แปล​ความหมาย​อัลกุรอาน​ - คำแปลภาษาอุยกูร์ สำหรับหนังสืออรรถาธิบายอัลกุรอานอย่างสรุป (อัลมุคตะศ็อร ฟีตัฟซีร อัลกุรอานิลกะรีม)

ئەئلا

วัตถุประสงค์ของสูเราะฮ์:
تذكير النفس بالحياة الأخروية، وتخليصها من التعلقات الدنيوية.
ئىنسانغا ئاخىرەت ھاياتىنى ئەسلىتىش ۋە ئۇنى دۇنياغا باغلىنىشتىن خالاس قىلىش. info

external-link copy
1 : 87

سَبِّحِ ٱسۡمَ رَبِّكَ ٱلۡأَعۡلَى

پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈن بولغان پەرۋەردىگارىڭنى زىكرى قىلغان ۋە ئۇلۇغلىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ تەسبىھ ئېيتقىن. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 87

ٱلَّذِي خَلَقَ فَسَوَّىٰ

ئۇ ئىنساننى بېجىرىم شەكىلدە ياراتتى ۋە قامىتىنى راۋرۇس قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 87

وَٱلَّذِي قَدَّرَ فَهَدَىٰ

ئۇ پۈتكۈل خالايىقنىڭ جىنسلىرىنى، تۈرلىرىنى ۋە سۈپەتلىرىنى بېكىتتى ھەمدە ھەر قانداق مەخلۇقنى ئۆزىگە مۇناسىپ ۋە ماس تەرەپكە يېتەكلىدى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 87

وَٱلَّذِيٓ أَخۡرَجَ ٱلۡمَرۡعَىٰ

ئۇ زېمىندىن چارىپايلىرىڭلارنى باقىدىغان ئوت - چۆپلەرنى چىقاردى. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 87

فَجَعَلَهُۥ غُثَآءً أَحۡوَىٰ

ئاندىن ئۇ ئوت - چۆپلەر ھۆل ياشىرىپ بولغاندىن كېيىن قارامتۇل قۇرۇق ئوت - خەسكە ئايلاندۇردى. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 87

سَنُقۡرِئُكَ فَلَا تَنسَىٰٓ

ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ، قەلبىڭگە توپلاپ بېرىمىز، ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايسەن. شۇڭ سەن ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن قىلغىنىڭدەك، جىبرىئىل بىلەن تەڭ ئوقۇمىغىن. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 87

إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۚ إِنَّهُۥ يَعۡلَمُ ٱلۡجَهۡرَ وَمَا يَخۡفَىٰ

لېكىن ئاللاھ بىرەر ھېكمەت تۈپەيلىدىن سېنىڭ ئۇنتۇپ قېلىشىڭنى خالىغان ئايەتلەرنى ئۇنتۇپ قالىسەن. شەكسىزكى ئاللاھ ئاشكارىنى ۋە مەخپىينى بىلىدۇ، بۇ ئىشلاردىن ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 87

وَنُيَسِّرُكَ لِلۡيُسۡرَىٰ

بىز ساڭا جەننەتكە كىرىشكە ۋەسىلە بولىدىغان ئەمەللەردىن ئاللاھ رازى بولىدىغانلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 87

فَذَكِّرۡ إِن نَّفَعَتِ ٱلذِّكۡرَىٰ

بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئان ئارقىلىق كىشىلەرگە نەسىھەت قىلغىن، ئۇلار ۋەز - نەسىھەتكە قۇلاقلا سالىدىكەن، ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 87

سَيَذَّكَّرُ مَن يَخۡشَىٰ

سېنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرىڭنى ئاللاھتىن قورقىدىغان ئادەم قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋەز - نەسىھەتتىن مەنپەئەت ئالىدۇ. info
التفاسير:
ประโยชน์​ที่​ได้รับ​:
• تحفظ الملائكة الإنسان وأعماله خيرها وشرها ليحاسب عليها.
پەرىشتىلەر ئىنساننى ۋە ئۇنىڭ ياخشى - يامان پۈتۈن ئەمەللىرىنى ھېساب ئۈچۈن كۆزىتىپ تۇرىدۇ. info

• ضعف كيد الكفار إذا قوبل بكيد الله سبحانه.
كاپىرلارنىڭ ھىيلە - مىكرى ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئالدىدا تولىمۇ ئاجىزدۇر. info

• خشية الله تبعث على الاتعاظ.
ئاللاھتىن قورقۇش ئىبرەت ئېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. info