قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

بەت نومۇرى:close

external-link copy
211 : 2

سَلۡ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ كَمۡ ءَاتَيۡنَٰهُم مِّنۡ ءَايَةِۭ بَيِّنَةٖۗ وَمَن يُبَدِّلۡ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

ئى پەيغەمبەر! ئەيىبلىگەن شەكىلدە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، ئاللاھ سىلەرگە پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەقەدەر كۆپ روشەن دەلىللەرنى بايان قىلدى! سىلەر ئۇ دەلىللەرنى ئىنكار قىلىپ يۈز ئۆرۈدىڭلار. كىمكى ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى كۇپرىلىق قىلىپ ۋە ئىنكار قىلىپ ئۆزگەرتىدىكەن، ئاللاھ ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارنى قاتتىق ئازاپلىغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
212 : 2

زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَيَسۡخَرُونَ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۘ وَٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ فَوۡقَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ وَٱللَّهُ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٖ

دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ ئىچىدىكى ۋاقىتىلىق نازۇ-نىمەتلەر، ئاخىرى چىقمايدىغان ھۇزۇر ھالاۋەتلەر كاپىرلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىملىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلار ئاخىرەتتە ئۇلاردىن دەرىجە جەھەتتە ئۈستۈندۈر. چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. ئۆز مەخلۇقاتلىرىدىن خالىغان كىشىگە ھېسابسىز ۋە ساناقسىز نېئمەت بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
213 : 2

كَانَ ٱلنَّاسُ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ فَبَعَثَ ٱللَّهُ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ وَأَنزَلَ مَعَهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَ ٱلنَّاسِ فِيمَا ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِۚ وَمَا ٱخۡتَلَفَ فِيهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ أُوتُوهُ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۖ فَهَدَى ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِمَا ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِ مِنَ ٱلۡحَقِّ بِإِذۡنِهِۦۗ وَٱللَّهُ يَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٍ

ئىنسانلار تاكى شەيتان ئۇلارنى ئازدۇرغانغا قەدەر ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدا يەنى ھىدايەت ئۈستىدە ئورتاق بىر ئۈممەت ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ بەزىسى كاپىر بولۇپ ئىختىلاپلاشتى. شۇ سەۋەپتىن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى مۇئمىنلەرگە تەييارلىغان رەھمىتى، كاپىرلارغا تەھدىت سالغان قاتتىق ئازابتىن خۇش-بىشارەت بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. پەيغەمبەرلەرگە ئۇلار كىشىلەر ئىختىلاپلىشىپ قالغان مەسىلىلەردە كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن شەكسىز ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى چۈشۈردى. پەقەت تەۋراتنىڭ ئىلمى بىلدۈرۈلگەن يەھۇدىلارلا ئۇلارغا تەۋراتنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقا بولمايدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ھۆججەتلەر كەلگىنىدىن كېيىن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ تەۋرات ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىزنى بىلەن زالالەتتىن ھىدايەتنى ئايرىشقا مۇۋەپپەق قىلدى. خالىغان كىشىنى ئىمان يولىدىن ئىبارەت قۇسۇرسىز بولغان توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
214 : 2

أَمۡ حَسِبۡتُمۡ أَن تَدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ وَلَمَّا يَأۡتِكُم مَّثَلُ ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلِكُمۖ مَّسَّتۡهُمُ ٱلۡبَأۡسَآءُ وَٱلضَّرَّآءُ وَزُلۡزِلُواْ حَتَّىٰ يَقُولَ ٱلرَّسُولُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ مَتَىٰ نَصۡرُ ٱللَّهِۗ أَلَآ إِنَّ نَصۡرَ ٱللَّهِ قَرِيبٞ

ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان سىناقلارغا ئۇچرىماي جەننەتكە كېرىشنى ئويلامسىلەر؟ ئۇلارغا قاتتىق يوقسۇللۇق، ئېغىر كېسەل ۋە قورقۇنچ يەتكەن. ئۇلار ئۇچرىغان سىناق شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئالدىراپ پەيغەمبەر ۋە مۆئمىنلەر بىرلىكتە: « ئاللاھنىڭ نۇستىرى قاچان كېلىدۇ؟ » دىيىشىپ كەتكەن. بىلىپ قويۇڭلاركى ئاللاھنىڭ ياردىمى مۆئمىنلەرگە ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
215 : 2

يَسۡـَٔلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَۖ قُلۡ مَآ أَنفَقۡتُم مِّنۡ خَيۡرٖ فَلِلۡوَٰلِدَيۡنِ وَٱلۡأَقۡرَبِينَ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِۗ وَمَا تَفۡعَلُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٞ

ئى پەيغەمبەر! سەندىن ساھابىلىرىڭ خىلمۇ-خىل ماللىرىدىن نېمىنى سەدىقە قىلىدىغانلىقىنى، نەگە سەرپ قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: پاك، ھالال مالدىن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار ئاتا-ئاناڭلارغا، ئاراڭلاردىكى تۇرمۇشى تۆۋەن خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، مۇھتاج يېتىملەرگە، ھېچ نەرسىسى يوق يوقسۇللارغا، ئائىلىسى ۋە ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا سەرپ قىلىڭلار. ئى مۆئمىنلەر! ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نېمە ياخشىلىق قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• ترك شكر الله تعالى على نعمه وترك استعمالها في طاعته يعرضها للزوال ويحيلها بلاءً على صاحبها.
ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېئمىتىگە شۈكۈر قىلماسلىق ۋە ئۇنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىك نېئمەتنىڭ قولدىن كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ ۋە نېئمەت ساھىبىنى كۈلپەتكە دۇچار قىلىدۇ. info

• الأصل أن الله خلق عباده على فطرة التوحيد والإيمان به، وإبليس وأعوانه هم الذين صرفوهم عن هذه الفطرة إلى الشرك به.
ئاللاھ بەندىلىرىنى ئەسلىدە تەۋھىد ۋە ساغلام پىترەت ئۈستىدە ياراتقان بولۇپ، ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بەندىلەرنى بۇ توغرا دىندىن شېرىك يولغا ئازدۇرغان. info

• أعظم الخذلان الذي يؤدي للفشل أن تختلف الأمة في كتابها وشريعتها، فيكفّر بعضُها بعضًا، ويلعن بعضُها بعضًا.
ئۈممەت؛ كىتابى ۋە شەرىئىتىدە ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىپ، بىر-بىرىنى كاپىرغا چىقىرىشى ۋە بىر-بىرىگە لەنەت قىلىشى ئۈممەتنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىدىغان ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتتۇر. info

• الهداية للحق الذي يختلف فيه الناس، ومعرفة وجه الصواب بيد الله، ويُطلب منه تعالى بالإيمان به والانقياد له.
كىشىلەر ئىختىلاپ قىلىشىپ قالغاندا، ھەقىقەتگە يۈزلەندۈرۈش ۋە توغرا يولنى بىلدۈرۈش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، بۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە بويسۇنۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن تەلەپ قىلىنىدۇ. info

• الابتلاء سُنَّة الله تعالى في أوليائه، فيبتليهم بقدر ما في قلوبهم من الإيمان به والتوكل عليه.
ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىنىڭ سىناققا دۇچار بولۇشى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنى قەلبلىرىدىكى ئىمان ۋە ئاللاھقا بولغان تەۋەككۇل مىقدارىدا سىناققا دۇچار قىلىدۇ. info

• من أعظم ما يعين على الصبر عند نزول البلاء، الاقتداء بالصالحين وأخذ الأسوة منهم.
سالىھلارغا ئەگىشىش ۋە ئۇلارنى نەمۇنە قىلىش، سىناققا دۇچار بولغاندا سەبر قىلىشقا ياردىمى تىگىدىغان ئەڭ كاتتا ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر. info