Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - Muhtasar Kur'an-ı Kerim Tefsiri Uygurca Tercümesi

Sayfa numarası:close

external-link copy
14 : 5

وَمِنَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّا نَصَٰرَىٰٓ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَهُمۡ فَنَسُواْ حَظّٗا مِّمَّا ذُكِّرُواْ بِهِۦ فَأَغۡرَيۡنَا بَيۡنَهُمُ ٱلۡعَدَاوَةَ وَٱلۡبَغۡضَآءَ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ وَسَوۡفَ يُنَبِّئُهُمُ ٱللَّهُ بِمَا كَانُواْ يَصۡنَعُونَ

يەھۇدىيلاردىن چىن ئەھدە ئالغانغا ئوخشاش، ئۆزىنى بىز ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ پاكلىغانلاردىنمۇ ئەھدە ئالدۇق، ئۇلار ئىلگىرىكى يەھۇدىيلارنىڭ قىلمىشىغا ئوخشاش بۇيرۇلغان نەرسىنىڭ بەزىلىرىگە ئەمەل قىلمىدى. قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە دەتالاشنى تاشلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان ۋە بەزىسى بەزىسىنى كاپىرغا چېقىرىدىغان بولدى. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن خەۋەر بېرىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 5

يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ قَدۡ جَآءَكُمۡ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمۡ كَثِيرٗا مِّمَّا كُنتُمۡ تُخۡفُونَ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَيَعۡفُواْ عَن كَثِيرٖۚ قَدۡ جَآءَكُم مِّنَ ٱللَّهِ نُورٞ وَكِتَٰبٞ مُّبِينٞ

ئى تەۋرات ساھىبى يەھۇدىيلار ۋە ئىنجىل ساھىبى ناسارالاردىن بولغان ئەھلى كىتابلار! سىلەرگە نازىل قېلىنغان كىتابتىن سىلەر يوشۇرغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرگە پايدىسى بولمايدىغان ۋە پەقەت سىلەرنى رەسۋا قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى كەچۈرىدىغان بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلدى. ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن قۇرئاندىن ئىبارەت كىتابنى ئېلىپ كەلدى، قۇرئان يورۇقلۇق ئالىدىغان نۇردۇر، ئىنسانلارغا دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى بايان قىلىپ .بېرىدىغان كىتابتۇر info
التفاسير:

external-link copy
16 : 5

يَهۡدِي بِهِ ٱللَّهُ مَنِ ٱتَّبَعَ رِضۡوَٰنَهُۥ سُبُلَ ٱلسَّلَٰمِ وَيُخۡرِجُهُم مِّنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ بِإِذۡنِهِۦ وَيَهۡدِيهِمۡ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ

ئاللاھ مۇشۇ كىتاب بىلەن ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئەگەشكەن، ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان يولدا ماڭغان كىشىلەرنى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كۇپىر ۋە ئاسىيلىقنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ئىمان ۋە ئىتائەتنىڭ نۇرىغا چېقىرىدۇ. ئۇلارنى ئىسلامنىڭ يولىدىن ئىبارەت بولغان توغرا يولغا .مۇۋەپپەق قىلىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
17 : 5

لَّقَدۡ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ مَرۡيَمَۚ قُلۡ فَمَن يَمۡلِكُ مِنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔا إِنۡ أَرَادَ أَن يُهۡلِكَ ٱلۡمَسِيحَ ٱبۡنَ مَرۡيَمَ وَأُمَّهُۥ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗاۗ وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَاۚ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

ھەقىقەتەن ناسارالاردىن مەريەم ئوغلى ئىسا مەسىھنى ئاللاھ دېگەنلەر كاپىر بولدى، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى ئىسا مەسىھنى، ئۇنىڭ ئانىسىنى ۋە زېمىندىكى بارلىق جانلىقلارنى ھالاك قېلىشنى خالىسا بۇنىڭدىن ئاللاھنى كىم چەكلەپ قويىدۇ؟، ھېچ كىشى ئاللاھنى ئۇنىڭدىن چەكلەشكە قادىر بولالمايدىكەن، بۇ ئاللاھنىڭ ئىبادەتكە لايىق بەرھەق بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقەتەن مەريەم ئوغلى ئىسا، ئۇنىڭ ئانىسى ۋە بارلىق خالالايىقلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر. ئاسمانلار ۋە زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ خالىغاننى پەيدا قىلىدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ يارىتىشنى خالىغانلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە .قادىردۇر info
التفاسير:
Bu sayfadaki ayetlerin faydaları:
• تَرْك العمل بمواثيق الله وعهوده قد يوجب وقوع العداوة وإشاعة البغضاء والتنافر والتقاتل بين المخالفين لأمر الله تعالى.
ئاللاھقا بەرگەن چىن ئەھدىگە ئەمەل قىلماسلىق، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىغا دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك، بىر-بىرىدىن .يىراقلىشىش ۋە بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ info

• الرد على النصارى القائلين بأن الله تعالى تجسد في المسيح عليه السلام، وبيان كفرهم وضلال قولهم.
ئاللاھ تائالا مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ جەسىتىگە مۇجەسسەملەشكەن دېگەن ناسارالارغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ كۇفىر ۋە ئازغۇنلىقىنى بايان قىلىدۇ. info

• من أدلة بطلان ألوهية المسيح أن الله تعالى إن أراد أن يهلك المسيح وأمه عليهما السلام وجميع أهل الأرض فلن يستطيع أحد رده، وهذا يثبت تفرده سبحانه بالأمر وأنه لا إله غيره.
مەسىھنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ باتىللىقىنى ئىپادىلەيدىغان دەلىللەردىن: ئەگەر ئاللاھ مەسىھنى، ئۇنىڭ ئانىسىنى ۋە زېمىن ئەھلىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىشنى مەقسەت قىلسا ئۇنى رەت قىلىشقا ھېچ كىشى قادىر بولالمايدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. info

• من أدلة بطلان ألوهية المسيح أن الله تعالى يُذَكِّر بكونه تعالى ﴿ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ﴾ (المائدة: 17)، فهو يخلق من الأبوين، ويخلق من أم بلا أب كعيسى عليه السلام، ويخلق من الجماد كحية موسى عليه السلام، ويخلق من رجل بلا أنثى كحواء من آدم عليهما السلام.
مەسىھنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ باتىللىقىنى ئىپادىلەيدىغان دەلىللەردىن: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ خالىغاننى پەيدا قېلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. ئاللاھ ئاتا-ئانا ۋاستىسى بىلەنمۇ يارىتىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئاتىسىز ئانىدىنمۇ يارىتىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسى يېلان بولغانغا ئوخشاش جانسىز نەرسىدىنمۇ يارىتىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ھەۋانى ياراتقاندەك ئايالسىز ئەركىشىدىنمۇ يارىتىدۇ info