அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு

பக்க எண்:close

external-link copy
30 : 3

يَوۡمَ تَجِدُ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا عَمِلَتۡ مِنۡ خَيۡرٖ مُّحۡضَرٗا وَمَا عَمِلَتۡ مِن سُوٓءٖ تَوَدُّ لَوۡ أَنَّ بَيۡنَهَا وَبَيۡنَهُۥٓ أَمَدَۢا بَعِيدٗاۗ وَيُحَذِّرُكُمُ ٱللَّهُ نَفۡسَهُۥۗ وَٱللَّهُ رَءُوفُۢ بِٱلۡعِبَادِ

قىيامەت كۈنى ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ ئالدىغا قىلغان ياخشىلىقلىرى كىمەيتىلمەستىن كەلتۈرىلىدۇ، يامان ئىش قىلغان كىشى بولسا ئۆزى بىلەن قىلغان يامانلىقىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن بىر مۇساپە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئارزۇسى نەدە قالدى!) ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچرىماڭلار، ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىبان بولغاچقا، ئۇلارنى قورقۇتۇپ، ئاگاھلاندۇردى info
التفاسير:

external-link copy
31 : 3

قُلۡ إِن كُنتُمۡ تُحِبُّونَ ٱللَّهَ فَٱتَّبِعُونِي يُحۡبِبۡكُمُ ٱللَّهُ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡ ذُنُوبَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ھەقىقى ياخشى كۆرسەڭلار، قەلبىڭلار ۋە ئەمەلىيتىڭلار بىلەن مەن ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئەگەشسەڭلار، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىسىلەر، گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 3

قُلۡ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَۖ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡكَٰفِرِينَ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىسەڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆزىنىڭ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغۇچى كاپىرلارنى .ياقتۇرمايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
33 : 3

۞ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰٓ ءَادَمَ وَنُوحٗا وَءَالَ إِبۡرَٰهِيمَ وَءَالَ عِمۡرَٰنَ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ

ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى، ئۇنىڭغا پەرىشتىلىەرنى سەجدە قىلدۈردى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنى تاللاپ، زېمىن ئەھلىگە ئەۋەتىلگەن تۇنجى ئەلچى قىلدى، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىنى تاللاپ پەيغەمبەرلىكنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدا قىلدى، ئىمران ئەۋلادىنى تاللىدى، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاللاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانداشلىرى ئارىسىدا پەزىلەتلىك قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 3

ذُرِّيَّةَۢ بَعۡضُهَا مِنۢ بَعۡضٖۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

پەيغەمبەرلەردىن يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كىلىپ ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلشتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلىرىدىن بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى قالدۇرىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلاردىن ئۆزى خالىغان كىشىنى تاللايدۇ ۋە خالىغان كىشىنى پەيغەمبەر قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 3

إِذۡ قَالَتِ ٱمۡرَأَتُ عِمۡرَٰنَ رَبِّ إِنِّي نَذَرۡتُ لَكَ مَا فِي بَطۡنِي مُحَرَّرٗا فَتَقَبَّلۡ مِنِّيٓۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ دېگەن مۇنۇ سۆزىنى ئەسلە: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى دۇنيا ئىشلىرىدىن ئازاد قىلىنغان ھالدا پەقەت سېنىڭ ۋە سېنىڭ بەيتىڭنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئاتىدىم، مېنىڭ بۇ نەزىرەمنى قوبۇل قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن مېنىڭ دۇئايىمنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە نىيىتىمنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇرسەن. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 3

فَلَمَّا وَضَعَتۡهَا قَالَتۡ رَبِّ إِنِّي وَضَعۡتُهَآ أُنثَىٰ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا وَضَعَتۡ وَلَيۡسَ ٱلذَّكَرُ كَٱلۡأُنثَىٰۖ وَإِنِّي سَمَّيۡتُهَا مَرۡيَمَ وَإِنِّيٓ أُعِيذُهَا بِكَ وَذُرِّيَّتَهَا مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ ٱلرَّجِيمِ

ھامىلدارلىق مۇددىتى توشۇپ بوۋاقنى تۇققان ۋاقتىدا، تۇغۇلغان بوۋاق قىز بولغانلىقى ئۈچۈن (ئىمراننىڭ ئايالى بوۋاقنىڭ ئوغۇل بولىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى) ئۈزۈر ئېيتىپ: ئى پەرۋەردىگارىم قىز تۇغدۇم دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ، ئۇ تەلەپ قىلغان ئوغۇل يارىتىلىش ۋە قۇۋۋەتتە ئاتا قىلىنغان قىزغا ئوخشاش ئەمەس، ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى: مەن ئۇنى مەريەم دەپ ئاتىدىم، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ سېنىڭ رەھمىتىڭدىن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 3

فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُولٍ حَسَنٖ وَأَنۢبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنٗا وَكَفَّلَهَا زَكَرِيَّاۖ كُلَّمَا دَخَلَ عَلَيۡهَا زَكَرِيَّا ٱلۡمِحۡرَابَ وَجَدَ عِندَهَا رِزۡقٗاۖ قَالَ يَٰمَرۡيَمُ أَنَّىٰ لَكِ هَٰذَاۖ قَالَتۡ هُوَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ إِنَّ ٱللَّهَ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٍ

ئۇنىڭ نەزىرىسىنى ئاللاھ چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلدى، ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن سالىھ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلدى، ئۇنىڭ خىزمىتىگە زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنى كېپىل قىلدى، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا ياخشى يىمەكلىكلەرنى ئۇچرىتاتتى ۋە ئۇنىڭغا: ئى مەريەم! بۇ يىمەكلىك ساڭا قەيەردىن كەلدى؟ دەيتتى، مەريەم ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: بۇ يىمەك ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن كەلدى دەيتتى، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا ـ مۇشەققەتسىزلا) ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ. info
التفاسير:
இப்பக்கத்தின் வசனங்களிலுள்ள பயன்கள்:
• عظم مقام الله وشدة عقوبته تجعل العاقل على حذر من مخالفة أمره تعالى.
ئاللاھنىڭ ماقامىنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ئازابىنىڭ قاتتىقلىقى ئەقىللىق كىشىنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. info

• برهان المحبة الحقة لله ولرسوله باتباع الشرع أمرًا ونهيًا، وأما دعوى المحبة بلا اتباع فلا تنفع صاحبها.
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشنىڭ دەلىلى: بۇيرۇق ۋە چەكلىمىدە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەگىشىشتۇر، ئەمما ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشمەستىن، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈمەن دېيىش قۇرۇق داۋادىن ئىبارەتتۇر. info

• أن الله تعالى يختار من يشاء من عباده ويصطفيهم للنبوة والعبادة بحكمته ورحمته، وقد يخصهم بآيات خارقة للعادة.
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدىن خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ ھېكمىتى ۋە رەھمىتى بىلەن پەيغەمبەرلىككە ۋە ئىبادەتكە تاللايدۇ، ئۇلارغا ئادەتتىن تاشقىرى بەزى مۆجىزىلەرنى خاس قىلىدۇ. info