قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى- مۇھەممەد سالىھ

بەت نومۇرى:close

external-link copy
45 : 6

فَقُطِعَ دَابِرُ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْۚ وَٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى (يەنى ئۇلار پۈتۈنلەي ھالاك قىلىندى). جىمى ھەمدۇسانا (پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىپ، كۇففارلارنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![45] info
التفاسير:

external-link copy
46 : 6

قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَخَذَ ٱللَّهُ سَمۡعَكُمۡ وَأَبۡصَٰرَكُمۡ وَخَتَمَ عَلَىٰ قُلُوبِكُم مَّنۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِ يَأۡتِيكُم بِهِۗ ٱنظُرۡ كَيۡفَ نُصَرِّفُ ٱلۡأٓيَٰتِ ثُمَّ هُمۡ يَصۡدِفُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا)، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» قارىغىنكى، بىز (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانمىز، ئەمما ئۇلار (شۇ ئايەتلەردىن) يۈز ئۆرۈيدۇ (يەنى ئىمان ئېيتمايدۇ)[46]. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 6

قُلۡ أَرَءَيۡتَكُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُ ٱللَّهِ بَغۡتَةً أَوۡ جَهۡرَةً هَلۡ يُهۡلَكُ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلظَّٰلِمُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقا يەنە كىملەر ھالاك قىلىنىدۇ؟»[47] info
التفاسير:

external-link copy
48 : 6

وَمَا نُرۡسِلُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَۖ فَمَنۡ ءَامَنَ وَأَصۡلَحَ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ

بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ساۋاب بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز، ئىمان ئېيتقان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزىگەن كىشىلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ [48]. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 6

وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يَمَسُّهُمُ ٱلۡعَذَابُ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، (ئاللاھقا) ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئازابقا دۇچار بولىدۇ[49]. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 6

قُل لَّآ أَقُولُ لَكُمۡ عِندِي خَزَآئِنُ ٱللَّهِ وَلَآ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ وَلَآ أَقُولُ لَكُمۡ إِنِّي مَلَكٌۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّۚ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُۚ أَفَلَا تَتَفَكَّرُونَ

(ئى مۇھەممەد! سەندىن ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى تەلەپ قىلغۇچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن. مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن. سىلەرگە، مەن بولسام ھەقىقەتەن بىر پەرىشتە، دەپمۇ ئېيتمايمەن. مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن». ئېيتقىنكى، «كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەرمۇ؟ (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن باراۋەرمۇ؟) ئويلاپ باقمامسىلەر؟»[50] info
التفاسير:

external-link copy
51 : 6

وَأَنذِرۡ بِهِ ٱلَّذِينَ يَخَافُونَ أَن يُحۡشَرُوٓاْ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ لَيۡسَ لَهُم مِّن دُونِهِۦ وَلِيّٞ وَلَا شَفِيعٞ لَّعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ

پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنىڭ (كۇفرىدىن، گۇناھتىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇلارغا ئاللاھتىن غەيرىي دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى يوقتۇر[51]. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 6

وَلَا تَطۡرُدِ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ رَبَّهُم بِٱلۡغَدَوٰةِ وَٱلۡعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجۡهَهُۥۖ مَا عَلَيۡكَ مِنۡ حِسَابِهِم مِّن شَيۡءٖ وَمَا مِنۡ حِسَابِكَ عَلَيۡهِم مِّن شَيۡءٖ فَتَطۡرُدَهُمۡ فَتَكُونَ مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ

ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن[52]. info
التفاسير: