قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

بەت نومۇرى:close

external-link copy
142 : 2

۞ سَيَقُولُ ٱلسُّفَهَآءُ مِنَ ٱلنَّاسِ مَا وَلَّىٰهُمۡ عَن قِبۡلَتِهِمُ ٱلَّتِي كَانُواْ عَلَيۡهَاۚ قُل لِّلَّهِ ٱلۡمَشۡرِقُ وَٱلۡمَغۡرِبُۚ يَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ

ئەقىلسىز نادان يەھۇدىلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش مۇناپىقلار: مۇسۇلمانلارنى ئىلگىرىكى قىبلىسى بەيتۇلمۇقەددەسنى قىبلە قىلىشتىن نېمە توسۇپ قالدى؟!، دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگىن: مەشرىق، مەغرىب ۋە باشقا تەرەپلەر يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرى ئارىسىدىن خالىغان كىشىنى خالىغان تەرەپكە يۈزلەندۈرىدۇ. بەندىلىرى ئارىسىدىن خالىغان كىشىنى قۇسۇرسىز توغرا يولغا باشلايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
143 : 2

وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَٰكُمۡ أُمَّةٗ وَسَطٗا لِّتَكُونُواْ شُهَدَآءَ عَلَى ٱلنَّاسِ وَيَكُونَ ٱلرَّسُولُ عَلَيۡكُمۡ شَهِيدٗاۗ وَمَا جَعَلۡنَا ٱلۡقِبۡلَةَ ٱلَّتِي كُنتَ عَلَيۡهَآ إِلَّا لِنَعۡلَمَ مَن يَتَّبِعُ ٱلرَّسُولَ مِمَّن يَنقَلِبُ عَلَىٰ عَقِبَيۡهِۚ وَإِن كَانَتۡ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى ٱلَّذِينَ هَدَى ٱللَّهُۗ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَٰنَكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِٱلنَّاسِ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ

قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز ئۈممەتلىرىگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولىشىڭلار ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولىشى ئۈچۈن سىلەرگە ئۆزىمىز رازى بولغان قىبلىنى بەلگىلىگىنىمىزدەك، بىز ئەقىدە، ئىبادەت ۋە مۇئامىلە مەسىلىلىرىدە پۈتۈن ئۈممەتلەر ئارىسىدىن سىلەرنى ھەق يولدىكى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان قىبلە بەيتۇلمۇقەددەسنى ئۆزگەرتىشىمىز پەقەت ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە رازى بولۇپ ۋە بۇيسۇنۇپ پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن ئادەم بىلەن دىنىدىن يېنىپ ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگەشكەن، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنمىغان ئادەمنى ئايرىشىمىز ئۈچۈندۇر. تۇنجى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاللاھ ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلغان، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن نېمە ھۆكۈمنى يولغا قويسا مەلۇم ھىكمەت سەۋەبىدىن يولغا قويىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەردىن باشقىلارغا ئېغىر كېلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ. قىبلە ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇغان نامىزىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرگە مېھرىبان ۋە كۆيۈمچاندۇر. ئۇلارغا مۇشەققەت سالمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
144 : 2

قَدۡ نَرَىٰ تَقَلُّبَ وَجۡهِكَ فِي ٱلسَّمَآءِۖ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبۡلَةٗ تَرۡضَىٰهَاۚ فَوَلِّ وَجۡهَكَ شَطۡرَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۚ وَحَيۡثُ مَا كُنتُمۡ فَوَلُّواْ وُجُوهَكُمۡ شَطۡرَهُۥۗ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ لَيَعۡلَمُونَ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّهِمۡۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا يَعۡمَلُونَ

ئى پەيغەمبەر! بىز سېنىڭ قىبلىنىڭ سەن ياخشى كۆرگەن تەرەپكە ئۆزگەرتىلىش مەسىلىسىدە ۋەھيى چۈشۈشنى كۈتۈپ ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆردۇق. سېنى چۇقۇم ھازىرقى بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئورنىغا، سەن ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان قىبلە بەيتۇللاھقا يۈزلەندۈرىمىز. سەن يۈزۈڭنى مەككە مۇكەررەمىدىكى بەيتۇللاھقا يۈزلەندۈرگىن. ئى مۆمىنلەر! سىلەر قەيەردە بولماڭلار ناماز ئوقۇغان چاغدا بەيتۇللاھقا يۈزلىنىڭلار. كىتاب بېرىلگەن يەھۇدى ۋە ناسارالار قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن، ياراتقۇچى ۋە ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرغۇچى زات تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئۇلار ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس، بەلكى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئەمىلىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
145 : 2

وَلَئِنۡ أَتَيۡتَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ بِكُلِّ ءَايَةٖ مَّا تَبِعُواْ قِبۡلَتَكَۚ وَمَآ أَنتَ بِتَابِعٖ قِبۡلَتَهُمۡۚ وَمَا بَعۡضُهُم بِتَابِعٖ قِبۡلَةَ بَعۡضٖۚ وَلَئِنِ ٱتَّبَعۡتَ أَهۡوَآءَهُم مِّنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَكَ مِنَ ٱلۡعِلۡمِ إِنَّكَ إِذٗا لَّمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، كىتاب بېرىلگەن يەھۇدى ناسارالارغا قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ھۆججەت ۋە ئىسپاتلارنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن تەكەببۇرلۇق ۋە بۇيۇنتاۋلىق قىلغاچقا سېنىڭ قىبلەڭگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. سەنمۇ ئاللاھ چەكلىگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن. ئۇلارمۇ ھەم ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. چۈنكى ئۇلاردىن ھەربىر پىرقە يەنە بىر پىرقىنى كاپىر دەپ قارايدۇ. ئەگەر سەن شەكسىز توغرا ئىلىم كەلگىنىدىن كېيىن قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈملەردە ئۇلارنىڭ نەپسى-خاھىشلىرىغا ئەگەشسەڭ، ئۇ چاغدا سەن شۈبھىسىزكى ھىدايەتنى تەرك ئېتىپ، ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشكەنلىك سەۋەبىدىن زۇلۇم قىلغانلاردىن بولىسەن. بۇ ئۇلارغا ئەگىشىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان خىتاب. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ خىل شەكىلدە خىتاب قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۇلارغا ئەگىشىشتىن ساقلايتتى. دېمەك بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن كىيىنكى ئۈممىتىگە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أن الاعتراض على أحكام الله وشرعه والتغافل عن مقاصدها دليل على السَّفَه وقلَّة العقل.
ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە ۋە شەرىئىتىگە قارشى چىقىش، شەرىئەتنىڭ مەقسىتىنى بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىش گالۋاڭلىق ۋە دۆتلۈكنىڭ دەلىلىدۇر. info

• فضلُ هذه الأمة وشرفها، حيث أثنى عليها الله ووصفها بالوسطية بين سائر الأمم.
ئاللاھ بۇ ئۈممەتنى مەدھىيەلەپ ۋە باشقا ئۈممەتلەر ئارىسىدىن ئەڭ توغرا يولدىكى ئۈممەت دەپ سۈپەتلەپ، بۇ ئۈممەتنىڭ پەزلى ۋە شەرىپىنى بايان قىلدى. info

• التحذير من متابعة أهل الكتاب في أهوائهم؛ لأنهم أعرضوا عن الحق بعد معرفته.
ئەھلى كىتاب ھەقىقەتنى بىلگەندىن كېيىنمۇ نەپسى-خاھىشىغا بېرىلىپ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلدى. info

• جواز نَسْخِ الأحكام الشرعية في الإسلام زمن نزول الوحي، حيث نُسِخَ التوجه إلى بيت المقدس، وصار إلى المسجد الحرام.
ۋەھيى چۈشىۋاتقان مەزگىلدە ئىسلامدا شەرئىي ھۆكۈملەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىشى جايىزدۇر. بۇنىڭ دەلىلى: بەيتۇلمۇقەددەسكە يۈز كەلتۈرۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ھەرەم مەسچىتىگە يۈزلىنىش يولغا قويۇلغان. info