Bản dịch ý nghĩa nội dung Qur'an - 简易古兰经经注维吾尔语版

Số trang:close

external-link copy
91 : 6

وَمَا قَدَرُواْ ٱللَّهَ حَقَّ قَدۡرِهِۦٓ إِذۡ قَالُواْ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَىٰ بَشَرٖ مِّن شَيۡءٖۗ قُلۡ مَنۡ أَنزَلَ ٱلۡكِتَٰبَ ٱلَّذِي جَآءَ بِهِۦ مُوسَىٰ نُورٗا وَهُدٗى لِّلنَّاسِۖ تَجۡعَلُونَهُۥ قَرَاطِيسَ تُبۡدُونَهَا وَتُخۡفُونَ كَثِيرٗاۖ وَعُلِّمۡتُم مَّا لَمۡ تَعۡلَمُوٓاْ أَنتُمۡ وَلَآ ءَابَآؤُكُمۡۖ قُلِ ٱللَّهُۖ ثُمَّ ذَرۡهُمۡ فِي خَوۡضِهِمۡ يَلۡعَبُونَ

مۇشرىكلار ئاللاھ تائالانى ئۆز لايىقىدا ئۇلۇغلىمىدى. ئۇلار ئەينى چاغدا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھ تائالا ھېچكىمگە ھېچقانداق ۋەھىي نازىل قىلمىدى، دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مۇساغا تەۋراتنى نۇر ۋە ھىدايەت قىلىپ ھەمدە ئۇنىڭ قەۋمىنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى قىلىپ نازىل قىلغان كىم؟، يەھۇدىيلار تەۋراتنى دەپتەرلەرگە يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ماس كەلگەن قىسمىنى ئاشكارىلايدۇ، ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشاش ئۆز خاھىشىغا توغرا كەلمىگەن يەرلەرنى يوشۇرىدۇ. ئەي ئەرەبلەر! سىلەرگە قۇرئاندىن ئۆزۈڭلارمۇ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارمۇ بىلمىگەن نەرسىلەر بىلدۈرۈلدى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا: تەۋراتنى ئاللاھ نازىل قىلغان، دېگىن، ئاندىن ئۇلارنى تاكى ئۇلارغا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقى ۋە ئازغۇنلۇقىغا قويۇۋەتكىن. info
التفاسير:

external-link copy
92 : 6

وَهَٰذَا كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ مُبَارَكٞ مُّصَدِّقُ ٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَلِتُنذِرَ أُمَّ ٱلۡقُرَىٰ وَمَنۡ حَوۡلَهَاۚ وَٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۖ وَهُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ يُحَافِظُونَ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر. بۇ شۇنداق مۇبارەك بىر كىتابتۇركى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر. (بۇ كىتابنىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشى) ئۇنىڭ بىلەن مەككىلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا زېمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ توغرا يولنى تېپىۋېلىشىنى مەقسەت قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلار مۇشۇ قۇرئانغىمۇ ئىشىنىدۇ، قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىدۇ، نامازلىرىنى شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ۋاقىتتا تەئدىل-ئەركانلىرى، پەرزلىرى ۋە مۇستەھەبلىرىگە قەدەر تولۇق ئادا قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
93 : 6

وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ قَالَ أُوحِيَ إِلَيَّ وَلَمۡ يُوحَ إِلَيۡهِ شَيۡءٞ وَمَن قَالَ سَأُنزِلُ مِثۡلَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُۗ وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلظَّٰلِمُونَ فِي غَمَرَٰتِ ٱلۡمَوۡتِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ بَاسِطُوٓاْ أَيۡدِيهِمۡ أَخۡرِجُوٓاْ أَنفُسَكُمُۖ ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَوۡنَ عَذَابَ ٱلۡهُونِ بِمَا كُنتُمۡ تَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ غَيۡرَ ٱلۡحَقِّ وَكُنتُمۡ عَنۡ ءَايَٰتِهِۦ تَسۡتَكۡبِرُونَ

