Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - Përkthimi ujgurisht - Muhamed Salih

Numri i faqes:close

external-link copy
74 : 7

وَٱذۡكُرُوٓاْ إِذۡ جَعَلَكُمۡ خُلَفَآءَ مِنۢ بَعۡدِ عَادٖ وَبَوَّأَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ تَتَّخِذُونَ مِن سُهُولِهَا قُصُورٗا وَتَنۡحِتُونَ ٱلۡجِبَالَ بُيُوتٗاۖ فَٱذۡكُرُوٓاْ ءَالَآءَ ٱللَّهِ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ

ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدى، سىلەرنى (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىرىگە ئىمارەتلەر سالدىڭلار، تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەر ياسىدىڭلار. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېدى[74]. info
التفاسير:

external-link copy
75 : 7

قَالَ ٱلۡمَلَأُ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ مِن قَوۡمِهِۦ لِلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُواْ لِمَنۡ ءَامَنَ مِنۡهُمۡ أَتَعۡلَمُونَ أَنَّ صَٰلِحٗا مُّرۡسَلٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قَالُوٓاْ إِنَّا بِمَآ أُرۡسِلَ بِهِۦ مُؤۡمِنُونَ

ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى[75]. info
التفاسير:

external-link copy
76 : 7

قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا بِٱلَّذِيٓ ءَامَنتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ

ھېلىقى تەكەببۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى[76]. info
التفاسير:

external-link copy
77 : 7

فَعَقَرُواْ ٱلنَّاقَةَ وَعَتَوۡاْ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهِمۡ وَقَالُواْ يَٰصَٰلِحُ ٱئۡتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە ئى سالىھ «راستتىنلا پەيغەمبەرلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى[77]. info
التفاسير:

external-link copy
78 : 7

فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلرَّجۡفَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دَارِهِمۡ جَٰثِمِينَ

ئۇلارغا قاتتىق ئازاب يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى[78]. info
التفاسير:

external-link copy
79 : 7

فَتَوَلَّىٰ عَنۡهُمۡ وَقَالَ يَٰقَوۡمِ لَقَدۡ أَبۡلَغۡتُكُمۡ رِسَالَةَ رَبِّي وَنَصَحۡتُ لَكُمۡ وَلَٰكِن لَّا تُحِبُّونَ ٱلنَّٰصِحِينَ

ئۇ (ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن) ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى[79]. info
التفاسير:

external-link copy
80 : 7

وَلُوطًا إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ أَتَأۡتُونَ ٱلۡفَٰحِشَةَ مَا سَبَقَكُم بِهَا مِنۡ أَحَدٖ مِّنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ

لۇتنى (ئەھلى سەدومغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆز قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ مۇنداق قەبىھ ئىشنى سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېچقانداق ئادەم قىلمىغان ئىدى[80]. info
التفاسير:

external-link copy
81 : 7

إِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلرِّجَالَ شَهۡوَةٗ مِّن دُونِ ٱلنِّسَآءِۚ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٞ مُّسۡرِفُونَ

سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرىسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»[81]. info
التفاسير: