அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு

பக்க எண்:close

external-link copy
38 : 3

هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِيَّا رَبَّهُۥۖ قَالَ رَبِّ هَبۡ لِي مِن لَّدُنكَ ذُرِّيَّةٗ طَيِّبَةًۖ إِنَّكَ سَمِيعُ ٱلدُّعَآءِ

زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئادەتتىكى رىزىق بېرىش يولىنىڭ غەيرىدە مەريەمگە ئىنئام قىلغان رىزىقلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە ئايالىنىڭ تۇغماسلىقىنى بىلىپ تۇرۇغلۇق ئاللاھدىن بىر پەرزەنت تەلەپ قىلىپ: ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا سالىھ بىر پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، سەن ھەقىقەتەن ساڭا دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىغۇچىسەن ۋە ئىجابەت قىلغۇچىسەن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 3

فَنَادَتۡهُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَهُوَ قَآئِمٞ يُصَلِّي فِي ٱلۡمِحۡرَابِ أَنَّ ٱللَّهَ يُبَشِّرُكَ بِيَحۡيَىٰ مُصَدِّقَۢا بِكَلِمَةٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَسَيِّدٗا وَحَصُورٗا وَنَبِيّٗا مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا خىتاپ قىلىپ: ئاللاھ ساڭا يېقىندا دۇنياغا كىلىدىغان، ئاللاھنىڭ كەلىمىسى بولغان ئىسانى تەستىق قىلىدىغان، (ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بول دېگەن سۆزى بىلەن يارىتىلغان) ئىلىم ۋە ئىبادەتتە قەۋمىگە يېتەكچى بولىدىغان، ئاياللارغا يېقىنلىشىدىغان نەپسى شەھۋەتلەردىن ئۆزىنى تۇتىدىغان، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە ئاتىغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 3

قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَٰمٞ وَقَدۡ بَلَغَنِيَ ٱلۡكِبَرُ وَٱمۡرَأَتِي عَاقِرٞۖ قَالَ كَذَٰلِكَ ٱللَّهُ يَفۡعَلُ مَا يَشَآءُ

پەرىشتىلەر زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامغا يەھيا بىلەن خوشخەۋەر بەرگەندە، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغۇتتىن قالغان تۇرسا قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟، دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بېرىپ: ئاللاھ ئادەتتىكى پرىنسىپقا زىت بولغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلغانغا ئوخشاش، سېنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىڭ ۋە ئايالىڭنىڭ تۇغماسلىقىنى بىلىپ تۇرۇغلۇق يەھيانى پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئۆزىنىڭ ھېكمىتى ۋە ئىلمى بىلەن خالىغاننى قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 3

قَالَ رَبِّ ٱجۡعَل لِّيٓ ءَايَةٗۖ قَالَ ءَايَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ ٱلنَّاسَ ثَلَٰثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمۡزٗاۗ وَٱذۡكُر رَّبَّكَ كَثِيرٗا وَسَبِّحۡ بِٱلۡعَشِيِّ وَٱلۡإِبۡكَٰرِ

زەكەرىيا: ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا بىر نىشانە قىلغىن دېدى، ئاللاھ: سەن تەلەپ قىلغان بەلگە شۇكى، ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن پەقەت ئىشارەت بىلەن سۆز قىلىسەن، بۇ ساڭا بىرەر كېسەللىك يەتكەنلىكتىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكىن، ئەتتىگەن ۋە كەچتە زىكىر-تەسبىھ ئېيتقىن. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 3

وَإِذۡ قَالَتِ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَٰمَرۡيَمُ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰكِ وَطَهَّرَكِ وَٱصۡطَفَىٰكِ عَلَىٰ نِسَآءِ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مەريەمگە: ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى ماختالغۇچى ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، ئۆز زامانىدىكى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 3

يَٰمَرۡيَمُ ٱقۡنُتِي لِرَبِّكِ وَٱسۡجُدِي وَٱرۡكَعِي مَعَ ٱلرَّٰكِعِينَ

ئى مەريەم! نامازدا قىيامنى ئۇزۇن قىل، پەرۋەردىگارىڭغا سەجدە قىلغىن، سالىھ بەندىلەردىن رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ئاللاھقا رۇكۇ قىلغىن. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 3

ذَٰلِكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلۡغَيۡبِ نُوحِيهِ إِلَيۡكَۚ وَمَا كُنتَ لَدَيۡهِمۡ إِذۡ يُلۡقُونَ أَقۡلَٰمَهُمۡ أَيُّهُمۡ يَكۡفُلُ مَرۡيَمَ وَمَا كُنتَ لَدَيۡهِمۡ إِذۡ يَخۡتَصِمُونَ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان زەكەرىيا بىلەن مەريەمنىڭ خەۋەرلىرى بولسا بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان غەيبى خەۋەرلەر جۇملىسىدىندۇر. ئاشۇ ئۆلىمالار ۋە سالىھ كىشىلەر مەريەمنى قايسىسىنىڭ تەربىيسىگە ئېلىش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش قىلىپ ھەتتا چەك تاشلاش يۈزىسىدىن قەلەملىرىنى سۇغا تاشلىغاندا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلىمى لەيلەش بىلەن ئۇتۇق قازاندى. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 3

إِذۡ قَالَتِ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَٰمَرۡيَمُ إِنَّ ٱللَّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٖ مِّنۡهُ ٱسۡمُهُ ٱلۡمَسِيحُ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ وَجِيهٗا فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَمِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر: ئى مەريەم! ھەقىقەتەن ئاللاھ ساڭا ئاتىنىڭ ۋاستىسىز تۇغۇلىدىغان، ئاللاھنىڭ بول دېگەن سۆزىدىن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولىدىغان بىر بوۋاق بىلەن خوشخەۋەر بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىسادۇر، ئۇ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ. info
التفاسير:
இப்பக்கத்தின் வசனங்களிலுள்ள பயன்கள்:
• عناية الله تعالى بأوليائه، فإنه سبحانه يجنبهم السوء، ويستجيب دعاءهم.
ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى يامانلىقتىن .ساقلايدۇ ۋە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ info

• فَضْل مريم عليها السلام حيث اختارها الله على نساء العالمين، وطهَّرها من النقائص، وجعلها مباركة.
ئاللاھ مەريەم ئەلەيھىسسالامنى ئۆز زامانىدىكى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن پەزىلەتتە ئارتۇق قىلدى، ئۇنى كەمچىللىكلەردىن پاك ۋە مۇبارەك قىلدى. info

• كلما عظمت نعمة الله على العبد عَظُم ما يجب عليه من شكره عليها بالقنوت والركوع والسجود وسائر العبادات.
ئاللاھنىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى كاتتا بولغانسىرى، ئۇ كىشىنىڭمۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن قىيامدا تۇرۇپ، رۇكۇ-سەجدە قىلىپ ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىمۇ ئادا قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. info

• مشروعية القُرْعة عند الاختلاف فيما لا بَيِّنة عليه ولا قرينة تشير إليه.
ئىختىلاپلاشقان بىر ئىشنى ئوچۇقلاشتۇرىدىغان ۋە دەلىللەپ بېرىدىغان سىلىشتۇرما ھۆججەت بولمىغان ۋاقىتتا چەك تاشلاش يولغا قويۇلغان. info