ئاللاھ تائالا ھېچكىمگە ھېچنەرسە نازىل قىلغىنى يوق، دەپ ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان ياكى ئاللاھ ئۆزىگە ھېچنەرسە ۋەھىي قىلمىغان تۇرۇقلۇق، يالغاندىن: ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلدى، دېگەن ۋە ياكى: مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغانغا ئوخشاش كىتاب نازىل قىلالايمەن، دېگەن كىشىدىنمۇ زالىمراق بىرى بارمۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر مۇشۇ زالىملارنىڭ ئۆلۈم سەكراتىغا چۈشكەن ھالىتىنى كۆرسەڭ، پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئازابلاش ۋە ئۇرۇش ئۈچۈن قوللىرىنى سوزۇپ، ئۇلارغا كايىغان رەۋىشتە: جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار، ئەمدى بىز ئۇنى تاپشۇرۇۋالىمىز، سىلەر پەيغەمبەرلىك، ۋەھىي ۋە ئاللاھ نازىل قىلغاننىڭ ئوخشىشىنى نازىل قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلىقىڭلار ھەمدە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتقانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن بۈگۈن شۇنداق بىر ئازابقا دۇچار بولىسىلەركى، ئۇ ئازاب سىلەرنى خارۇزار قىلىدۇ، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! سەن مۇشۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋالنى كۆرگەن بولاتتىڭ. info
التفاسير:

external-link copy
94 : 6

وَلَقَدۡ جِئۡتُمُونَا فُرَٰدَىٰ كَمَا خَلَقۡنَٰكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَتَرَكۡتُم مَّا خَوَّلۡنَٰكُمۡ وَرَآءَ ظُهُورِكُمۡۖ وَمَا نَرَىٰ مَعَكُمۡ شُفَعَآءَكُمُ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُمۡ أَنَّهُمۡ فِيكُمۡ شُرَكَٰٓؤُاْۚ لَقَد تَّقَطَّعَ بَيۡنَكُمۡ وَضَلَّ عَنكُم مَّا كُنتُمۡ تَزۡعُمُونَ

قىيامەت كۈنى ئۇلارغا دېيىلىدۇكى: بۈگۈن سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا نە مال-مۈلكۈڭلار، نە ھوقۇقۇڭلار يوق، ھېچكىمسىز تەنھا ھالەتتە، بىز بەرگەن مال-دۇنيالارنى بىراقلا تاشلىۋېتىپ كەلدىڭلار. بىز سىلەرنى دەسلەپتىمۇ مانا مۇشۇنداق يالاڭئاياق، يالىڭاچ، خەتنىمۇ قىلىنمىغان ھالەتتە ياراتقان ئىدۇق. بۈگۈن يېنىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا شاپائەتچى قىلىۋالغان، قۇلچىلىققا لايىقلىقتا ئاللاھقا ئورتاقلىقىنى دەۋا قىلغان ئىلاھلىرىڭلارنى كۆرمەيمىزغۇ!؟ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ئاللىقاچان ئۈزۈلۈپ بولدى، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ شاپائەتچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھقا ئورتاقلىقى بارلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن ئىلاھلىرىڭلارمۇ يېنىڭلاردىن كەتتى. info
التفاسير:
Trong những bài học trích được của các câu Kinh trên trang này:
• إنزال الكتب على الأنبياء هو سُنَّة الله في المرسلين، والنبي عليه الصلاة والسلام واحد منهم.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر پەيغەمبەرلەرگە كىتابلارنى نازىل قىلىش ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشتىكى قانۇنىيىتى ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ شۇلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• أعظم الناس كذبًا وفرية هو الذي يكذب على الله تعالى، فينسب أو ينفي ويثبت في حق الله تعالى أمرًا ليس عليه دليل صحيح.
كىشىلەرنىڭ ئەڭ يالغانچىسى ۋە ئەڭ بوھتانچىسى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىغان، ئاندىن ھېچبىر ساغلام دەلىل-پاكىت بولمىغان ئىشلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدىغان ياكى بار-يوق قىلىشقا ئورۇنىدىغان كىشىدۇر. info

• كل أحد يبعث يوم القيامة فردًا متجردًا عن المناصب والألقاب، فقيرًا، ويحاسب وحده.
قىيامەت كۈنى ھەركىم يالغۇز، ئەمەل-مەنسەپسىز ۋە نام-شۆھرەتسىز، ھېچنېمىسى يوق ھالەتتە تىرىلىپ قوپىدۇ ۋە يالغۇز ھېساب بېرىدۇ. info