Bản dịch ý nghĩa nội dung Qur'an - 维吾尔语翻译 - 穆罕默德·撒里哈

Số trang:close

external-link copy
84 : 3

قُلۡ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا وَمَآ أُنزِلَ عَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطِ وَمَآ أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَٱلنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمۡ لَا نُفَرِّقُ بَيۡنَ أَحَدٖ مِّنۡهُمۡ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەنگە (يەنى تەۋراتقا)،ئىيساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز»[84]. info
التفاسير:

external-link copy
85 : 3

وَمَن يَبۡتَغِ غَيۡرَ ٱلۡإِسۡلَٰمِ دِينٗا فَلَن يُقۡبَلَ مِنۡهُ وَهُوَ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ

كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر[85]. info
التفاسير:

external-link copy
86 : 3

كَيۡفَ يَهۡدِي ٱللَّهُ قَوۡمٗا كَفَرُواْ بَعۡدَ إِيمَٰنِهِمۡ وَشَهِدُوٓاْ أَنَّ ٱلرَّسُولَ حَقّٞ وَجَآءَهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ

ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[86]. info
التفاسير:

external-link copy
87 : 3

أُوْلَٰٓئِكَ جَزَآؤُهُمۡ أَنَّ عَلَيۡهِمۡ لَعۡنَةَ ٱللَّهِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلنَّاسِ أَجۡمَعِينَ

ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر[87]. info
التفاسير:

external-link copy
88 : 3

خَٰلِدِينَ فِيهَا لَا يُخَفَّفُ عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابُ وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ

ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ[88]. info
التفاسير:

external-link copy
89 : 3

إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُواْ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ وَأَصۡلَحُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ

پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە (بۇزۇق ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر[89]. info
التفاسير:

external-link copy
90 : 3

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بَعۡدَ إِيمَٰنِهِمۡ ثُمَّ ٱزۡدَادُواْ كُفۡرٗا لَّن تُقۡبَلَ تَوۡبَتُهُمۡ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلضَّآلُّونَ

شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر[90]. info
التفاسير:

external-link copy
91 : 3

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَمَاتُواْ وَهُمۡ كُفَّارٞ فَلَن يُقۡبَلَ مِنۡ أَحَدِهِم مِّلۡءُ ٱلۡأَرۡضِ ذَهَبٗا وَلَوِ ٱفۡتَدَىٰ بِهِۦٓۗ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ وَمَا لَهُم مِّن نَّٰصِرِينَ

شۈبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ كۇفرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزىگە بىر كېلىدىغان ئالتۇن فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ[91]. info
التفاسير: