Bản dịch ý nghĩa nội dung Qur'an - 简易古兰经经注维吾尔语版

Số trang:close

external-link copy
11 : 87

وَيَتَجَنَّبُهَا ٱلۡأَشۡقَى

كاپىر ۋەز - نەسىھەتتىن يىراق تۇرىدۇ ۋە قاچىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاخىرەتتە دوزاخقا كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ بەدبەخت ئىنساندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 87

ٱلَّذِي يَصۡلَى ٱلنَّارَ ٱلۡكُبۡرَىٰ

ئاخىرەتتە ئۇلۇغ ئوتقا كىرىدىغان كىشى ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ ۋە مەڭگۈ ئازابىنى چېكىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 87

ثُمَّ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحۡيَىٰ

ئاندىن ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈپ بىراقلا ئازابتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ يا تۈزۈكرەك ياشىيالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 87

قَدۡ أَفۡلَحَ مَن تَزَكَّىٰ

شېرىكتىن ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن پاكلانغان ئادەم كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 87

وَذَكَرَ ٱسۡمَ رَبِّهِۦ فَصَلَّىٰ

ئۇ پەرۋەردىگارى يولغا قويغان شەكىلدە ئۇنى زىكىر قىلاتتى ھەمدە نامازنى تەلەپكە لايىق رەۋىشتە ئادا قىلاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 87

بَلۡ تُؤۡثِرُونَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا

بەلكى سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئالدىغا قويىسىلەر، ئۇنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىسىلەر، ھالبۇكى ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرقلەر بار. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 87

وَٱلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰٓ

ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ھەمدە ئۇنىڭدىكى مال - ماتا ۋە نازۇ-نېئمەتلەردىن كۆپ ياخشى ھەم ئارتۇقتۇر. چۈنكى ئاخىرەتتە قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەر بار. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 87

إِنَّ هَٰذَا لَفِي ٱلصُّحُفِ ٱلۡأُولَىٰ

شەكسىزكى بىز سىلەرگە سۆزلەپ بەرگەن بۇ ئىشلار ۋە خەۋەرلەر قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان سەھىپىلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 87

صُحُفِ إِبۡرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ

ئۇ بولسا ئىبراھىم ۋە مۇساغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەردۇر. info
التفاسير:
Trong những bài học trích được của các câu Kinh trên trang này:
• أهمية تطهير النفس من الخبائث الظاهرة والباطنة.
كۆڭۈلنى سىرتقى ۋە ئىچكى نىجاسەتلەردىن پاكلاش ئىنتايىن مۇھىم. info

• الاستدلال بالمخلوقات على وجود الخالق وعظمته.
ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كاتتىلىقىغا مەخلۇقاتلار دەلىل قىلىنىدۇ. info

• مهمة الداعية الدعوة، لا حمل الناس على الهداية؛ لأن الهداية بيد الله.
دەۋەتچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت دەۋەت قىلىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەتكە زورلاش مەجبۇرىيىتى يوق. چۈنكى ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. info