แปล​ความหมาย​อัลกุรอาน​ - คำแปลภาษาอุยกูร์ สำหรับหนังสืออรรถาธิบายอัลกุรอานอย่างสรุป (อัลมุคตะศ็อร ฟีตัฟซีร อัลกุรอานิลกะรีม)

كەۋسەر

วัตถุประสงค์ของสูเราะฮ์:
بيان منّة الله على نبيه صلى الله عليه وسلم بالخير الكثير؛ والدفاع عنه.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياخشىلىق قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يولىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقىنى بايان قىلىش بۇ سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

external-link copy
1 : 108

إِنَّآ أَعۡطَيۡنَٰكَ ٱلۡكَوۡثَرَ

ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا ھەقىقەتەن كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق. جەننەتتىكى كەۋسەرمۇ شۇ ياخشىلىقلاردىن بىرىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 108

فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَٱنۡحَرۡ

مۇشۇ نېئمەتلەرگە قارىتا مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرى ئۈچۈن مال بوغۇزلاپ يېقىنچىلىق قىلىشلىرىغا قارشى ھالدا يېگانە ئاللاھقا ناماز ئوقۇش ھەم قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق شۈكرى قىلغىن. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 108

إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ ٱلۡأَبۡتَرُ

شەكسىزكى ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغۇچى ھەر قانداق ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلىنغۇچى بولۇپ، تامامەن ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ناۋادا تىلغا ئېلىنسىمۇ يامان نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. info
التفاسير:
ประโยชน์​ที่​ได้รับ​:
• أهمية الأمن في الإسلام.
ئىسلامدا خاتىرجەملىك ئىنتايىن مۇھىمدۇر. info

• الرياء أحد أمراض القلوب، وهو يبطل العمل.
رىياكارلىق قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. info

• مقابلة النعم بالشكر يزيدها.
نېئمەتلەرگە شۈكرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش نېئمەتنى كۆپەيتىدۇ. info

• كرامة النبي صلى الله عليه وسلم على ربه وحفظه له وتشريفه له في الدنيا والآخرة.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا سۆيۈملۈك بولۇپ، پەرۋەردىگارى ئۇنى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قوغدايدۇ ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ. info