Übersetzung der Bedeutungen von dem heiligen Quran - Die uigurische Übersetzung von Al-Mukhtasar - Eine Kurzfassung der Bedeutungen des edlen Qurans

Nummer der Seite:close

external-link copy
135 : 2

وَقَالُواْ كُونُواْ هُودًا أَوۡ نَصَٰرَىٰ تَهۡتَدُواْۗ قُلۡ بَلۡ مِلَّةَ إِبۡرَٰهِـۧمَ حَنِيفٗاۖ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ

يەھۇدىيلار مۇشۇ ئۈممەتكە: يەھۇدىي بولساڭلار توغرا يولدا بولىسىلەر دېدى، ناسارالار: ناسارا بولساڭلار توغرا يولدا بولىسىلەر دېدى، ئى پەيغەمبەر! سەن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: بىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولغان ئىسلام دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى، دېگىن info
التفاسير:

external-link copy
136 : 2

قُولُوٓاْ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡنَا وَمَآ أُنزِلَ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطِ وَمَآ أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَآ أُوتِيَ ٱلنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمۡ لَا نُفَرِّقُ بَيۡنَ أَحَدٖ مِّنۡهُمۡ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ

ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان مۇشۇ باتىل دەۋا ساھىبلىرىغا ئېيتىڭلاركى: بىز ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن تەۋراتقا، ئىساغا بېرىلگەن ئىنجىلگە ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز، بەلكى ھەممىسىگە ئىشىنىمىز، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز info
التفاسير:

external-link copy
137 : 2

فَإِنۡ ءَامَنُواْ بِمِثۡلِ مَآ ءَامَنتُم بِهِۦ فَقَدِ ٱهۡتَدَواْۖ وَّإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّمَا هُمۡ فِي شِقَاقٖۖ فَسَيَكۡفِيكَهُمُ ٱللَّهُۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ

ئەگەر يەھۇدىي-ناسارالار ۋە ئۇلاردىن باشقا كاپىرلار سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ رازى بولىدىغان توغرا يول تاپقان بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئىماندىن يۈز ئۆرىسە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى ئىنكار قىلسا، سەن بىلەن دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتتە بولىدۇ، بۇنىڭغا قايغۇرما، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەن ئۈچۈن ئاللاھ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ، سېنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن توسىدۇ، ئۇلارغا قارشى ساڭا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، نىيەت-مەقسىتى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر info
التفاسير:

external-link copy
138 : 2

صِبۡغَةَ ٱللَّهِ وَمَنۡ أَحۡسَنُ مِنَ ٱللَّهِ صِبۡغَةٗۖ وَنَحۡنُ لَهُۥ عَٰبِدُونَ

ئاللاھ سىلەرنى ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن توغرا دەپ تاللىغان دىندا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدىنمۇ ياخشى دىن بارمۇ؟ ئۇ مەنپەئەتنى جەلىپ قىلغۇچى ۋە بۇزۇقچىلىقنى چەكلىگۈچى ساغلام تەبىئەتكە مۇۋاپىقتۇر، ئۇلارغا: بىز يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايمىز دەڭلار info
التفاسير:

external-link copy
139 : 2

قُلۡ أَتُحَآجُّونَنَا فِي ٱللَّهِ وَهُوَ رَبُّنَا وَرَبُّكُمۡ وَلَنَآ أَعۡمَٰلُنَا وَلَكُمۡ أَعۡمَٰلُكُمۡ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُخۡلِصُونَ

ئى پەيغەمبەر! سەن: ئەھلى كىتابلارغا: سىلەر بىز بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟، چۈنكى سىلەرنىڭ دىنىڭلار ۋە كىتابىڭلارنىڭ ئىلگىرى نازىل بولغانلىقىنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئۇ ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ پەرۋەردىگارى، سىلەرگىلا خاس ئەمەس، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەر ئۇنىڭدىن سورالمايسىلەر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئۇنىڭدىن سورالمايمىز، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بويىچە جازالىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ. بىز تائەت-ئىبادەتتە ئاللاھقا سادىقمىز، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز info
التفاسير:

external-link copy
140 : 2

أَمۡ تَقُولُونَ إِنَّ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطَ كَانُواْ هُودًا أَوۡ نَصَٰرَىٰۗ قُلۡ ءَأَنتُمۡ أَعۡلَمُ أَمِ ٱللَّهُۗ وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن كَتَمَ شَهَٰدَةً عِندَهُۥ مِنَ ٱللَّهِۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ

ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر: ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا مىللىتى ئىدى دەمسىلەر؟. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ ئېيتقىنكى، ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟، ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىبراھىمنىڭ مىللىتىدە دەپ قارىسا ھەقىقەتەن يالغانچىدۇر، چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى ۋە ۋاپات بولىشى تەۋرات ۋە ئىنجىل نازىل بولۇشتىن بۇرۇن بولغان، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا يالغان سۆزلىگەنلىكى بىلىنىدۇ، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەتنى يوشۇردى، ئەھلى كىتابقا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ قولىدا ئاللاھ تەرەپتىن بىكىتىلگەن گۇۋاھلىقنى يوشۇرغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بولامدۇ؟، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەس، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنى جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
141 : 2

تِلۡكَ أُمَّةٞ قَدۡ خَلَتۡۖ لَهَا مَا كَسَبَتۡ وَلَكُم مَّا كَسَبۡتُمۡۖ وَلَا تُسۡـَٔلُونَ عَمَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

ئۇلار سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئىبارەت ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن سىلەر جاۋابكار ئەمەس، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىنمۇ ئۇلار جاۋابكار ئەمەس، بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن جازالانمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئەمىلىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، بەلكى ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازالىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ. info
التفاسير:
Die Nutzen der Versen in dieser Seite:
• أن دعوى أهل الكتاب أنهم على الحق لا تنفعهم وهم يكفرون بما أنزل الله على نبيه محمد صلى الله عليه وسلم.
ئەھلى كىتابلارنىڭ بىز ھەقنىڭ ئۈستىدە دېگەن قۇرۇق داۋاسىنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ھەقىقەتكە ئىنكار قىلدى. info

• سُمِّي الدين صبغة لظهور أعماله وسَمْته على المسلم كما يظهر أثر الصبغ في الثوب.
ئىسلام دىنىنىڭ بوياق دەپ ئاتىلىشى ئۇنىڭ ئەمەللىرى ۋە ئالامەتلىرىنىڭ خۇددى كىيىمدە بوياقنىڭ تەسىرى ئاشكارا بولغاندەك مۇسۇلماندا ئاشكارا بولغانلىقىدىندۇر info

• أن الله تعالى قد رَكَزَ في فطرةِ خلقه جميعًا الإقرارَ بربوبيته وألوهيته، وإنما يضلهم عنها الشيطان وأعوانه.
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بارلىق ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىنى رۇبۇبىيەت ۋە ئۇلۇھىيەتنى ئىقرار قىلىدىغان قىلىپ ياراتتى، ئەمما شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇلارنى ساغلام ئەقىدىدىن ئازدۇرىدۇ. info