قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى- مۇھەممەد سالىھ

بەت نومۇرى:close

external-link copy
82 : 6

ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَمۡ يَلۡبِسُوٓاْ إِيمَٰنَهُم بِظُلۡمٍ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱلۡأَمۡنُ وَهُم مُّهۡتَدُونَ

ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا شېرىك ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر[82]. info
التفاسير:

external-link copy
83 : 6

وَتِلۡكَ حُجَّتُنَآ ءَاتَيۡنَٰهَآ إِبۡرَٰهِيمَ عَلَىٰ قَوۡمِهِۦۚ نَرۡفَعُ دَرَجَٰتٖ مَّن نَّشَآءُۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٞ

ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر، خالىغان كىشىمىزنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[83]. info
التفاسير:

external-link copy
84 : 6

وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَۚ كُلًّا هَدَيۡنَاۚ وَنُوحًا هَدَيۡنَا مِن قَبۡلُۖ وَمِن ذُرِّيَّتِهِۦ دَاوُۥدَ وَسُلَيۡمَٰنَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَىٰ وَهَٰرُونَۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ

بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. (ئىبراھىمدىن) ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلدۇق. ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلايمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[84]. info
التفاسير:

external-link copy
85 : 6

وَزَكَرِيَّا وَيَحۡيَىٰ وَعِيسَىٰ وَإِلۡيَاسَۖ كُلّٞ مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ

زەكەرىيا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر[85]. info
التفاسير:

external-link copy
86 : 6

وَإِسۡمَٰعِيلَ وَٱلۡيَسَعَ وَيُونُسَ وَلُوطٗاۚ وَكُلّٗا فَضَّلۡنَا عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئىسمائىل، ئىليەسە، يۇنۇس ۋە لۇتلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) تامامى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق[86]. info
التفاسير:

external-link copy
87 : 6

وَمِنۡ ءَابَآئِهِمۡ وَذُرِّيَّٰتِهِمۡ وَإِخۡوَٰنِهِمۡۖ وَٱجۡتَبَيۡنَٰهُمۡ وَهَدَيۡنَٰهُمۡ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ

ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىدۇق[87]. info
التفاسير:

external-link copy
88 : 6

ذَٰلِكَ هُدَى ٱللَّهِ يَهۡدِي بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۚ وَلَوۡ أَشۡرَكُواْ لَحَبِطَ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

ئاللاھنىڭ توغرا يولى ئەنە شۇدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى شۇ پەيغەمبەرلەر) شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى، ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى[88]. info
التفاسير:

external-link copy
89 : 6

أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحُكۡمَ وَٱلنُّبُوَّةَۚ فَإِن يَكۡفُرۡ بِهَا هَٰٓؤُلَآءِ فَقَدۡ وَكَّلۡنَا بِهَا قَوۡمٗا لَّيۡسُواْ بِهَا بِكَٰفِرِينَ

ئۇلارغا كىتابنى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى (يەنى كىتاب، ھېكمەت ۋە پەيغەمبەرلىكنى) ئىنكار قىلسا، ئىنكار قىلمايدىغان باشقا بىر قەۋمگە ئۇلارنى تاپشۇرىمىز[89]. info
التفاسير:

external-link copy
90 : 6

أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ هَدَى ٱللَّهُۖ فَبِهُدَىٰهُمُ ٱقۡتَدِهۡۗ قُل لَّآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ أَجۡرًاۖ إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرَىٰ لِلۡعَٰلَمِينَ

ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر»[90]. info
التفاسير: