنى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا، كىشىلەردىن سورىغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغان يوقسۇللارغا چىقىم قىلغان، مېلىنى قۇل ياكى ئەسىرلەرنى قۇللۇقتىن ئازات قىلىشقا خەجلىگەن، نامازنى ئاللاھ بۇيرۇغان بويىچە تۇلۇق ئادا قىلغان، پەرز زاكاتنى ئادا قىلغان، ئەھدە قىلسا ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان، يوقسۇللۇق، قىيىنچىلىق ۋە كېسەلگە سەۋر قىلغان، جەڭ مەيدانىدىكى مۇشەققەتتىن قاچمىغان قاتارلىق كىشىلەر، ئاللاھ بۇيرۇغان ئەمەللەرنى ئورۇندىغان، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن يانغان، ئىماندا راستچىل تەقۋادار كىشىلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
178 : 2

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡقِصَاصُ فِي ٱلۡقَتۡلَىۖ ٱلۡحُرُّ بِٱلۡحُرِّ وَٱلۡعَبۡدُ بِٱلۡعَبۡدِ وَٱلۡأُنثَىٰ بِٱلۡأُنثَىٰۚ فَمَنۡ عُفِيَ لَهُۥ مِنۡ أَخِيهِ شَيۡءٞ فَٱتِّبَاعُۢ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَأَدَآءٌ إِلَيۡهِ بِإِحۡسَٰنٖۗ ذَٰلِكَ تَخۡفِيفٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَرَحۡمَةٞۗ فَمَنِ ٱعۡتَدَىٰ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَلَهُۥ عَذَابٌ أَلِيمٞ

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن كىشىلەر! باشقىلارنى قەستەن ۋە دۈشمەنلىك بىلەن ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالاش سىلەرگە پەرز قىلىندى. ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ. قاتىلنى ئۆلتۈرۈلگۈچى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ياكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ كەچۈرۈۋەتسە، كەچۈرۈۋەتكەن كىشى ئەزىيەت بەرمەستىن چىرايلىقچە قاتىلدىن دىيەتنى تەلەپ قىلىشى لازىم. قاتىلمۇ دىيەتنى سوزىۋەتمەستىن، كىچىكتۈرۈۋەتمەستىن چىرايلىقچە ئادا قىلىشى لازىم. (قاتىلنى) كەچۈرۈۋېتىپ دىيەت ئېلىش رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بېرىلگەن يېنىكلىتىشتۇر ۋە بۇ ئۈممەتكە رەھمەتتۇر. كىمكى قاتىلنى كەچۈرۈپ دىيەت ئېلىپ بولغاندىن كىيىن قاتىلغا ھۇجۇم قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
179 : 2

وَلَكُمۡ فِي ٱلۡقِصَاصِ حَيَوٰةٞ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ

ئاللاھ يولغا قويغان قىساستا قانلىرىڭلارنى ساقلاش، ئۆز-ئارا دۈشمەنلىكنى يوقىتىش ئارقىلىق سىلەرگە ھاياتلىق بار. ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنۇش، بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورققان ئەقىل ئىگىلىرى بۇنى ھېس قىلالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
180 : 2

كُتِبَ عَلَيۡكُمۡ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ ٱلۡمَوۡتُ إِن تَرَكَ خَيۡرًا ٱلۡوَصِيَّةُ لِلۡوَٰلِدَيۡنِ وَٱلۡأَقۡرَبِينَ بِٱلۡمَعۡرُوفِۖ حَقًّا عَلَى ٱلۡمُتَّقِينَ

ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال قالدۇرسا، شەرىئەت بەلگىلىگىنى بويىچە پۈتۈن مالنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن ئاتا-ئانىسىغا، خىش-ئەقرىبالىرىغا، ۋەسىيەت قىلىشى پەرز قىلىندى. بۇ ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلارغا تەكىتلەنگەن ھەقىقەتتۇر. بۇ مىراس ئايەتلىرى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ تائالا مىراس ئايەتلىرىنى نازىل قىلغاندىن كېيىن مېيىتتىن مىراس ئالىدىغان كىشىنى ۋە ئالىدىغان مىقدارنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى. info
التفاسير:

external-link copy
181 : 2

فَمَنۢ بَدَّلَهُۥ بَعۡدَ مَا سَمِعَهُۥ فَإِنَّمَآ إِثۡمُهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ يُبَدِّلُونَهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ

كىم ۋەسىيەتنى كەم-زىيادە قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتسە ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەققىنى چەكلىسە، ئۇنى ئۆزگەرتكەنلىكنىڭ گۇناھى ۋەسىيەت قىلغۇچىغا ئەمەس ئۆزگەرتكۈچىگە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچ بىر شەيئى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن ساقلىنىپ قالمايدۇ. info
التفاسير:
Die Nutzen der Versen in dieser Seite:
• البِرُّ الذي يحبه الله يكون بتحقيق الإيمان والعمل الصالح، وأما التمسك بالمظاهر فقط فلا يكفي عنده تعالى.
ئاللاھ سۆيۈدىغان ياخشىلىق، ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بولىدۇ. پەقەت تاشقى كۆرىنىشىگىلا ئەھمىيەت بېرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۇپايە قىلمايدۇ. info

• من أعظم ما يحفظ الأنفس، ويمنع من التعدي والظلم؛ تطبيق مبدأ القصاص الذي شرعه الله في النفس وما دونها.
ئاللاھ يولغا قويغان قىساس پرىنسىپىنى تەتبىقلاش بولسا، جاننى قوغدايدىغان، زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. info

• عِظَمُ شأن الوصية، ولا سيما لمن كان عنده شيء يُوصي به، وإثمُ من غيَّر في وصية الميت وبدَّل ما فيها.
ۋەسىيەت قىلغۇدەك بىر نەرسىسى بار كىشى ئۈچۈن ۋەسىيەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، مېيىتنىڭ ۋەسىيىتىنى ئۆزگەرتكەن، ۋەسىيەتنىڭ مەزمۇنىنى ئالماشتۇرغان كىشىنىڭ گۇناھى توغرىسىدا. info