แปล​ความหมาย​อัลกุรอาน​ - คำแปลภาษาอุยกูร์ สำหรับหนังสืออรรถาธิบายอัลกุรอานอย่างสรุป (อัลมุคตะศ็อร ฟีตัฟซีร อัลกุรอานิลกะรีม)

نازىئات

วัตถุประสงค์ของสูเราะฮ์:
التذكير بالله واليوم الآخر.
ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئەسلەش. info

external-link copy
1 : 79

وَٱلنَّٰزِعَٰتِ غَرۡقٗا

ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ جېنىنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ ئالىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 79

وَٱلنَّٰشِطَٰتِ نَشۡطٗا

يەنە مۇئمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئاۋايلاپ، ئاستا ئالىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 79

وَٱلسَّٰبِحَٰتِ سَبۡحٗا

ئاسمان ۋە زېمىندىن ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تەخىرسىز ئېلىپ چۈشىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 79

فَٱلسَّٰبِقَٰتِ سَبۡقٗا

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشكە ئالدىرايدىغان بىر قسىىم پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 79

فَٱلۡمُدَبِّرَٰتِ أَمۡرٗا

بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان پەرىشتىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلدى. ئاللاھ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بەندىلەرنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن چوقۇم قايتا تىرگۈزىدىغانلىقىغا قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 79

يَوۡمَ تَرۡجُفُ ٱلرَّاجِفَةُ

ئۇ كۈندە تۇنجى سۈر چېلىنىشى بىلەن تەڭ زېمىن تەۋرەپ كېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 79

تَتۡبَعُهَا ٱلرَّادِفَةُ

ئارقىدىنلا ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 79

قُلُوبٞ يَوۡمَئِذٖ وَاجِفَةٌ

ئۇ كۈندە كاپىرلار ۋە پاسىقلارنىڭ دىللىرىنى قورقۇنچ باسىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 79

أَبۡصَٰرُهَا خَٰشِعَةٞ

بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىدىن بىچارىلىكنىڭ ئالامىتى چىقىپلا تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 79

يَقُولُونَ أَءِنَّا لَمَرۡدُودُونَ فِي ٱلۡحَافِرَةِ

ئۇلار: بىز ئۆلگەندىن كېيىن قايتا ھاياتلىققا قايتامدۇق؟ info
التفاسير:

external-link copy
11 : 79

أَءِذَا كُنَّا عِظَٰمٗا نَّخِرَةٗ

بىز چىرىپ، كېرەكسىز سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە قايتامدۇق؟ دېيىشەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 79

قَالُواْ تِلۡكَ إِذٗا كَرَّةٌ خَاسِرَةٞ

ئۇلار: ناۋادا بىز قايتىپ قالساق، ئۇ تولىمۇ زىيانلىق، ساھىبى ئالدانغان بىر قايتىش بولىدۇ، دېيىشەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 79

فَإِنَّمَا هِيَ زَجۡرَةٞ وَٰحِدَةٞ

قايتا تىرگۈزۈش ئىشى ئىنتايىن قولاي بولۇپ، ئۇ پەقەت سۈر چېلىشقا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتە تەرەپتىن كېلىدىغان بىرلا ئاۋازدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 79

فَإِذَا هُم بِٱلسَّاهِرَةِ

بۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل جانلىقلار زېمىننىڭ قاتلاملىرىدىكى ئۆلۈك ھالىتىدىن كېيىن تىرىكلەرگە ئايلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 79

هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ مُوسَىٰٓ

ئەي پەيغەمبەر! ساڭا مۇسانىڭ پەرۋەردىگارى ھەمدە دۈشمىنى پىرئەۋن بىلەن بولغان ۋەقەلىكىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
16 : 79

إِذۡ نَادَىٰهُ رَبُّهُۥ بِٱلۡوَادِ ٱلۡمُقَدَّسِ طُوًى

ئۆز ۋاقىتدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا تۇۋا ناملىق پاك بىر ۋادىدا نىدا قىلدى. info
التفاسير:
ประโยชน์​ที่​ได้รับ​:
• التقوى سبب دخول الجنة.
تەقۋادارلىق جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ. info

• تذكر أهوال القيامة دافع للعمل الصالح.
قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىنى ئەسلەش ياخشى ئەمەلگە تۈرتكە بولىدۇ. info

• قبض روح الكافر بشدّة وعنف، وقبض روح المؤمن برفق ولين.
كاپىرنىڭ جېنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ ئېلىنىدۇ، مۇئمىننىڭ جېنى ئاستا، سىلىق ئېلىنىدۇ. info