அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு

பக்க எண்:close

external-link copy
23 : 3

أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ أُوتُواْ نَصِيبٗا مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ يُدۡعَوۡنَ إِلَىٰ كِتَٰبِ ٱللَّهِ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَهُمۡ ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٞ مِّنۡهُمۡ وَهُم مُّعۡرِضُونَ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! تەۋراتنىڭ ئىلمىدىن ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى بىلدۈرىدىغان ئىلىملەردىن نېسىۋە بېرىلگەن يەھۇدىلارنىڭ ھالىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا ئىختىلاپ قىلىشسا، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان تەۋراتقا مۇراجىئەت قىلىشنى دەۋا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرى ۋە كاتىۋاشلىرىدىن بىر قىسمى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ نەپسى-خاھىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى تەۋراتنىڭ ھۆكمىگە ئەگەشكۈچى دەپ ئويلىغاندىن كېيىن، باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا ئۇلار تىزراق بۇ ھۆكۈمگە بويسۇنىشى زۆرۈر ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 3

ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُواْ لَن تَمَسَّنَا ٱلنَّارُ إِلَّآ أَيَّامٗا مَّعۡدُودَٰتٖۖ وَغَرَّهُمۡ فِي دِينِهِم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ

ئۇلارنىڭ ھەقتىن بۇرۇلۇپ يۈز ئۆرۈشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخ بىزنى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ، ئاندىن بىز جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلايدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ يالغان-توقۇلما، باتىللىرى ئالداپ قويۇش سەۋەبلىك، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەت قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 3

فَكَيۡفَ إِذَا جَمَعۡنَٰهُمۡ لِيَوۡمٖ لَّا رَيۡبَ فِيهِ وَوُفِّيَتۡ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا كَسَبَتۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ

كېلىشى شەكسىز بولغان قىيامەت كۈنىدە، ئۇلارنى ھېساب ئۈچۈن توپلىغىنىمىزدا، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ مىقدارىدا جازالايمىز ياكى مۇكاپاتلايمىز، ئۇلارغا ياخشىلىقىنى كىمەيتىش ۋە يامانلىقىنى زىيادە قىلىپ قويۇش بىلەن زۇلۇم قىلىنمايدىغان، پۇشايمان پايدا بەرمەيدىغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولاپ كېتەر؟!. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 3

قُلِ ٱللَّهُمَّ مَٰلِكَ ٱلۡمُلۡكِ تُؤۡتِي ٱلۡمُلۡكَ مَن تَشَآءُ وَتَنزِعُ ٱلۡمُلۡكَ مِمَّن تَشَآءُ وَتُعِزُّ مَن تَشَآءُ وَتُذِلُّ مَن تَشَآءُۖ بِيَدِكَ ٱلۡخَيۡرُۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! پەرۋەردىگارىڭنى مەدھىيلەپ ۋە ئۇلۇغلاپ ئېيتقىنكى: ئى ئاللاھ! سەن دۇنيا-ئاخىرەتتىكى بارلىق پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى، خەلقىڭدىن خالىغان كىشىگە پادىشاھلىقنى بېرىسە، خالىغان كىشىدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن، ئۇلاردىن خالىغاننى ئەزىز قىلىسەن، خالىغاننى خار قىلىسەن، بۇنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ھېكمىتىڭ ۋە ئادىللىقىڭدۇر، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 3

تُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَتُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِۖ وَتُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَتُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتَ مِنَ ٱلۡحَيِّۖ وَتَرۡزُقُ مَن تَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٖ

سېنىڭ قۇدرىتىڭنىڭ نامايەندىسىدىن، سەن كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈز ۋاقتى ئۈزۇن بولىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن كېچە ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ، كاپىردىن مۆئمىننى ۋە ئۇرۇقچىدىن زىرائەتنى چىقارغانغا ئوخشاش جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، مۆئمىندىن كاپىرنى ۋە توخۇدىن تۇخۇمنى چىقارغانغا ئوخشاش جانلىقتىن جانسىزنى چىقىرىسەن، ئۆزۇڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز، كەڭ-تاشا رىزىق بىرىسەن. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 3

لَّا يَتَّخِذِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۖ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ فَلَيۡسَ مِنَ ٱللَّهِ فِي شَيۡءٍ إِلَّآ أَن تَتَّقُواْ مِنۡهُمۡ تُقَىٰةٗۗ وَيُحَذِّرُكُمُ ٱللَّهُ نَفۡسَهُۥۗ وَإِلَى ٱللَّهِ ٱلۡمَصِيرُ

ئى مۆئمىنلەر! مۆئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى ياخشى كۆرۈپ ئۇلارنى ياردەمچى ۋە يېقىن دوست قىلىۋالماڭلار، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ، ئاللاھمۇ ئۇ كىشىدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئەنسىرىسە، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاداۋەتنى يوشۇرۇپ چىرايلىق سۆز-ھەرىكەت بىلەن مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، خاتالىق سادىر قىلىپ ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچرىماڭلار، بەندىلەرنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتى ئۈچۈن يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 3

قُلۡ إِن تُخۡفُواْ مَا فِي صُدُورِكُمۡ أَوۡ تُبۡدُوهُ يَعۡلَمۡهُ ٱللَّهُۗ وَيَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: دىلىلىڭلاردىكى ئاللاھ سىلەرنى چەكلىگەن كاپىرلارنى دوست تۇتىدىغان ئىشلارنى يوشۇرۇڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ ئاسمان-زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ھېچ نەرسە ئاللاھنى ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ. info
التفاسير:
இப்பக்கத்தின் வசனங்களிலுள்ள பயன்கள்:
• أن التوفيق والهداية من الله تعالى، والعلم - وإن كثر وبلغ صاحبه أعلى المراتب - إن لم يصاحبه توفيق الله لم ينتفع به المرء.
تەۋپىق ۋە ھىدايەت ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ، گەرچە ئىنسان ئىلىمدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلمىسا، ئۇ ئىلىم ئىگىسىگە ھېچ مەنپەئەت بەرمەيدۇ. info

• أن الملك لله تعالى، فهو المعطي المانع، المعز المذل، بيده الخير كله، وإليه يرجع الأمر كله، فلا يُسأل أحد سواه.
شۈبھىسىزكى، پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنى ئاللاھ بەرگۈچىدۇر ۋە تارتىپ ئالغۇچىدۇر، ئەزىز قىلغۇچىدۇر ۋە خار قىلغۇچىدۇر، ھەممە ياخشىلىق ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا قايتىدۇ، ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشىدىن ھاجەت سورالمايدۇ. info

• خطورة تولي الكافرين، حيث توعَّد الله فاعله بالبراءة منه وبالحساب يوم القيامة.
كاپىرلارنى دوست تۇتۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، ئۇنداق قىلغانلاردىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئادا-جۇدا ئىكەنلىكى ۋە قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭدىن قاتتىق ھېساب ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى. info