Bản dịch ý nghĩa nội dung Qur'an - 简易古兰经经注维吾尔语版

Số trang:close

external-link copy
154 : 2

وَلَا تَقُولُواْ لِمَن يُقۡتَلُ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أَمۡوَٰتُۢۚ بَلۡ أَحۡيَآءٞ وَلَٰكِن لَّا تَشۡعُرُونَ

:ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر ھەققىدە ھەقىقەتەن ئۇلار باشقىلار ئۆلۈپ كەتكەندەك ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلۈكلەردۇر دېمەڭلار، بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا ھاياتتۇر، لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنى بىلمەيسىلەر، چۈنكى ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ۋەھيى ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدىغان ئالاھىدە بىر ھاياتلىقدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
155 : 2

وَلَنَبۡلُوَنَّكُم بِشَيۡءٖ مِّنَ ٱلۡخَوۡفِ وَٱلۡجُوعِ وَنَقۡصٖ مِّنَ ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَنفُسِ وَٱلثَّمَرَٰتِۗ وَبَشِّرِ ٱلصَّٰبِرِينَ

چوقۇم بىز سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن كېلىدىغان بىر ئاز قورقۇنچ، يېمەكلىكنىڭ ئازلىقى سەۋەبلىك ئاچلىق، مالغا ئېرىشىشنىڭ قىيىنلىقى ياكى ئۇچرىغان زىيان سەۋەبلىك مالنىڭ ئازلىقى، ئىنسانلارنى ھالاك قىلىدىغان ئاپەت ياكى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇش سەۋەبلىك جانغا يېتىدىغان بىر ئاز زىيان، زېمىندىن ئۈنۈپ چىققان مېۋىلەر ئۇچرىغان بىر ئاز زىياندىن ئىبارەت خىلمۇ-خىل مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايمىز. ئى پەيغەمبەر! شۇ مۇسىبەتلەرگە سەۋىر قىلغۇچىلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان بېشارەتلەرنى بەرگىن. info
التفاسير:

external-link copy
156 : 2

ٱلَّذِينَ إِذَآ أَصَٰبَتۡهُم مُّصِيبَةٞ قَالُوٓاْ إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّآ إِلَيۡهِ رَٰجِعُونَ

ئۇلارغا يۇقىرىدىكى مۇسىبەتلەردىن بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا رازىمەنلىك ۋە بويسۇنۇش ئىلكىدە: بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، ئاللاھ بىزنى خالىغانچە باشقۇرىدۇ، ھەقىقەتەن بىز قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز. ئاللاھ بىزنى ياراتتى، بىزگە خىلمۇ-خىل نېئمەتلەر بىلەن مەرھەمەت قىلدى. بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ ئاخىرى ۋە قايتىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
157 : 2

أُوْلَٰٓئِكَ عَلَيۡهِمۡ صَلَوَٰتٞ مِّن رَّبِّهِمۡ وَرَحۡمَةٞۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُهۡتَدُونَ

بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغانلارغا پەرىشتىلەر ئارىسىدا ئاللاھ تەرەپتىن مەدھىيلەش ۋە ئۇنىڭغا چۈشىدىغان رەھمەت بار. ئەنە شۇلار ھەقىقەت يولىغا ماڭغۇچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
158 : 2

۞ إِنَّ ٱلصَّفَا وَٱلۡمَرۡوَةَ مِن شَعَآئِرِ ٱللَّهِۖ فَمَنۡ حَجَّ ٱلۡبَيۡتَ أَوِ ٱعۡتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِ أَن يَطَّوَّفَ بِهِمَاۚ وَمَن تَطَوَّعَ خَيۡرٗا فَإِنَّ ٱللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ

مەككىگە يېقىن سافا ۋە مەرۋە نامى بىلەن تۇنۇلغان ئىككى تاغ شەرىئەتنىڭ ئۇچۇق-ئاشكارا ئالامەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بەيتۇللاھقا كەلگەن ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ يوق. بۇ يەردىكى گۇناھ يوق دېيىشتىكى مەقسەت: سەئيى قىلىشنى جاھىلىيەتنىڭ ئىشى دەپ قارىغاچقا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سەئيى قىلىشتىن سىقىلىپ قالغان كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىشتۇر. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا سەئيىنىڭ ھەج ئىبادىتىنىڭ قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. كىمكى ئىخلاس بىلەن نەپلە ئەمەللەرنى قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىدىن قۇبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىدۇ. ياخشىلىق قىلغان ۋە ساۋابقا ھەقلىق بولغان كىشىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
159 : 2

إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡتُمُونَ مَآ أَنزَلۡنَا مِنَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلۡهُدَىٰ مِنۢ بَعۡدِ مَا بَيَّنَّٰهُ لِلنَّاسِ فِي ٱلۡكِتَٰبِ أُوْلَٰٓئِكَ يَلۡعَنُهُمُ ٱللَّهُ وَيَلۡعَنُهُمُ ٱللَّٰعِنُونَ

يەھۇدى، ناسارالار ۋە باشقىلارنىڭ كىتابلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ۋە ئۇ ئىلىپ كەلگەن شەرىئەتنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپاتلارنى كىشىلەرگە ئاشكارىلىغىنىمىزدىن كىيىن، بۇنى يوشۇرغان كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ. پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىشى ئۈچۈن بەددۇئا قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
160 : 2

إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُواْ وَأَصۡلَحُواْ وَبَيَّنُواْ فَأُوْلَٰٓئِكَ أَتُوبُ عَلَيۡهِمۡ وَأَنَا ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ

پەقەت ئاشكارا مۆجىزىلەرنى يۇشۇرغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ ئاللاھ تەرەپكە قايتقان، ئاشكارا-يوشۇرۇن ئەمەللىرىنى ئىسلاھ قىلغان، يۇشۇرغان ھەقىقەت ۋە ھىدايەتنى بايان قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مېنىڭ تائىتىمگە قايتقانلاردۇر. ھالبۇكى مەن بەندىلەر ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى بەك قۇبۇل قىلغۇچىمەن ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇرمەن. info
التفاسير:

external-link copy
161 : 2

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَمَاتُواْ وَهُمۡ كُفَّارٌ أُوْلَٰٓئِكَ عَلَيۡهِمۡ لَعۡنَةُ ٱللَّهِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلنَّاسِ أَجۡمَعِينَ

شۈبھىسىزكى كاپىر بولۇپ كۇپرىدىن تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرگە، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن بىرگە لەنەت قىلىدۇ. ئۇلارغا پەرىشتىلەر ۋە بارلىق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم بولۇشىغا بەددۇئا قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
162 : 2

خَٰلِدِينَ فِيهَا لَا يُخَفَّفُ عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابُ وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ

ئۇلار بۇ لەنەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاپ بىر كۈنمۇ يەڭگىللىتىلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
163 : 2

وَإِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلرَّحۡمَٰنُ ٱلرَّحِيمُ

ئى كىشىلەر! سىلەرنىڭ ھەقىقى ئىلاھىڭلار بىردۇر. زاتى ۋە سۈپەتلىرىدە يەككە-يېگانىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئۇ ئۆز بەندىلىرىگە ناھايىتى مەرھەمەتلىك، كۆيۈمچان ۋە دائىمىي مېھرىباندۇر. بەندىلىرىگە چەكسىز نېئمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ. info
التفاسير:
Trong những bài học trích được của các câu Kinh trên trang này:
• الابتلاء سُنَّة الله تعالى في عباده، وقد وعد الصابرين على ذلك بأعظم الجزاء وأكرم المنازل.
سىناق ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىكى قانۇنىيىتىدۇر. ئاللاھ سىناققا سەۋر قىلغۇچىلارغا كاتتا مەرتىۋە ۋە مۇكاپاتلارنى ۋەدە قىلدى. info

• مشروعية السعي بين الصفا والمروة لمن حج البيت أو اعتمر.
ھەج ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەمنىڭ سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدا. info

• من أعظم الآثام وأشدها عقوبة كتمان الحق الذي أنزله الله، والتلبيس على الناس، وإضلالهم عن الهدى الذي جاءت به الرسل.
ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقىقەتنى يوشۇرۇش، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ۋە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھىدايەتتىن ئۇلارنى ئازدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ئازابى ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر . info